ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەت مۇھەممەت خەۋىرى، فوتوسى: يېقىندا ئوقۇر مازار تېغىنىڭ ئەتراپىدا بىر غول ئايلانمىسى 8.6 مېتىر، ئېگىزلىكى 14 مېتىر كېلىدىغان مىڭ يىللىق توغراق بايقالغان .
ئوقۇر مازار تېغى يېزا ئىگىلىك 3- شى تۇمشۇق شەھىرى تەۋەلىكىدە بولۇپ ، تاغ باغرىدا ھازىرمۇ كۆكىرىپ تۇرىدىغان ئۈچ تۈپ توغراق بار ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر تۈپ توغراقنىڭ غولىنىڭ ئايلانمىسى 8.6 مېتىر كېلىدىكەن. تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىنىشىچە ، بۇ توغراق مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ياشىغان بولۇپ ، ئاپتونوم رايونىمىزدا كەم ئۇچرايدىكەن . بۇ يەردىكى خەلق بۇ توغراق ۋە تاغنى ئىنتايىن ئۇلۇغلايدىكەن .
نۆۋەتتە ، مىڭ يىللىق توغراق ۋە تاغ ئەتراپىدىكى يۇلغۇن قاتارلىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ نۇقتىلىق قوغداش رايونى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن.
سۈرەتتە: قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مىڭ يىللىق توغراق شاھى