باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت مىللەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى ئورگان شەخىسلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر

جۇڭگودىكى بىردىنبىر شۇنداقلا ئەڭ ئۇزۇن قۇملۇق تاشيولى

مەنبە :       يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2014-12-02 06:24:04

‹‹جۇڭگودىكى بىردىنبىر شۇنداقلا ئەڭ ئۇزۇن قۇملۇق تاشيولى›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

 تەكلىماكاننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان قۇملۇق تاشيولى دۆلىتىمىزدىكى بىردىنبىر شۇنداقلا ئەڭ ئۇزۇن قۇملۇق تاشيولى ھېسابلىنىدۇ

     تارىم قۇملۇق تاشيولى —نۆۋەتتە دۇنيادىكى كۆچمە قۇملۇق ئۈستىگە سېلىنغان ئەڭ ئۇزۇن تاشيول بولۇپ ، 1993 – يىل مارتتا ئىش باشلىنىپ ، 1995 – يىل سېنتەبىردە پۈتكەن. بۇ قۇملۇق تاشيولى دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹8 – بەش يىللىق پىلان›› دىكى مۇھىم پەن – تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرى بولۇپ ، ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ، 17 پەن – تەتقىقات ئورنى ، 180 دىن كۆپ مۇتەخەسىس ۋە پەن – تېخنىكا خادىملىرى بۇ تۈرگە قاتنىشىپ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ۋە دۇنيا دەرىجىلىك قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلغان.

     بۇ قۇملۇق تاشيولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 512 كلومېتىر، ئاساسىي يول كەڭلىكى 10 مېتىر ، ئاسفالت يول يۈزىنىڭ كەڭلىكى يەتتە مېتىر بولۇپ، بۇ يولىنىڭ ياسىلىشى تارىم ئويمانلىقىدىكى گاز، نېفىت ئېچىشنى تېزلىتىش ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە سىياسىي مۇقىملىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ مەركىزىي رايونىغا بېرىپ ، قۇملۇق ئېكسپېدىتسىيىسى قىلىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىتلارنى ھازىرلاپ بېرىدۇ.  

  

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备14002316号