باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت مىللەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى ئورگان شەخىسلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر

خوتەندىكى ئاجايىپ مەنزىرە ئۈزۈم تال كارىدورى

مەنبە :       يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2014-12-02 06:19:42

‹‹خوتەندىكى ئاجايىپ مەنزىرە ئۈزۈم تال كارىدورى›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

 خوتەندىكى ئاجايىپ مەنزىرە ئۈزۈم تال كارىدورى — خوتەن دېھقانلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئىجادىيىتى بولۇپ، مەملىكەتنىڭ جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا كەم ئۇچرايدۇ. ئۈزۈم تال كارىدورى ئاساسلىقى يېزا يوللىرىنىڭ ئىككى تەرىپىگە تال كۆچىتى تىكىش، يولنىڭ ئۈستىگە تال باراڭ ياساش ئارقىلىق پەرپا قىلىنغان بولۇپ، يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىدە يولدىن ئۆتكەن كىشىلەر سالقىنلايدىغان، ھاردۇقىنى چىقىرىدىغان جاي ھېساپلىنىدۇ. ئۈزۈم تال كارىدورى دەسلەپتە 1984- يىلى خوتەن ناھىيىسىدە بارلىققا كەلگەن، ئەينى ۋاقىتتا ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 16 كىلومېتىر ئىدى، 1985- يىلى 90 كىلومېتىرغا ئۇزارتىلىپ، 1986- يىلغا كەلگەندە ناھىيە بويىچە ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلدى. ھازىر بۈتۈن ۋىلايەت بويىچە كېڭەيتىلگەن بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 1700 كىلومېتىر  كېلىدۇ. ئۈزۈم تال كارىدورىنىڭ ئەمگەك كۈچى سېلىنمىسى ئاز، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، ئېكولوگىيىلىك ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، يول ئۈستىگە ياسىلىدىغان بولغاچقا، يەرنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.

        ·خوتەندىكى ئۆزگىچە مەنزىرە ئۈزۈم تال كارىدورى ئاپتونوم رايونىمىز ۋە مەملىكەت بويىچە داڭلىق. 1990- يىلى 8- ئايدا يولداش جياڭ زېمىن خوتەن ۋىلايىتىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كەلگەندە خوتەن دېھقانلىرى ياسىغان ئۈزۈم تال كارىدورىنى كۆرۈپ، ‹‹ جاھاندىكى ئاجايىپ مەنزىرە›› دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن. بۇ خوتەن خەلقىگە غايەت زور ئىلھام بولغان. ئۈزۈم تال كارىدورى خوتەن روھىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى، خوتەن خەلقىنىڭ ناچار ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا قارشى كۈرەش قىلىپ ياراتقان باغۋەنچىلىك ئىجادىيىتى. ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغۇسى.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备14002316号