ئىلىم –پەن 6 -يىللىق 1-قىسىم قۇمۇل لۇنېڭ ئۇمىد مەكتىۋىدىن : ئايشەمگۈل راخمان بىرىنچى بولەك :مېخانىزىم ۋە سايمانلار بىز تۇرمۇشىمىزدا ھەر دائىم مېخانىزىم ۋە سايمانلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز ھەمدە تۈرلۈك مېجانىزىم ۋە سايمانلارنى ئىشلىتىپ تۇرىمىز.مېخانىزىم ۋە سايمانلار تۇرمۇشىمىزدا زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىپ ،ۋاقتىمىز ۋە زېھنىمىزنى تېجەپلا قالماي ،يەنە چامىمىز يەتمەيدىغان نۇرغۇن خىزمەتلىرىمىزنى قولايلىقلاشتۇردى ،مېخانىزىم ۋە سايمانلارنى لايىھىلەش ۋە ياساش جەريانىدا ،بىز بارغانسېرى زېرەكلىشىپ كېتىۋاتىمىز. 1.1. بىز دائىم ئىشلىتىدىغان سايمانلار ئوقۇتۇش نىشانى : بىلىم نىشانى : باشقىلارغا دائىم ئىشلىتىدىغان سايمانلارنىڭ بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلىرى ،ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى چۇشەندۇرەلەيدىغان بولۇش. ئىقتىدار نىشانى : ئەمىلىيەت جەريانىدا ئىلىم –پەن مەسىلىلىرىنى قولاي ھالدا ھەل قىلىشنى سىناپ بېقىش (ئادەتتىكى مىق ۋە بۇرمىلىق مىقنى تارتىپ چىقىرىش )،شۇنداقلا تېخىمۇ كوپ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ،پىلانلىق ھالدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش. ھىسسىيات ،پوزىتسىيە ،قىممەت قارىشى :سايمانلارغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا قىلىش ،ساۋاغداشلىرى بىلەن خۇشال ھالدا ھەمكارلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى خالاش ،شۇنداقلا ئۆزىنىڭ سايمانلارغا بولغان تونۇشىنى كېڭەيتىش . ئوقۇتۇش مۇھىم ،قىيىن نۇقتىسى :ئادەتتىكى مىق ۋە بۇرمىلىق مىقنى يۇلۇشنى تەتقىق قىلىش پائاليىتى ئارقىلىق بايقاش ،بايقىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ،شۇنداقلا پىلانلىق ھالدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلەش ،كىچىك گۇرۇپا ئىچىدە ئىشلەتكىلى بولىدىغان ،ئەمەلى تەتقىقات پىلانى تۇزەپ چىقىش . ئوقۇتۇش تەييارلىقى : ئوقۇغۇچىلار تەييارلىقى :ئوقۇغۇچىلار پىلان جەدۋىلى ،تەكشۇرۇش جەدۋىلى ،ھەرخىل ئىشلىتىدىغان سايمانلاردىن (بۇرمىلىق مىق ، قايچا، ئامبۇر ، بولقا .....)تەييارلاپ كېلىش . ئوقۇتقۇچى تەييارلىقى :ئەستايىدىللىق بىلەن بىر يۇرۇش ماتىرياللارنى تەييارلاش (بىر دانە ياغاچ تاختاي ئۇستىگە بىر دانە ئادەتتىكى مىق ۋە بۇرمىلىق مىقنى ئۇرۇپ كىرگۇزۇش . ) ئوقۇتۇش ھەققىدە تەكلىپ :بۇ دەرستە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سايمانلارغا بولغان قىزىقىشىنى يېتىلدۇرۇش كېرەك . شۇڭا ئوقۇتقۇچى بەلگىلىك ۋاقىت چىقىرىپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوپ خىل سايمانلارنى ئىشلىتىپ ، ئادەتتىكى مىق ۋە بۇرمىلىق مىقنى تارتىپ چىقىرىش پائاليىتىگە ئورۇنلاشتۇرىشى ،ئەستايىدىللىق بىلەن ئوخشىمىغان سايمانلارنىڭ كۇچ تېجەش –تېجىمەسلىكىنى ،قولايلىق ياكى قولايلىق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىشقا يېتەكلەش ، شۇنىڭدەك ئوقۇغۇچىلارنى يېتەرلىك ئەمىلىيەت ئاساسىدا مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشقا يېتەكلەش كېرەك .تەتقىقات پىلانى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتقىقاتنى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىشقا ياردەم قىلىدۇ ،بۇ دەرس مۇشۇ دەرسلىكنىڭ شۇنداقلا مۇشۇ بولەكنىڭ مۇقەددىمىسى ،شۇڭا تەتقىقات پىلانىنى تۇزەشكە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە بېكىتىشنى ، مۇشۇ دەرس سائىتىدە تاماملاپ بولۇشنى تەكلىپ قىلىمىز. ئوقۇتۇش جەريانى : يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش : 1.