پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇمپايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

كۇچا قايچا-پىچاقلىرى ۋە نەقىشلىك قەلەمتىراشلىرىنى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-06 01:43 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
مۇنداق پىچاق، قايچا، قەلەمتىراشلار يېنىك، چاققان، ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولغاچقا، نۆۋەتتە پىچاقلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى تېز ئاشماقتا.

كۇچا قايچا-پىچاقلىرى ۋە نەقىشلىك قەلەمتىراشلىرىنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى

 

 


 

  1. پىچاق ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئالاھىدە ئېھتىياجلىق ئەسۋاب بولۇپ، پولاتتىن ياسالغان بىر ياكى ئىككى بىسلىق، سېپى بار كېسىش ئەسۋابلىرىنى ھەم سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك ئىستانوكلارنىڭ تىغ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پىچاقلار ئاساسلىقى: قىڭراق، باققال پىچىقى، قاسساپ پىچىقى، ئۈگرە پىچىقى، ئۇستىرا، قەلەمتىراش، قىلىچ، خەنجەر قاتارلىقلار بولۇپ، كۇچادا ئۇزاق تارىخقا ئىگە. مۇنداق پىچاق، قايچا، قەلەمتىراشلار يېنىك، چاققان، ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولغاچقا، نۆۋەتتە پىچاقلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى تېز ئاشماقتا. كۇچا پىچاقلىرى (قەلەمتىراشلار) ئاساسەن كۆزلۈك پىچاق، ئۈچ كۆزلۈك پىچاق، تەيچە پىچاق، قىرلىق پىچاق، كۆپتۈرمە پىچاق، بادام نۇسخىلىق پىچاق، تاپان نۇسخىلىق پىچاق، چېچەكگۈل پىچاق، موزدۇز قايچا-پىچىقى، تىككۈچى قايچا-پىچىقى، گىلەم قايچا-پىچىقى، تۇماقچى قايچا- پىچىقى، جۇۋىچى قايچا-پىچىقى، قاڭالتىر قايچىسى، ئورغاق، ئوتىغۇچ قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قايچا-پىچاق، قەلەمتىراش قاتارلىق تىغلىق، بىسلىق ئەسۋابلارنى ياساشقا كېرەكلىك ماتېرىيال-جابدۇقلار ئاساسلىقى: تۇچ، پولات، قەلەي، مىخ، مۈڭگۈز، سۆڭەك، ياقۇت، بىرىكمە تالا، سۇ، سىلىقلاش مېيى، سوپۇن، چاق، قىسقۇچ، ئۈشكە، سەندەل، بازغان، بولقا، دۇپاي، ئاسۇر، قايچا، شامالچى، قەلەم، قۇم قەغەز، قۇم چاق، كىگىز چاق، كۆمۈر، توك قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ. قايچا-پىچاق تىپىدىكى تىغلىق ئەسۋابلارنىڭ گەۋدىسى تۆمۈردىن، بىسى پولاتتىن تاۋلاپ سوقۇلىدۇ. سوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، بىسىغا سوپۇن ياكى سىلىقلاش مېيى سۈرتۈلۈپ سۇغۇرىلىدۇ. ئاندىن قۇم قەغەز، سۇ ماي بىلەن پارقىرىتىلىدۇ. بۇنداق پىچاقلار پارقىراق، نەپس، ئۆتكۈر ھەم چىداملىق بولىدۇ، ئاسانلىقچە سۇنۇپ كەتمەيدۇ. 1992-يىلى شيې بىن «شىنجاڭغا ساياھەت» ناملىق زىيارەت خاتىرىسىدە كۇچا قايچا-پىچاقلىرىنى تەسۋىرلەپ: «سوقۇلۇشى تولىمۇ نەپىس، كۆركەم ئىكەن. يالتىراپ تۇرىدىكەن. قۇياش نۇرىغا تۇتسا، دولقۇنسىمان سىزىقچىلار غۇۋا كۆرۈنىدىكەن. پۈۋلىسە يېقىملىق ئاۋاز چىقىدىكەن. تۆمۈرنى قىرالايدىكەن، ياغاچنى چورتتىدە كېسەلەيدىكەن، ئەمما بىسى قايرىلمايدىكەن» دەپ يازغانىدى.
 
