باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت مىللەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى ئورگان شەخىسلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر

جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ توغراقلىق — تارىم دەريا ۋادىسى توغراقلىقى

مەنبە :       يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2014-12-02 06:24:42

‹‹جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ توغراقلىق — تارىم دەريا ۋادىسى توغراقلىقى›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

     تارىم دەرياسى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى بولۇپ ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2179 كىلومېتىر كېلىدۇ ، تارىم دەرياسى ۋادىسى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ ، تەڭرىتاغ تىزمىسى ۋە كوئېنلۇن تاغ تىزمىسى ئارىسىغا جايلاشقان ، شەرق ۋە غەربنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1100 كىلومېتىر، جەنۇب ۋە شىمالىنىڭ كەڭلىكى 600 كىلومېتىر بولۇپ ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى ۋادىسىدىن ئىبارەت.

     تارىم دەريا ۋادىسىدىكى توغراقلىق— دۆلىتىمىزدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ، ئەڭ قەدىمىي ، شۇنداقلا ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان ئىپتىدائىي توغراقلىق ھېسابلىنىدۇ . بۇ توغراقلىق تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي قىسىمىغا ، تەكلىماكان چوڭ قۇملۇقى بىلەن قۇمتاغ چوڭ قۇملۇقى ئارلىقىغا جايلاشقان بولۇپ ، دۇنيادىكى بىردىنبىر ئەڭ چوڭ ئىپتىدائىي توغراقلىق ھېسابلىنىدۇ . ئېنىق بولمىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، توغراقلىقنىڭ  ئومۇمىي كۆلىمى 3800 كۋادرات كىلومېتىر كېلدىغان بولۇپ ، جۇڭگودىكى توغراقنىڭ %90 ى تارىم دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان . توغراقلىقنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 400 كىلومېتىر بولۇپ ، كورلا شەھىرى بىلەن چاقىلىق ، چەرچەن قاتارلىق ناھىيلەرنى ، شۇنداقلا شىنجاڭ بىلەن گەنسۇ ، چىڭخەي قاتارلىق ئۆلكىلەرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ .

 

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备14002316号