تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە دەرسلىكىنى تەكرار
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە دەرسلىكىنى تەكرار قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار دەپ قارىغانلىرىم
ئالمىرە ئەخمەت

تەكرار قىلىش ئۇنتۇلۇپ قالغان مەزمۇنلارنى قايتا ئەسكە ئېلىشتىكى جەريان بولۇپ، تەكرار قىلىشتا ئىلمىي بولغان ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا تەكرار ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. تۆۋەندە مەن تەكرار قىلىشنىڭ ئۇنۇملۇك ئۇسۇللىرى دەپ قارىغانلىرىمنى كەسىپداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم:
1.بۇرۇن ئۆگىنىپ بولغان مەزمۇنلارنى قايتا ئەسلەش. خىمىيە دەرسلىكىنى تەكرار قىلىش ئۇسۇلى كۆپ خىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دەرسلىك ماتېرىيالى بىلەن دەرسخانىدا قالدۇرغان كونسىپىك دەپتەردىكى مەزمۇنلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ. چۈنكى، دەرسلىك ماتېرىيالىدىكى مەشىقلەرنىڭ كۆپىنچىسى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ يۇقىرى ئۆرلەش ئىمتىھان سوئاللىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان مەزمۇنلار بولغاچقا، بۇ مەزمۇنلارنى چوقۇم قايتا كۆرۈپ ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىغا ھەقىقىي دىياگنوز قويغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: ئوكسىگېن گازى ھىدروگېن گازى، قاتارلىق گازلارنىڭ تەجرىبىخانىدا ئېلىنىشى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە دەرسلىكىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، تەكرار قىلىشتا بۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك.
2.يىغىنچاقلاپ ئەسكە ئېلىش ئۇسۇلى. ئۆگىنىپ بولغان بىلىملەرنى بەلگىلىك دائىرىدە يىغىنچاقلاش ئۇسۇلى بولسا، ھەر بىر بابتىن كېيىنكى ئومۇمىي تەكرارلاشتا قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللار بولۇپ، بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، تەكرار قىلىشتا يىغىنچاقلاپ تەكرار قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.
3.رەتلەش ئۇسۇلى. رەتلەش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپتىن يىغىنچاقلانسا سىستېمىلىق بولىدۇ، دەپ قارايمەن.
(1) سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى. سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى ئەستە ساقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار تەكرار قىلىشتا بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانسا ماددىلارنىڭ پەرقىنى، باغلىنىشلىرىنى ئاسانلا پەرق ئېتەلەيدۇ.
(2) زەنجىرسىمان باغلاش ئۇسۇلى. زەنجىرسىمان باغلاش ئۇسۇلى مەلۇم بىر بىلىم نۇقتىسى ياكى مەلۇم بىر تېمىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، مەلۇم چۈشەنچە ياكى پىرىنسىپلارنى يىغىپ چىقىش دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن: يادرو سىرتىدىكى ئېلېكتىرونلارنىڭ جايلىشىشىنى مەركەز قىلىپ ئېلېمىنتلارنىڭ ۋالېنتى، ئېلېمىنتلارنىڭ تۈرى، ئېيونلار ئىگە بولغان زەرەت قاتارلىق بىلىملەرنى يىغىپ بىر بىلىم بۆلىكى قىلىپ چىقىشقا بولىدۇ. بۇنداق سوئاللارنى ئىشلەشتە مەسىلىلەرنى ناھايىتى تېزلىكتە بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىشقا قولايلىق بولۇپ، چۈشىنىش ئاسان بولىدۇ.
4.ھەر خىل تىپتىكى سوئال شەكىللىرى ئاساسىدا تونۇشۇشقا ماھىر بولۇش. تەكرار قىلىشتا چوقۇم سوئال شەكىللىرىگە يەنى تاللاش، بوش ئورۇننى تولدۇرۇش، قىسقىچە جاۋاب بېرىش، ھېسابلاش، تەجرىبە ئىشلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەتقىقات خاراكتېرىدىكى سوئال شەكىللىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈش ئىمتىھان سوئاللىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار نومۇر ئالالمايۋاتقان نۇقتىلار بولۇپ، بۇ خىل تۇردىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە ئالدى بىلەن سوئالنىڭ بېرىلىشىنى، تەلىپىنى ئېنىق چۈشىنىش، قارىغۇلارچە ئىشلەشتىن ساقلىنىپ تەھلىل قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك.
(ئاپتور: مايتاغ 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
()
« تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە دەرسلىكىنى تەكرار»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- . تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلار
- . كومپيۇتېر ئارقىلىق قوشۇمچە ئوقۇش–ئوقۇ
- . تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە دەرسلىك
- . 活动:我是小记者
- . 社会教案:好朋友画像
- . 欢度库尔邦节
- . 从幼儿园到我家
- . 认识国旗,国徽
- . 首都北京
- . 为了提高科学课的课堂效果科学教师应该准备哪些素质
- . 浅谈小学数学课堂教学中的互动教学
- . 谈小学数学思维与兴趣培养的一致性
- . 浅谈农村小学数学教学
- . 浅谈小学数学课堂有效教学
- . 浅析数学教师的教学思维
- . سىلىندىر ۋە كونوس
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . باشلانغۇچ تىل - ئەدەبىيات دەرس مۇن
- . ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتە
- . تىل-ئەدەبىيات دەرسى‹‹جان بېقىشنىڭ قور
- . ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى قاند
- . ماتېماتىكا دەرس ئوقۇتۇشىدا دىققەت
- . ماتېماتىكا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ت
- . باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ
- . ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى ۋە يېڭى دەر
- . ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرقىغا باھا بەرگەند
- . باشلانغۇچ ماتىماتىكا دەرس مۇندەرى