(قۇراشتۇرىلىپ ئىشلىتىلىدىغان سايمان ساندۇغىنى ئېلىپ ، ئۇنىڭ ئىچىدىن بىر تال تومۇرنى ئېلىپ ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسۇتۇش ) سۇئال :بۇ بىر تال تومۇر بىلەن نېمە ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ ؟ئازراق نەرسە قوشساق يەنە قانداق ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ ؟(بىستەر ، كىچىك تومۇر پارچىسى ، ئەتۋىركە قاتارلىقلارنى قوشساق بولقا قاتارلىق سايمانلارغا ئۆزگىرىدۇ ) ئەگەر مۇشۇنداق ئىككى تومۇر تاياقچە بولسا نېمە ياسىغىلى بولىدۇ ؟ نېمە قىلغىلى بولىدۇ ؟(بۇ يەردە ئوقۇغۇچىلار ئىككى تال تومۇر تاياقچە بىلەن مۇنچە جىق ئىشلارنى بولىدىغانلىغىنى ،شۇنداقلا قۇراشتۇرۇلۇپ چىقىلىدىغان سايمانلارنىڭ شۇنچە كوپ ،شۇنچە تونۇش ئىكەنلىكىنى ئويلىيالماي قالىدۇ .شۇڭا ئوقۇتۇش قورالىنى ياسىغاندا نەپىسلىككە ئەھمىيەت بېرىش ، قۇراشتۇرىلىشى جانلىق بولۇش ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .) ئەسلەش :تۇرمۇشىمىزدا دائىم سايمانلارنىڭ ياردىمىدە بەزى ئىشلارنى قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ . ئىلگىرى قانداق سايمانلارنى ئىشلىتىپ كۆرگەنلىكىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بېقىڭ .ئۇلاردىن پايدىلىنىپ قانداق ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ ؟تۇرمۇشىمىزدىكى سايمانلار بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ ؟ (ئۇلارنىڭ جاۋابىدىكى ئوتتۇرىغا چىققان سايمانلارنى كۆرسۇتۇش .ئەسلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش خاراكتىرىدىكى تەپەككۇرنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىش كېرەك .) 2.يېڭى دەرس تېمىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش . بۇگۇندىن باشلاپ بىز ئىلىم –پەن دەرسلىكىمىزنىڭ مۇقەددىمىسىدە بىز دائىم ئىشلىتىدىغان سايمانلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز . دائىم ئىشلىتىلىدىغان سايمانلارنى تونۇشتۇرۇپ بېقىش . 1.ئەمدى ئۆزىڭىز ئىشلىتىپ كۆرگەن سايمانلارنى جەدۋەل تەلىۋى بويىچە تولدۇرۇڭ.
2.پۇتۇن سىنىپ ئىچىدە ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش 3. سىنىپ ئىچىدىكى ئالماشتۇرۇش جەريانىدا بايقىغان مەسىلىلەر ھەققىدە مۇتلەقلەشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش كېرەك .مەسىلەن . بىر خىل سايمان بىلەن قانچە خىل ئىشنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ ؟(بولقا بىلەن مىقنى ئۇرۇپ كىرگۇزگىلى ھەم تارتىپ چىقارغىلى بولىدۇ .)ئوخشاش بولمىغان سايمانلاردىن پايدىلىنىپ قايسى ئوخشاش ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ ؟(ئامبۇر بىلەن بىر نەرسىلەرنى قىسقىلى بولىدۇ، موچىن بىلەنمۇ قايچا بىلەنمۇ قىسقىلى بولىدۇ .)مەلۇم خىل سايماننىڭ مەلۇم خىل ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتا خاسلىغى بولىدۇ .(قايچا بىلەن تىرناق ئېلىش تىرناق ئالغۇچ بىلەن تىرناق ئالغانغا يەتمەيدۇ . ) 4. ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا قانداق بايقاشلارغا ئېرىشتىڭىز ؟ 5.خۇلاسە :كۆپچىلىكنىڭ تونۇشتۇرىشىدىن بىز تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئىشلىتىدىغان نۇرغۇن سايمانلارنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالدۇق .ئۇنداقتا ئويلاپ بېقىڭ ، ئوخشىمىغان سايمانلاردىن پايدىلىنىپ ئوخشاش بىر ئىشنى بېجىرگەندە ھەممىسىدە ئوخشاشلا ھەم كۈچنى تېجىگىلى ھەم قولايلىق،تېز قىلغىلى بولامدۇ ؟