  2. كۇچا قايچىسى ئاساسلىقى رەخت، قەغەز، قەلەي، پولات چىۋىق قاتارلىق نەرسىلەرنى كېسىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قوش تىغلىق ئەسۋاب بولۇپ، كۇچادا ئۇزاق تارىخقا ئىگە. مىنگو دەۋرىدە كۇچا تىككۈچى قايچىسى، ساتىراش قايچىسى، ساتىراش قايچىسى، تۇماقچى قايچىسى، جۇۋىچى قايچىسى، موزدۇز قايچىسى قاتارلىقلار سوقۇلاتتى. يېقىنقى دەۋرگە كەلگەندە، قاڭالتىر قايچىسى، پولات چىۋىق قايچىسى قاتارلىقلار ياسىلىدىغان بولدى. بۇنداق قايچىلار نەپىس، سىلىق، پارقىراق ھەم ئىتتىك بولىدۇ.
 
  3. قەلەمتىراش تىغ ۋە دەستىسى نىسبەتەن قىسقا، تىغىنى دەستە ئىچىگە قايرىپ يېپىپ قويغىلى ھەم ئاچقىلى بولىدىغان بىر خىل نەپس پىچاق. بۇرۇن كۇچادا ئاساسەن دېگۈدەك سىدام قەلەمتىراش ياسىلاتتى. كېيىن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، نەقىشلىك قەلەمتىراش ياسىلىدىغان بولدى. نەقىشلىك قەلەمتىراش سۈپەتلىك پولاتتىن تاۋلاپ سوقۇلىدۇ. تىغى ئاپتول ياكى سىلىقلاش مېيى بىلەن سۇغۇرىلىدۇ ۋە چاقلاپ پارقىرىتىلىدۇ. تىغىنىڭ ئۇچى يانتۇ ياكى تۈز بولۇپ، تاق تىغلىق، جۈپ تىغلىق دەپ ئايرىلىدۇ. سىپىغا سۆڭەك، مۈڭگۈز، مىس، كۈمۈش ۋە كۆك، قىزىل، يېشىل رەڭلىك ياقۇت ياكى رەڭلىك ئورگانىك ئەينەك پارچىلىرى بىلەن ھەر خىل كۆركەم نەقىشلەر چىقىرىلىدۇ. نەقىشلىك قەلەمتىراشلارنىڭ سىپىنىڭ ئۇچى كەپتەر بېشى، بۈركۈت بېشى، جۈپ بۈركۈت بېشى، بېلىق قۇيرۇقى شەكىللىرىدە ياسىلىدۇ.
 
  4. پىچاق، قەلەمتىراش غىلاپى بۇ، ئادەتتە خۇرۇم ياكى مىستىن ياسىلىدۇ. سىرتقى قىسمى مىس، كۈمۈش سىملار ۋە قىزىل، كۆك، يېشىل ياقۇت دانچىلىرى بىلەن نەقىشلىنىدۇ. پىچاق غىلاپقا سېلىنغاندىن كېيىن، غىلاپ بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ، كۆركەم، نەپس كۆرۈنىدۇ ھەمدە قويۇق مىللىي تۈس ئالىدۇ. كۇچا پىچاقلىرى، بولۇپمۇ نەقىشلىك قەلەمتىراشلار مىللىي ئۇسلۇبتىكى پىچاقلارغا خاس ئالاھىدىلىككە ھەم يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاچقا، مەملىكەت ئىچى ۋە چەت ئەللەرگە داڭلىق، ھەر مىللەت خەلقى ياقتۇرىدىغان ئەتىۋارلىق تۇرمۇش ۋە سەنئەت بۇيۇمى بولۇپ قالدى.

 

(«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى)

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئوسكار ئىسىمنىڭ قويۇلىشى ھەققىدە [ 2011-10-24 15:23:28 ]
[تارىخى بىلىملەر] جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئەڭلەر...... [ 2011-10-24 15:21:36 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دۇنيادىكى 10 چوڭ يالغان گەپ [ 2011-10-24 15:17:18 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلاردىن ئاسانلا قۇتۇلساق بولماس [ 2011-10-24 15:15:45 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇ [ 2011-10-24 15:14:35 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] نەزىرىمىزدىكى دادىلار [ 2011-10-24 15:11:57 ]
[قانۇن تۇزۇم] بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئالا [ 2011-10-24 15:10:35 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ تارىخى توغرىسىدا [ 2011-10-24 15:08:34 ]
[باشقا رەسىملەر] تۇغۇم شاكىلى - سەنئەتلىك دۇنيا [ 2011-10-12 17:19:19 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئۇرۇش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروف [ 2011-10-12 16:31:17 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر