كومپيۇتېر ئارقىلىق قوشۇمچە ئوقۇش–ئوقۇتۇش توغرىس
كومپيۇتېر ئارقىلىق قوشۇمچە ئوقۇش–ئوقۇتۇش توغرىسىدا مۇلاھىزە
ئابلەت ئابدۇرېھىم
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەكتەپلەردە كومپيۇتېرنىڭ تېز ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، كومپيۇتېر ئارقىلىق قوشۇمچە ئوقۇش – ئوقۇتۇش تەرەققىي قىلىپ، ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشتىن كومپيۇتېر ئارقىلىق قوشۇمچە ئوقۇتۇش شەكلىگە ئۆزگەرتىلىپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىدە بىر قەدەر ئىلگىرىلەش بولدى. مېنىڭچە، ئوقۇغۇچىلارنى كومپيۇتېر ئارقىلىق ئوقۇتۇشتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك دەپ قارايمەن:
1.كومپيۇتېر ئارقىلىق قوشۇمچە ئوقۇش – ئوقۇتۇش دېگەنلىك كومپيۇتېرنىڭ ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ھەرىكىتىنى تەقلىد قىلىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ قىسمەن خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ خىل ئوقۇتۇش ئوقۇتۇشنىڭ بىر خىل قوشۇمچە ۋاسىتىسى بولغاچقا، پەقەت قوشۇمچە ئوقۇش – ئوقۇتۇش رولىنىلا ئوينايدۇ، ئۇنى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشىنىڭ ئورنىنىغا پۈتۈنلەي دەسسىتىشكە بولمايدۇ، ئوقۇش – ئوقۇتۇش جەريانى بىر خىل مۇرەككەپ ئىككى تەرەپلىمە پائالىيەت جەريانى بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ‹‹ئوقۇتۇشى›› بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹ئوقۇشى›› ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن بولغاچقا، پەقەت ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئورتاق ئىشتىراك قىلغاندىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ بارلىق ئىنكاسلىرىنى سىستېما بەلگىلەيدۇ. كومپيۇتېر ئارقىلىق ئوقۇتۇشتا ئالاھىدە مەسىلىلەر ۋە ئاندا – ساندا يۈزبەرگەن مەسىلىلەرنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇ پەقەت ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار پىكىر ئالماشتۇرغاندا قىسمەن مۈجىمەل بولغان مەسىلىلەرگە قارىتا ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ھازىر كومپيۇتېر ئارقىلىق قوشۇمچە ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىرقەدەر كەڭ دائىردە ئومۇملىشىپ، بەلگىلىك دەرىجىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ، بەزى ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتكەندە كومپيۇتېرنى ئۆزىنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ئۆزى بولسا مەشغۇلاتچىلىق رولىنى ئۆتۈۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلاردا بولسا كومپيۇتېرغا ئەگىشىپ پاسسىپ ئۆگىنىدىغان خاھىشلارمۇ كۆرۈلۈۋاتىدۇ. روشەنكى، بۇ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئۈنۈملۈك بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش شارائىتىغا ئىگە بولالماي، ئوقۇتۇش بىلەن ئوقۇش يىراقلاپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتۇشتا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى بىلىش كېرەك.
2.دەرسخانا ئوقۇش – ئوقۇشىدا، كۆپ خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قوشۇمچە ئوقۇ – ئوقۇتۇشنى تەدبىقلاشتا ئوقۇش – ئوقۇتۇشنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئوخشاشمىغان ئوقۇش – ئوقۇتۇش نىشانى، ئوقۇش – ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا قاراپ بېكىتىش كېرەك. كومپىيوتېر ئارقىلىق قوشۇمچە ئوقۇش – ئوقۇتۇشتا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا، دەرسلىك ئوقۇتۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، سىستېمىلىق، ئىلمىي لايىھەلەشكە ئاساسەن ئىشلەتسە، ئوقۇ – ئوقۇتۇشقا تېخىمۇ قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ، دەرسخانا ئوقۇ – ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
3.بەزى دەرسلىكلەردىكى مەزمۇنلار بىرقەدەر ئابىستىراكىت بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرمەك بىر قەدەر قىيىنراق بولىدۇ. مەسىلەن: فىزىكا دەرسىدىكى تەۋرىنىش، ئېلېكتىرون ماگنت دولقۇنى قاتارلىق مەزمۇنلارنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمىغاچقا، ئوقۇغۇچىلار ئاسان چۈشىنەلمەيدۇ، ئەگەر ئۇنى كومپيۇتېر ئارقىلىق تەقلىد قىلغاندا، ئوبرازلىق بولىدۇ ھەم كۆرگىلى بولىدۇ. بەزى خەتەرلىك بولغان تەجرىبىلىرىنى، مەسىلەن: پارتلاش، مىكروب پائالىيىتى ۋە باشقىلارنى كومپيۇتېر ئارقىلىق تەقلىد قىلغاندا، ئەمەلىي مەشغۇلاتقا ئوخشاش ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ ھەم خەتىرى بولمايدۇ. ‹‹ساختىنى راستنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش›› نى كومپيۇتېرغا خاس ئۆزگىچە ئىقتىدار دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. كومپيۇتېر ئارقىلىق قوشۇمچە ئوقۇش – ئوقۇتۇش بىر خىل يېڭىچە ئوقۇش – ئوقۇتۇش شەكلى بولۇپ، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار ھەتتا مائارىپقا مەسئۇل تارماقلاردا بەزى خاتا تونۇشلار ساقلىنىشى مۇمكىن. شۇڭا، كومپيۇتېر ئارقىلىق قوشۇمچە ئوقۇش – ئوقۇتۇشنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەرت – شارائىتى پىششىپ يېتىلمىگەن ئەھۋالدا كومپيۇتېر ئارقىلىق قوشۇمچە ئوقۇش – ئوقۇتۇشنى مەجبۇرىي يولغا قويماسلىق كېرەك.
(ئاپتور: تۇرپان ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي – تېخنىكا مەكتىپىدىن)
()
« كومپيۇتېر ئارقىلىق قوشۇمچە ئوقۇش–ئوقۇتۇش توغرىس»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كىيىنكى ئەسەر:تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلە
- . تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلار
- . كومپيۇتېر ئارقىلىق قوشۇمچە ئوقۇش–ئوقۇ
- . تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە دەرسلىك
- . 活动:我是小记者
- . 社会教案:好朋友画像
- . 欢度库尔邦节
- . 从幼儿园到我家
- . 认识国旗,国徽
- . 首都北京
- . 为了提高科学课的课堂效果科学教师应该准备哪些素质
- . 浅谈小学数学课堂教学中的互动教学
- . 谈小学数学思维与兴趣培养的一致性
- . 浅谈农村小学数学教学
- . 浅谈小学数学课堂有效教学
- . 浅析数学教师的教学思维
- . سىلىندىر ۋە كونوس
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . باشلانغۇچ تىل - ئەدەبىيات دەرس مۇن
- . ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتە
- . تىل-ئەدەبىيات دەرسى‹‹جان بېقىشنىڭ قور
- . ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى قاند
- . ماتېماتىكا دەرس ئوقۇتۇشىدا دىققەت
- . ماتېماتىكا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ت
- . باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ
- . ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى ۋە يېڭى دەر
- . ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرقىغا باھا بەرگەند
- . باشلانغۇچ ماتىماتىكا دەرس مۇندەرى