1.2 ياپقۇچنى ئېچىشتا ئىشلىتىلىدىغان سايمانلار ئوقۇتۇش مەقسىدى : بىلىم نىشانى :پىشاڭدىن ئىبارەت بۇ ئاددى مېخانىزىمنى تونۇش،پىشاڭدىكى ئۇز نۇقتا يەنى ئېغىرلىق نۇقتىسى، تايىنىش نۇقتىسى، ۋە كۈچ نۇقتىسىنى بىلىۋېلىش ؛تۇرمۇشتىكى پىشاڭ ئىشلىتىلگەن مىساللارنى تېپىپ ،پىشاڭنىڭ رولىنى سۆزلەش . ئىقتىدار نىشانى :پائالىيەت جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىش ئىقتىدارى ۋە ئۇنۋېرسال تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۇرۇپ ،ياپقۇچنى ئېچىش جەريانىدا مەسىلە بايقاش ۋە شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تەھلىلىنى ئېلىپ بارالايدىغان بولۇش. ھىسسىيات ،پوزىتسىيە ،قىممەت قارىشى :ئۇدا داۋاملاشقان ئىلىم –پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالاش .ئەستايىدىللىق كۆزىتىش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا خۇشاللىقنى ھېس قىلىش ۋە باشتىن كەچۇرۇش ئوقۇتۇش مۇھىم ،قىيىن نۇقتىسى :پىشاڭدىكى ئۇچ نۇقتىنى تونۇپ ،ئۆزلەشتۇرۋېلىش ؛ھەرخىل پىشاڭلارنىڭ تايىنىش نۇقتىسىنى تېپىش . ئوقۇتۇش تەييارلىغى : ئوقۇغۇچىلار تەييارلىغى :تۇرمۇشتا دائىم ئىشلىتىدىغان سايمانلاردىن (قايچا، ئامبۇر، موچىن )قاتارلىقلارنى تېپىپ كېلىش . ئوقۇتقۇچى تەييارلىغى :ئىچى بوش سىر تۇڭى ، تومۇر پارچىسى (ياكى پولات گەز )،ئەينەك ئىچىملىك قۇتىسى ، بوتۇلكا ئاچقۇچ . ئوقۇتۇش ھەققىدە تەكلىپ : 1.ئوقۇتقۇچى تەييارلىغان كۆزىتىش قوراللىرى بىرقەدەر چوڭراق بولىشى ،ئوقۇغۇچىالرنىڭ كۆزىتىشىگە قولايلىق بولىشى كېرەك . 2. بوتۇلكا ئاچقۇچ بىلەن بوتۇلكا ئاغزىنى ئاچقاندا ئىككى نۇقتىنى تەكىتلەش كېرەك :بىرى سۇرئەت ئاستا بولىشى ، يەنە بىرى تەرتىپ بويىچە ئىشلەش كېرەك . 3. تەجرىبىنىڭ ئۇنۇمىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى دەرستىن ئىلگىرى ئەينەك ئىچىملىك بوتۇلكىسى تارقىتىپ بېرىش كېرەك . 4. بۇ دەرس لايىھەسى زامانىۋى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى كامچىل مەكتەپلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ئالاھىدە ماس كېلىدۇ . ئوقۇتۇش جەريانى : مەنزىرە پەيدا قىلىپ ،يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش : 1. قانداق قىلغاندا بۇ بىر دانە چوڭ تاشنى يوتكىگىلى بولىدۇ ؟ توۋەندىكى رەسىمگە قاراپ بېقىڭلار . 2. بىز كۇندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئىشلارنى بەزى سايمانلارنىڭ ياردىمىدە ياخشى بېجىرەلەيمىز .بىز بۇگۇن مانا مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش بولغان «ياپقۇچنى ئېچىشتا ئىشلىتىلىدىغان سايمانلار ››نى تەتقىق قىلىىمىز . تەجرىبىنى كۆزىتىش ۋە يېڭى بىلىمنى تەتقىق قىلىش 1.كۆرسەتمىنى كۆرسۇتۇش :بۇ بىر دانە سىر قۇتىسى ، ناۋادا بۇ سىر قۇتىسىنىڭ ئاغزىنى ئاچماقچى بولساق ،قانداق ئەسۋاپ ئىشلەتسەك ئەڭ ئاسان ، ئەڭ قولايلىق بولىدۇ ؟ 2. 1 ) ئوقۇغۇچىلار تەھلىل قىلىدۇ . 2)خۇلاسە : كىچىك تومۇر پارچىسى ئىشلەتسەك ئەڭ ئاسان ، ئەڭ قولايلىق بولىدۇ . 3) ‹1›كىچىك گۇرۇپىلار بويىچە تەجرىبە ئىشلەش . (دىققەت قىلىدىغان نۇقتا :سىر قۇتىسىنى ئېچىش جەريانىدا ياپقۇچ بىلەن كىچىك تومۇر پارچىسىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى ئوتتۇرسىدىكى ئورۇن ئۆزگۇرۇشىنى كۆزىتىپ خاتىرلەشكە ئەھمىيەت بېرىش . ) ‹2›ئوقۇغۇچىلار تەجرىبە نەتىجىسىنى دوكلاد قىلىش ‹3›ئوقۇتقۇچى يېتەكلەش :كىچىك تومۇر پارچىسىنىڭ بىر ئۇچىنى تۆۋەنگە باسقان چېغىمىزدا ياپقۇچنىڭ ئاستىغا كىرگۇزۇلگەن يەنە بىر ئۇچى نېمە ئۈچۈن ئۇستىگە كۆتۇرۇلۇپ كېتىدۇ ؟ ‹4›كۆرسەتمىدىن كېيىن چۇشەندۇرۇش : سىر قۇتىسىنىڭ ئاغزىنى ئاچقان تومۇت پارچىسىغا ئوخشاش مۇقىم بىر نۇقتىنى تايىنىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ ،تاينىش نۇقتىسىنى بويلاپ جىسىمنى كۆتۇرىدىغان مۇنداق ئاددى مېخانىزىمنى پىشاڭ دەپ ئاتايمىز . تومۇر پارچىسىدىكى كۈچ ئىشلەتكەن نۇقتا كۈچ نۇقتىسى، جىسىمنى كۆتۇرىدىغان نۇقتا ئېغىرلىق نۇقتىسى، تىرەش رولىنى ئوينايدىغان نۇقتا تايىنىش نۇقتىسى ياكى تىرەش نۇقتىسى دەپ ئاتىلىدۇ . ‹5›يەنە بىر قېتىم تەجرىبە ئىشلەپ ،پىشاڭدىكى ئۇچ نۇقتا يەنى كۈچ نۇقتىسى ( F)، ئېغىرلىق نۇقتىسى ( L )، تايىنىش نۇقتىسى (E ) نى تېپىپ چىقىڭلار . ‹6›چۇشەندۇرۇش رەسىمىنى سىزىپ ، رەسىم ئۇستىگە ھەرپ بىلەن ئۇچ نۇقتىنى ئىپادىلەش 3.ئىچىملىك قۇتىسى ئاغزىنى ئېچىش 1)ئەينەك قۇتىغا قاچىلانغان ئىچىملىكنى ئىچكەن چېغىمىزدا دائىم بوتۇلكا ئاچقۇچ ئىشلىتىمىز . سىز بۇ خىل ھەركەتنى كۆرۇپ باققانمۇ ؟ 2)بوتۇلكا ئاچقۇچ بىلەن بىر ئىچىملىك قۇتىسىنى ئېچىپ بېقىڭ ،بوتۇلكا ئاغزىنى ئاچقاندا ،بوتۇلكا ئاچقۇچ بىلەن بوتۇلكا ئاغزىنىڭ ئايرىم –ئايرىم قانداق ھەركەت قىلىدىغانلىغىنى كۆزىتىڭ . 3)ئوقۇغۇچىلار تەجرىبە ئىشلەپ، بوتۇلكا ئاچقۇچ بىلەن ياپقۇچنى ئېچىش جەريانىنى تەپسىلى كۆزىتىپ، خاتىرلەش . 4)سىر قۇتىسىنىڭ ئاغزىنى ئېچىشتا ئىشلىتىلگەن ياپىلاق تومۇر بىلەن ئىچىملىك قۇتىسى ئاغزىنى ئېچىشتا ئىشلىتىلگەن بوتۇلكا ئاچقۇچنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۇڭ . 5)تەجرىبە نەتىجىسىنى دوكلاد قىلىش 6)بوتۇلكا ئاغزىنى ئاچقۇچ پىشاڭ ھېساپلىنامدۇ ؟ 7)ئەگەر ئۇ پىشاڭ ھېساپلانسا ئۇنىڭ ئېغىرلىق نۇقتىسى، كۈچ نۇقتىسى، تايىنىش نۇقتىسى قايسى ؟سىز ئۇنى سىزىپ كۆرسۇتەلەمسىز ؟ 8)دوسكىغا سىزىپ كۆرسۇتىلىدۇ . 9)مۇھاكىمە : سىر قۇتىسىنىڭ ئاغزىنى ئاچقاندىكى تومۇر پارچىسى بىلەن ئىچىملىك قۇتىسىنىڭ ئاغزىنى ئاچقاندىكى بوتۇلكا ئاچقۇچنىڭ ئىش ئىشلەش جەريانىدا قانداق ئوخشاشلىق ۋە ئوخشىماسلىق بار ؟(ئوقۇغۇچىلار رەسىمگە ئاساسەن ئوخشاشلىق ۋە ئوخشىماسلىق تەرەپلىرىنى تېپىپ چىقىدۇ . ) 10)خۇلاسە : ئوخشايدىغان تەرىپى بولسا ھەر ئىككىلىسىدە پىشاڭنىڭ ئۇچ نۇقتىسى بار ،ھەرئىككىلىسى كۈچ تېجەيدۇ . ئوخشىمايدىغان تەرىپى پىشاڭنىڭ تايىنىش نۇقتىسى ئوخشىمايدۇ . 4. پىشاڭنىڭ كۇندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىشلىتىلىشى 1) پىشاڭنىڭ كۇندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىشلىتىلىش ئورۇنلىرى ناھايىتى كەڭرى ،ئويلاپ بېقىڭ قانداق جايلاردا پىشاڭ ئىشلىتىلىدۇ ؟ (نەرسىلەرنىڭ ئېغىرلىغىنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدىغان تارازا ، ئىنتايىن كىچىك ،نازۇك نەرسىلەرنى قىسىپ ئېلىشتا ئىشلىتىلىدىغان موچىن، بالىلار ئوينايدىغان لىڭگىر تاق –تاق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئامبۇر، قايچا، چوكا، قارماق دەستىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پىشاڭدۇر . ) 2)سىز نامىنى ئاتىغان پىشاڭلارنىڭ ئۇچ نۇقتىسىنىڭ ئورنىنى تېپىپ بېرەلەمسىز ؟ تاپشۇرۇق : دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا داۋاملىق تۇردە پىشاڭنى تەتقىق قىلىپ كۆرۇپ بېقىڭلار .يەنە قانداق يېڭى بايقاشلارغا ئېرىشىسىلەركىن؟
|