باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت مىللەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى ئورگان شەخىسلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر

تېز سۈرئەتلىك پويىز شىنجاڭلىقلارنىڭ تۇرمۇشىغا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

مەنبە :       يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2014-12-25 19:06:27

‹‹تېز سۈرئەتلىك پويىز شىنجاڭلىقلارنىڭ تۇرمۇشىغا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

2014-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى (ئۈرۈمچى –قۇمۇل بۆلىكى) دا رەسىمى قاتناش باشلاندى. ئەمدى بىز بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز بىلەن بىرلىكتە يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى پەرەز قىلىپ باقايلى.

ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغىچە بولغان ئەسلىدە ئىككى سائەتتە باسىدىغان مۇساپىنى ھازىر پەقەت 59 مىنۇتتىلا تاماملايمىز، بىر سائەتتىن كېيىن تۇرپانغا بېرىپ ئۈزۈم يېگىلى، يارغۇل قەدىمى شەھىرى ۋە ئىدىقۇت قەدىمى شەھىرى خارابىلىرىنى زىيارەت قىلىپ تارىخنى ئەسلىگىلى بولىدۇ. پەقەت بىر سائەت ۋاقىت سەرپ قىلسىڭىزلا تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى، ھەقىقىي ئىسسىقنى ھېس قىلالايسىز.

ھازىر ئۈرۈمچىدىن پىچانغا بىر سائەت 36 مىنۇت ۋاقىتتىلا يېتىپ بارغىلى، قۇمۇلغا پەقەت ئۈچ سائەت يەتتە مىنۇتتىلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا بۇ يىل بەشىنچى ئايدا قاتناش باشلانغان «شىنجاڭ يۇلتۇزى» شەھەرلەر ئارا پويىز ئۈرۈمچى، شىخەنزە، كۈيتۇن، قاراماي ئوتتۇرىسىدىكى سەپەر ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتقان ئىدى.  بۇ پويىز ئىشقا چۈشكەندىن باشلاپ ئۈرۈمچىلىكلەر ئەتىگەندە دۆڭ كۆۋرۈكتە تاماق يەپ، چۈشتە شىخەنزىدە يۈرىدىغان، كەچتە قارامايدا نېفىتلىك مەنزىرىسىنى كۆرەلەيدىغان بولغان ئىدى.

مانا ئەمدى مەركىزى شەھەردىكىلەر تۆت سائەت ئىچىدە پىچان، قومۇلغا بارالايدىغان، شىمالغا قاراپ ماڭسا شىخەنزە قاراماينى كۆرۈپ كېلەلەيدىغان بولدى.

 يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولدا قاتناشنىڭ باشلىنىشى ۋە شەھەرلەر ئارا پويىزنىڭ قاتنىشى ھەر قايسى شەھەر-رايونلارغا بېرىش سەپەر ۋاقتىنى قىسقارتىپ، رايونلار ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرىدۇ شۇنداقلا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىغۇسى.

لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا ئومۇميۈزلۈك قاتناش باشلانسا ئۇنداقتا ئۈرۈمچىدىن جيايۈگۈەن، جيۇچۈەن، شىنىڭ، لەنجۇ قاتارلىق جايلارغا 12 سائەت ئىچىدىلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. ئۇ چاغدا كىشىلەرنىڭ «ئەتىگەندە ئۈرۈمچىدە ناشتا قىلىپ كەچتە لەنجۇدا كالا گۆشى ئۈگرىسى ئىچىش» دېگەنلىرى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

2017-يىلى لەنجۇ-باۋجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولدا قاتناش باشلىنىدۇ، ئۈرۈمچى، لەنجۇ، شىئەن، باۋجى، بېيجىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى تولۇق تۇتاشتۇرۇلىدۇ. ئۇ چاغدا ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا 19 سائەتتە، گۇاڭجۇغا 23 سائەتتىلا يىتىپ بارغىلى بولىدۇ.

مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بىر كۈن ئىچىدە شىنجاڭغا كەلگىلى بولىدىغان ئۇ كۈنلەر يېتىپ كەلگەندە شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك، سودا قاتارلىق ساھەلىرىدە گۈللىنىش بولىدۇ، شۇنداقلا تۇغقان يوقلاش، خىزمەت قاتارلىق جەھەتلەردە زور قۇلايلىق يارىتىلىدۇ.

 

 

 

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备14002316号