ئۇيغۇرلاردىكى خوشنىدارلىق ئەنئەنىسى يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بېرى، تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ كىشىلەر ئارىسىدا، بولۇپمۇ بىنا ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا خوشنىلار بىلەن بولغان ئالاقە ئىشلىرى بارا- بارا سۇسلىشىشقا باشلىدى. ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدىمۇ دائىم خىزمەتداشلار ئارا خوشنىلارنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولدى دېگەندەك پاراڭلارنىمۇ ئاڭلاپ قالىمىز. يېقىندا بىزگە ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ئولتۇرىدىغان بىر كىشى قازا قىلدى. مېنى ئېچىندۇرغىنى، ئۇنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئەتراپتىكى خوشنىلار نەچچە كۈندىن كېيىن بىلگەن. بۇلاردىن قىممەتلىك ئەنئەنىلىرىمىز- خوشنىدارچىلىقىمىزنىڭ سۇسلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. بىزدە مەھەللىدە كېسەلمەن كىشى بولسا، قوشنىلار كۆز- قۇلاق بولىدىغان، بىر چىنە تاماق سۇنالمىسىمۇ ھالىنى سوراپ تۇرىدىغان ئەنئەنە بار ئىدى. مەھەللىدىكى كىشىلەردىن ئاڭلىشىمچە، بۇ كىشىنىڭ خېلى كۆپ پۇلى بولۇپ، بىر تونۇشىغا بېرىپ تۇرغان ئىكەن، كېيىن تونۇشى ئۇنىڭدىن پۇل ئالغانلىقىدىن تېنىۋالغان. بۇ ئىش ئۇنىڭغا قاتتىق ئەلەم قىلىپ، شۇنىڭدىن بېرى سالامەتلىكىمۇ ياخشى بولماي كەلگەن ئىكەن. بۈگۈنكى كۈندە مەنپەئەت بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ ئەقىل، ھېسسىيات كۆزلىرىنى خىرەلەشتۈرۈپ قويۇۋاتقاندەك قىلىدۇ.
قوشنىدارچىلىق ھەرقانداق ئىنسان ئەگىپ ئۆتەلمەيدىغان كىشىلىك مۇناسىۋەت چەمبىرىكى. "ئۆي ئالماي، قوشنا ئال" دېگەندەك ھېكمەتلەر خەلقىمىزنىڭ قوشنىدارچىلىقتىن كۆڭلى سۇ ئېچىپ، ئۇيۇشچانلىق، مېھرىبانلىقتەك خىسلەتلەرنى ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى. قەدىمقى زاماندا، بىر ئادەم ئۆيىنى ساتماقچى بوپتۇ. بىرەيلەن كېلىپ باھاسىنى سورىغان ئىكەن. ھېلىقى كىشى "2000 تىللا" دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ھاجەتمەن "ئاڭلىسام، بۇ ئۆيىڭىزنىڭ قىممىتى 1000 تىللا ئىكەنغۇ؟" دەپتىكەن. ھېلىقى ئادەم "توغرا، ئۆيۈم 1000 تىللا، قوشنام 1000 تىللا" دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ھەر قېتىم قوشنىسى ياخشى بولمىغانلىقتىن كۆچۈپ كېتىشكە تەرەددۇت قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ۋايساشلىرىنى ئاڭلىغىنىمىزدا، قوشنىدارچىلىقنىڭ قانچىلىك نازۇك مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىمىز. بىر ئادەمنىڭ ئايالى قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ ھېلىقى قوشنىسىنىڭ ئايالى ئەخلەتلەرنى ئىشىك تۈۋىگە دۆۋىلەپ قويىدىغان، يۇندى تۆكۈۋېتىدىغان، ھەتتا يۈزىدىن يۈزىگىلا تىللايدىغان بولىۋاپتۇ. ئۇزاق مۇددەتلىك زىددىيەتكە بەرداشلىق بېرەلمىگەن بۇ ئائىلىدىكەر ئاخىرى بۇ جايدىن كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بوپتۇ. يەنە شۇنداق قوشنىلار باركى، كەچ بولسۇن، ئۆيىڭىزدە مېھمان بولسۇن- بولمىسۇن، ئۆيىڭىزگە كىرىۋېلىپ، سىزنىلا ئەمەس، مېھماننىمۇ بىزار قىلىدۇ. ئۆيدە بارنىمۇ، يوقنىمۇ سىزدىن سورايدۇ. كېچىچە سورۇن تۈزۈپ، ئۇيقۇڭىزنى ئۇيقا قىلمايدۇ. بۇنداق قوشنىڭىزنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى تۈزۈك. شەھەرلەردە كىشىلەر ئاساسەن بىنادا ئولتۇرىدۇ. بىنا ئۆي بىخەتەر ساندۇقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئۆيىڭىزگە بېكىنىپ ياشىسىڭىز، دىلىڭىزمۇ تاشتەك قېتىپ كېتىدۇ. شۇڭا، قولۇم- خوشنىلار ئارا سالام- سائەتنى ئۇنتۇپ قالماڭ، قوشنىدارچىلىق خىسلىتىمىز سۇسلىشىپ قالمىسۇن. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|