باغراش كۆلىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1228 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ قايدۇ دەرياسىنىڭ ئاخىرلاشقان جايى ، كۆنچى دەرياسىنىڭ باشلىنىش مەنبەسى بولۇپ ، ئۇ قارا شەھەر ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان . ھازىرقى كۆل ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ ، چوڭ كۆلنىڭ غەربىي رايونىدىكى كىچىك كۆل رايونى 16 كىچىك كۆللەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ ، ئومۇمىي كۆلىمى 240 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ . باغراش كۆلى ئەڭ چوڭقۇر يېرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 17 مېتىر بولۇپ ، كۆلنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 10 مېتىر كېلىدۇ . ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، بەزىدە كۆلدە دەھشەتلىك دولقۇن ھاسىل بولىدۇ ، بۇ چاغدا كۆل بەئەينى دېڭىزغا ئوخشاش ھەيۋەتلىك چايقىلىدۇ.
ياز پەسلىدە ، كۆلدىكى بېلىقچىلىق كېمىلىرى رەڭدار بۇلۇتلار بىلەن ماسلىشىپ ، بىر خىل گۈزەل مەنزىرىنى پەيدا قىلىدۇ ، ئالتۇن كۈز پەسلىدە، كۆلدىكى قۇمۇشلار ئالتۇن رەڭگە كىرىپ ، كىشىنى بەكمۇ مەستخۇش قىلىدۇ. قىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە ، كۆل يۈزى نىپىز مۇز بىلەن قاپلىنىپ ، ئەينەككە ئوخشاپ قالىدۇ . باغراش كۆلى ھازىر داڭلىق ساياھەت ئورنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
باغراش كۆلى بويىدىكى ئالتۇن ساھىل سەيلىگاھى