باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت مىللەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى ئورگان شەخىسلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر

بىر شىنجاڭلىق يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 14 كىلوگرام كالا-قوي گۆشى يەپ بولىدۇ

مەنبە :       يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2014-12-13 22:50:47

‹‹بىر شىنجاڭلىق يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 14 كىلوگرام كالا-قوي گۆشى يەپ بولىدۇ›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

\خەلق تورىنىڭ 13-دېكابىر خەۋىرى: شىنجاڭلىقلارنىڭ كالا، قوي گۆشىگە ئامراقلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، ئەمما سىز ھەر بىر شىنجاڭلىقىڭ يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن قانچىلىك كالا، قوي گۆشى يەپ بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ 12-ئاينىڭ 11-كۈنى دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ كالا، قوي گۆشى ئىشلەپچىقىرىش ئىستېمال قىلىش سەۋىيەسىنىڭ ئۆزگىرىش تەتقىقاتى» دوكلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلشىىچە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر شىنجاڭلىق بىر يىلدا 14 كىلوگرام كالا، قوي گۆشىنى يەپ بولىدىكەن.
ئەتىگەندە قورۇما قورۇغاندا ئاراق قوي گۆشى سالىدۇ، چۈشتە خىزمەتچىلەر بىلەن تاماق يېگەندە بىر نەچچە زىخ كاۋاپ يەيدۇ، ھەپتە ئاخىرى ياكى ھېيت بايرام مەزگىلىدە دوسىت-بۇردادەر، ئۇرۇق تۇغقانلار جەم بولۇشقاندا قوي گۆشى شورپىسى، سېرىق ئاش كاۋاپ قاتارلىق تائاملار قەتئىي كەم بولمايدۇ، شىنجاڭلىقلارنىڭ بىر كۈنلۈك ئۈچ ۋاق تامىقى ئاساسەن گۆشتىن ئايرىلالمايدۇ.
بىر گۇرۇپپا سان شىنجاڭلىقلارنىڭ گۆش يېيىشكە قانچىلىك ئامراقلىقىنى ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرىدۇ، 2009-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ۋاقىت ئىچىدە، شىنجاڭدىكى شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كالا، قوي گۆشى ئىستمال قىلىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 14.84 كىلوگرام، 13.73 كىلوگرام، 14.89 كىلوگرام، 15.94 كىلوگرام ۋە 14.19 كىلوگرام بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك يىلدا 14 كىلوگرامنىڭ ئۈستىدە تۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە قوي گۆشى ئىستېمال قىلىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 11.28 كىلوگرام، 9.87 كىلوگرام، 10.06 كىلوگرام، 10.77 كىلوگرام ۋە 9.03 كىلوگرام بولۇپ، دۆلەتلىك ئوتتۇرىچە سەۋىيەنىڭ ئۈچ ھەسسىگە توغرا كەلگەن.
يېزىلاردىكى دېھقانلارنىڭ گۆش يېيىشىمۇ ئارقىدا قالمىغان بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە كالا، قوي گۆشى ئىستېمال قىلىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 11.02 كىلوگرام، 11.50 كىلوگرام ، 13.26 كىلوگرام ، 16.08 كىلوگرام ۋە 14.28 كىلوگرامغا يەتكەن.
شەھەر-بازار ئاھالىسى ۋە يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىستېمال سانلىق مەلۇماتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يېزىلاردىكى ئاھالىنىڭ كالا، قوي گۆشى ئىستېمال قىلىش مىقدارى 2012-يىلى تۇنجى قېتىم شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن. پەقەت قوي گۆشى ئىستېمال قىلىش مىقدارىغىلا قارىغاندا، يېزا ئاھالىسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە قوي گۆشى ئىستېمالى 2009-يىلىدىكى 8.76 كىلوگرامدىن 2013-يىلىدىكى 11.04 كىلوگرامغا يەتكەن، شەھەر بازار ئاھالىسىنىڭ قوي گۆشى ئىستېمالى 2009-يىلىدىكى 11.28 كىلوگرامدىن 2013-يىلىدىكى 9.03 كىلوگرامغا چۈشۈپ قالغان، يېزا ئاھالىسى شەھەر بازار ئاھالىسىگە قارىغاندا يىلدا ئىككى كىلوگرام گۆشىنى كۆپ يېگەن.
دوكلاتنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭدىكى شەھەر بازار ئاھالىسىنىڭ كالا، قوي گۆشى ئىستېمال قىلىش مىقدارى ئۆسۈش يۈزلىنىشىدە تۇرغان، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شەھەر بازار ئاھالىسىنىڭ ئېشىشى بولۇپ، 2009-يىلىدىكى سەككىز مىليون 602 مىڭ 100 ئادەمدىن 2013-يىلىدىكى 10 مىليون 69 مىڭ 300 ئادەمگە يېتىپ، %17.1 ئاشقان. ئەمما كالا، قوي گۆشىنىڭ باھاسى توختىماي ئۆسكەن، شەھەر بازار ئاھالىسى باشقا تۈردىكى گۆشلەرنى سېتىۋېلىش ياكى ئۆي قۇشلىرى گۆشىنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق، كالا، قوي گۆشى ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى ئازايتقان.
ئەمما يېزىلاردا بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا، ئاز سانلىق مىللەتلەر بىر قەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسى بىر قەدەر مۇقىم بولۇپ، كالا، قوي گۆشى ئىستېمالى بولۇپمۇ قوي گۆشىنىڭ ئىستېمال مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئاشقان. شەھەرلىشىشنىڭ توختىماي ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، يېزا نوپۇسىنىڭ ئۆزگىرىش قەدىمى تېزلەشكەن، شىنجاڭدىكى يېزا ئاھالىسىنىڭ نوپۇسى 2009-يىلىدىكى 12 مىليون 984 مىڭ 200 ئادەمدىن 2013-يىلىدىكى 12 مىليون 573 مىڭ 700 ئادەمگە چۈشۈپ قالغان، گەرچە يېزىلاردىمۇ كالا، قوي گۆشى باھاسى ئۇچقاندەك ئۆسۈۋاتقان بولسىمۇ، يېزىلاردا گۆش ئورنىغا ئىشلەتكىلى بولىدىغان گۆش مەھسۇلاتلىرى بىر قەدەر ئاز بولغانلىقتىن، يېزا ئاھالىسىنىڭ كالا، قوي گۆشىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىشىنى توسۇپ قالالمىغان.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە دوكلاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، كالا، قوي گۆشىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ۋە ئىستېمال مىقدارى ئۇزۇن مۇددەتلىك يۈزلىنىش ئەندىزىسىنىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا، كەلگۈسىدە شىنجاڭدىكى كالا، قوي گۆشىنىڭ ئىستېمال مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولۇپ، كالا، قوي گۆشىنىڭ يېتىشمەسلىكى ئاۋالقىدەك مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدىكەن، شۇنىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن كۆپ خىل چارىلەرنى قوللىنىپ، كالا، قوي گۆشىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرمىسە بولمايدىكەن.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备14002316号