باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا چىڭ تۇت
باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك نۇقتىلار
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىش بىلەن ئۇلارنىڭ تىل - ئەدەبىيات ئاساسىنى تۇرغۇزۇش
باشلانغۇچ مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېيىنكى ئۆرلەپ ئوقۇش ۋە باشقا جەھەتلەرگە بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزىدۇ.
باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تۆۋەن يىللىقلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى تېخى كىچىك بولغاچقا، ئۇلاردا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك، ئاسانلا چېچىلىپ كېتىش، ئۆگەنگەنلىرىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. شۇڭا، باشلانغۇچ مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ھەربىر سائەت تىل - ئەدەبىيات دەرس ئۆتكەندە، تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا دائىر مېتود ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىملا قائىدىسى، خەت يېزىش، كىتاب ئوقۇش ۋە سۆزلەش قاتارلىق نۇقتىلار بويىچە ئاساس سېلىش لازىم.
1. ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىدىكى سوزۇق تاۋۇش ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلارنى پىششىق ئىگىلىتىش لازىم. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېلىپبە قائىدىسى بويىچە، ھەرپلەرنىڭ سۆز ۋە جۈملىلەردىكى يېزىلىش تەرتىپى ھەم شەكىللىرى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار بۇ نۇقتىدا ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك يېتەكلەپ، مەشىقلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ پەرقلەندۈرۈپ ئىشلىتىش ئىقتىدارلىرىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.
2. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغان خېتى ئۆلچەملىك، ئىملاسىنىڭ توغرا بولۇشىنى چىڭ تۇتۇش لازىم. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى خەت يازغۇرغاندا چوقۇم ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىق قائىدىسى بويىچە ئىملانىڭ ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، تېزلىكتىن - چوڭقۇرلۇققا، ئاساندىن قىيىنغا ئۆتۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، يازغۇزۇش ھەم ھۆسنخەت يېزىش، سان - سېپىرلارنى ئۆلچەملىك، توغرا يېزىشقا يېتەكلەش لازىم.
3. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ماھارىتىنى تېزلىتىشتە، ھەر خىل ژانىرلاردىكى تىكىستلارنى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىپ ئوقۇپ يېتەكلەش لازىم.
4. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى توغرا، راۋان قىلىپ بايان قىلىشنى ئۆگەتكەندە، ئۇلارنىڭ نۇتۇق ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپلا قالماي، شەيئىلەرگە قارىتا چوڭقۇر كۆزىتىش، چۈشىنىش، مۇھاكىمە قىلىش تەپەككۇرى يېتىلىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا لوگىكىلىق سۆزلەشكە ئادەتلەندۈرۈپ، تېكىستلەرنى مەزمۇنىغا ئاساسەن بايان قىلىشقا يېتەكلەش لازىم
5. ئوقۇغۇچىلارغا كىچىكىدىنلا تىنىش بەلگىلەرنى تونۇتۇش لازىم. تىنىش بەلگىلەرنى جايىدا ئىشلىتىش ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، تىنىش بەلگىلەر توغرا ئىشلىتىلمىسە سۆزلەرنىڭ مەنىسى ئۆزگىرىپ، خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويۇشى مۇمكىن.
شۇڭا، تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارغا تىنىش بەلگىلەرنى توغرا ئىشلىتىشنى باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ ئىگىلىتىىش لازىم.
6. ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كىتاب ئوقۇش ۋە كۈندىلىك خاتىرە يېزىشقا ئادەتلەندۇرۇش لازىم.
()
«باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا چىڭ تۇت»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كىيىنكى ئەسەر:يوق
- . باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش
- . چاتما رەسىملەرگە قاراپ ماقالە يېزىش ما
- . بىر پارچە رەسىم ئاساسىدا ماقالە يېزىش م
- . تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلار
- . كومپيۇتېر ئارقىلىق قوشۇمچە ئوقۇش–ئوقۇ
- . تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە دەرسلىك
- . 活动:我是小记者
- . 社会教案:好朋友画像
- . 欢度库尔邦节
- . 从幼儿园到我家
- . 认识国旗,国徽
- . 首都北京
- . 为了提高科学课的课堂效果科学教师应该准备哪些素质
- . 浅谈小学数学课堂教学中的互动教学
- . 谈小学数学思维与兴趣培养的一致性
- . 浅谈农村小学数学教学
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . باشلانغۇچ تىل - ئەدەبىيات دەرس مۇن
- . ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتە
- . تىل-ئەدەبىيات دەرسى‹‹جان بېقىشنىڭ قور
- . ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى قاند
- . ماتېماتىكا دەرس ئوقۇتۇشىدا دىققەت
- . ماتېماتىكا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ت
- . باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ
- . ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى ۋە يېڭى دەر
- . ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرقىغا باھا بەرگەند
- . باشلانغۇچ ماتىماتىكا دەرس مۇندەرى