شىنجاڭ تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسى — تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە بولۇپ ، كۇچا ناھىيىسىنىڭ چىگرىسىغا جايلاشقان . ئاساسىي جىلغىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3700 مېتىر بولۇپ ، مىليون يىللىق بوران –چاپقۇن ، كەلكۈن ۋە باشقا تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ تەسىرىدىن ھازىرقى ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن . بۇ جىلغا مەملىكىتىمىزدىكى بىردىن بىر سىرلىق چوڭ جىلغا، دەپ نام ئالغان بولۇپ ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك ۋە ئاجايىپ سىرلىق . بۇ يەر ھەر يىلى نۇرغۇنلىغان مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ .