1.كۆڭلى-كۆكسى تار, ھەسەتخورلىقى كۈچلۈك بولۇش
ھەسەتخورلۇق ئادەمنى زىددىيەت يولىغا باشلاپ,ئىچىكى دۇنياسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىدۇ, كەيپىياتنى جىددىيلەشتۈرۈپ, مەركىزىي نېرۋىنىڭ ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. باش ئاغرىش, ئاشقازان ئاغرىش ۋە غەلىتە پىسخىكىنى پەيدا قىلىدۇ, ھەتتا روھى نورمالسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا كۆڭلى-كۆكسى تارلىق, ھەسەتخورلۇق پىسخىكىسى ساغلاملىقنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى.
2.ھەدىسىلا دورا يېيىش ياكى دورىغا خۇمار بولۇپ قېلىش
بەزىلەر سەل بىئاراملىق ھېس قىلسىلا دورا ئىچىدۇ, بۇنداق قىلىش خاتا, چۈنكى دورا كېسەل داۋالاپلا قالماي يەنە كېسەل پەيدامۇ قىلىدۇ. خالىغانچە دورا ئىستېمال قىلىش ھەرخىل يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن,ئۇزاق مۇددەت ۋېتامىن D ئىستېمال قىلسا, قىزىتىش, ياندۇرۇش, ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ۋېتامىن A ئىستېمال قىلغاندا,كۈنلۈك مىقدارى 300 مىڭ بىرلىكتىن ئېشىپ كەتسە, كۆرۈش ئىقتىدارى خىرەلىشىش,چاچ چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بەزىلەر ئادەمگىياھ, قانتېپەر, بۇغا مۈڭگۈزى ۋە ۋېتامىن قاتارلىقلار قۇۋۋەت دورىسى بولۇپ, كۆپ ئىستېمال قىلسا مېڭىنى قۇۋۋەتلەپ قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ,دەپ قارايدۇ. ئەمما ساغلام كىشىلەر ئادەمگياھنى كۆپ ئىستېمال قىلسا, بۇرۇن قاناش, قورساق كۆپۈش قاتارلىق جىددىي كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
3.مىجەزى ئىتتىك, ئاسان ئاچچىقلىنىش
پىسخولوگلار مۇنداق كۆرسىتىدۇ: ئادەمنىڭ ئاچچىغلىنىش دەرىجىسى توققۇز باسقۇچقا ئايرىلىدۇ. يەنى: نارازىلىق, تېرىكىش, رەنجىش, ئاچچىقلىنىش, غەزەپلىنىش, قاتتىق غەزەپلىنىش, دەر-غەزەپكە كېلىش,غەزىپى تېشىشتىن ئىبارەت. ئادەتتە ئىشلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى كۆپ ئۇچرايدۇ, ئەقىلسىز كىشىلەر ئاچچىقلىنىپ, ئاچچىقنى كېسەلگە ئايلاندۇرىۋالىدۇ, ھەتتا ئاچچىقلىنىپ ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرىمۇ يوق ئەمەس.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !