تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلە
تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش ئۈچۈن...
نىجات مۇھەممەد
تىل – ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولىدۇ، تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكىنى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى تىل – ئەدەبىيات دەرس ئوقۇتقۇچىسىنىڭ دەرسخانىدىكى تىل سەنئىتى ۋە ئوقۇتۇش مېتوتى ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنى تىل – ئەدەبىيات دەرسىگە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن مېنىڭچە، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك:
1.تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ھېسسىياتلىق ئوقۇش بىلەن، ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى گىرەلىشىپ كەتكەن بايان تىلى بىلەن پېرسۇناژ تىلىنى، ئاپتور ياراتقان شۇ پېرسۇناژ ئارقىلىق ئەسەرنىڭ ئىدىيەسىنى ئېچىپ بېرىش ماھارىتىنى، تىل ئىشلىتىش سەنئىتى ۋە ئۇسلۇبىنى يارىتىش ماھارىتىنى ئەتراپلىق چۈشەندۇرۇش بىلەن بىللە تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى تېكىستنى ئوقۇغاندا تەلەپپۇز جەھەتتە پېرسۇناژلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ھېسسىياتلىق ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرگە ئوقۇغۇچىلارنى ئىختىيارسىز ھالدا باشلاپ كىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى شۇ ۋەقەلىككە قاتنىشىۋاتقاندەك، پېرسۇناژلارنى كۆرۈۋاتقاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەدەبىي ئەسەرلەردىن زوقلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسەر مەزمۇنىنى چۈشىنىش، تەھلىل قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
2.تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تىل سەنئىتى – ئوقۇغۇچىلارغا دەرسنى چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ، ئۆزىدىكى بىلىمنى تىل ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشتىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسنى ئۆلچەملىك ئەدەبىي تىل بىلەن ئۆلچەملىك يېزىقىنىڭ سۈپەتلىك، چۈشىنىشلىك بولۇشى دەرس ئۈنۈمى بىلەن دەرسخانا ئىنتىزامىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەر قانچە بىلىمى بولسىمۇ، تىل بىلەن ئىپادىلەش ئىقتىدارى بولمىسا، ئوقۇغۇچىلار بەھىر ئالالمىسا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالالمايدۇ، شۇڭا، تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تىلى ئېنىق، جانلىق، تەسىرلىك، ئوبرازلىق، دوسكىغا يازغان خەتلىرى رەتلىك، چىرايلىق، جەلپ قىلارلىق بولۇش بىلەن بىللە، تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تىلى يۇمۇرستلىك، قىزىقارلىق ۋە مەنتىقىلىق بولۇشى، دەرس مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈلگەن قىزىقارلىق لەتىپە، ماقال – تەمسىللەردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنالايدىغان، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنى يېزىقچىلىققا يېتەكلىيەلەيدىغان بولۇش كېرەك.
3.تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىغا ئاساسەن مۇئامىلە قىلىشنى بىلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل – ئەدەبىيات دەرسىنى چۈشىنىش قابىلىيىتى، ئىنكاسى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاسى ئاستا بولسا، بەزىلەرنىڭ دەرسنى چۈشىنىشى چوڭقۇر، تەسەۋۋۇرى كۈچلۈك بولىدۇ، ئەگەر ئوقۇتقۇچى دەرس مەزمۇنىنى ھەممە ئوقۇغۇچىلارنى ئوخشاش نەزەردە تۇتقان ھالدا ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا، ئاساندىن قىيىنغا قاراپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش تەرتىپى بويىچە ئورۇنلاشتۇرسا ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە قىزىقتۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا، تىل – ئەدەبىيات دەرس ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن دەرس ئۆتۈشكە ئادەتلىنىش كېرەك.
4.تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنى يېزىقچىلىق مەشىقىگە تەشكىللەش كېرەك. تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى شۇ كۈنلۈك دەرسلەرنى ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنى شۇ كۈنى ئۆتۈلگەن دەرسلىكتىكى تېكستلەرنىڭ مەزمۇنىنى تەھلىل قىلىشقا، تەسۋىرلەرنىڭ مەنىسىنى يېشىشكە تەشكىللىشى، شۇنداقلا مەشىق تاپشۇرۇقى بېرىشتىن بۇرۇن ئۆتۈلگەن دەرسلەردىكى تېكىستنىڭ بىرەر ئابزاسىنى ياكى بىرەر تەسۋىرنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىپ، ئۇلارغا ئۈلگە كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەك.
(ئاپتور: قاراماي تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن)
()
«تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلە»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كىيىنكى ئەسەر:بىر پارچە رەسىم ئاساسىدا ماقالە يېزىش ماھارىتى
- . بىر پارچە رەسىم ئاساسىدا ماقالە يېزىش م
- . تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلار
- . كومپيۇتېر ئارقىلىق قوشۇمچە ئوقۇش–ئوقۇ
- . تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە دەرسلىك
- . 活动:我是小记者
- . 社会教案:好朋友画像
- . 欢度库尔邦节
- . 从幼儿园到我家
- . 认识国旗,国徽
- . 首都北京
- . 为了提高科学课的课堂效果科学教师应该准备哪些素质
- . 浅谈小学数学课堂教学中的互动教学
- . 谈小学数学思维与兴趣培养的一致性
- . 浅谈农村小学数学教学
- . 浅谈小学数学课堂有效教学
- . 浅析数学教师的教学思维
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . باشلانغۇچ تىل - ئەدەبىيات دەرس مۇن
- . ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتە
- . تىل-ئەدەبىيات دەرسى‹‹جان بېقىشنىڭ قور
- . ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى قاند
- . ماتېماتىكا دەرس ئوقۇتۇشىدا دىققەت
- . ماتېماتىكا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ت
- . باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ
- . ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى ۋە يېڭى دەر
- . ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرقىغا باھا بەرگەند
- . باشلانغۇچ ماتىماتىكا دەرس مۇندەرى