(بۇ مەزمۇن ئارقىلىق كېيىنكى مەزمۇنغا يول ئاچقىلى بولىدۇ .) مۇۋاپىق سايمان تاللاش 1.ياغاچ تاختايغا ئۇرۇلغان بىر تال ئادەتتىكى تومۇر مىقنى ۋە بىر تال بۇرما مىقنى تارتىپ چىقىرىشتا سىز قانچە خىل سايماننى ئويلاپ تاپالايسىز ؟قايسى خىل سايمان ئەڭ قولاي ، ئەڭ كۈچ تېجەيدۇ ؟ بۇ ئىشنى قىلىشتا بۇ خىل سايماننى تاللاشتىكى ئاساسىڭىز نېمە ؟(گۇرۇپا ئىچىدە قىسقىچە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىپ ،ئۆزئارا ئالماشتۇرىلىدۇ ) 2.ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ تاللىغان خاھىشى بويىچە قول سېلىپ مەشغۇلات قىلىپ كۆرىدۇ. ( ياغاچ تاختايدىكى ئادەتتىكى تومۇر مىق بىلەن بۇرمىلىق مىقنى كۆزىتىش،ئۆزى تاللىغان سايماننى ئىشلىتىپ ھېس قىلىپ بېقىش ،مۇۋاپىق سايماننى تاللاپ چىقىپ ،سايماننى كۆزىتىش ،قانداق مەسىلى بار ئويلاپ بېقىش، مەشغۇلات جەريانىدا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش. ) 3.سىناپ بېقىش ،تەسىرات ئالماشتۇرۇش ،قايسى سايماننى تاللاپ ئىشلەتكەندە ئادەتتىكى تومۇر مىق بىلەن بۇرمىلىق مىقنى ئاسان چىقارغىلى بولىدىغانلىغىنى چۇشەندۇرۇش. 4.ھازىر ئېلىپ بارغان سىناقتىكى تەسىراتىڭلارغا نىسبەتەن سىزدە بىرەر سۇئال تۇغۇلدىمۇ ؟(ئوقۇتقۇچى يۇقۇرقى بايانلار ئىچىدىن مۇھىم بولغان ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەتقىق قىلىشىغا ئەرزىيدىغان مەسىلىلەرنى تاللاپ چىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ،ئوقۇغۇچىلارنى دەرسخانىنىڭ خوجايىنلىرىغا ئايلاندۇرۇش . ) 5.خۇلاسە :ئوخشاش بولمىغان سايمانلار ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ .سايمانلارنى ئىلمى ئۇسۇلدا ئىشلەتكەندە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئاسان ھەم تېز ھەل قىلىشىمىزغا ياردىمى بولىدۇ . 6.ئۇنداقتا سىز ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ –يوق ؟نېمە ئۈچۈن شۇ سايماننى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز شۇنچە قولاي ،شۇنچە تېز، ھەم كۈچ تېجىگەن ھالدا ئىش ئىشلىيەلەيسىز ؟ (بۇ سۇئال ئارقىلىق كېيىنكى مەزمۇنغا باشلاپ كىرىلىدۇ .) تەتقىقات پىلانى بېكىتىش 1.باياتىدىن ئوقۇغۇچىلار نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغاقويدى .سىزنىڭچە قايسى مەسىلە سىزنىڭ يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ ؟بىز بىرلىكتە تاللاپ باقايلى . 2.قانداق تەتقىق قىلىمىز ؟ئوقۇغۇچىلار ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇڭلار . 3.ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان مەسىلىنى تاللاپ، تەتقىقات پىلانى تۇزەڭ (ئوقۇتقۇچى ئايلىنىپ يۇرۇپ ، مۇۋاپىق يېتەكچىلىك قىلىشى ،ئوقۇغۇچىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدىغان تەتقىقات پىلانى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك .مەسىلەن :سىز قايسى مەسىلىنى تەتقىق قىلماقچى ؟بۇ خىل سايماننىڭ شۇنچە يەڭگىل ھالدا ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالىشىغا قارىتا سىز قانداق پەرەزدە بولىۋاتىسىز ؟سىز قانداق ئۇسۇل بىلەن پەرىزىڭىزنى ئىسپاتلىيالايسىز ؟قايسى خىل سايمانلارنى ئىشلىتىشىڭىز مۇمكىن ؟ 4.تەتقىقات پىلانىنى داۋاملىق مۇھاكىمە قىلىش ۋە يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ياخشىلاش. تەتقىقات پىلانى نۇسخىسى :
تاپشۇرۇق : كۇندىلىك تۇرمۇشتا سىز ئۆزىڭىز بېكىتكەن پىلان بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىڭ تەھىرلىگۇچى:نالە
|