تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە, كىشىلەر نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغاندا سەھەردە ئۆزگىچە ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. بۇ ئالامەتلەرنى بالدۇر بايقىسا, كېسەللىكنى ۋاقتىدا داۋالاتقىلى بولىدىكەن.
بىرىنچى, بالدۇر ئويغىنىپ كېتىش. بەزىلەر سەھەر سائەت تۆت-بەشتە ئويغىنىپ كېتىپ, يەنە ئۇيقۇغا كىرىشى ئىنتايىن قىيىن بولىدۇ. ئويغانغاندىن كېيىن روھسىز ھەم كەيپىياتى ناچار بولىدۇ. بۇنداق ئالامەت كلىنىكىدا بالدۇر ئويغىنىش خاراكتېرلىك ئۇيقۇسىزلىق دەپ ئاتىلىدۇ. ئاساسلىقى مەيۈسلۈك كېسىلى بىمارلىرى ۋە روھىي توسالغۇغا ئۇچرىغان بىمارلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بەزى ياشانغانلاردىمۇ بالدۇر ئويغىنىپ كېتىش, ئىچ تىتىلداش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ, ياشانغانلاردىكى خامۇشلۇق كېسىلى بىلەنمۇ مەلۇم دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا, ياشانلاردىكى بالدۇر ئويغىنىپ كېتىش ئەھۋالىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ, ئۇنى نورمال ئەھۋال دەپ قاراشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.
ئىككىنچى, باش قېيىش. نورمال ئەھۋالدا, ئادەم ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا كاللىسى سەگەك بولىدۇ. بىراق ئەتىگەندە باش قېيىش ئەھۋالى كۆرۈلسە, بىمارنىڭ بويۇن ئومۇرتقىسىغا سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىپ, بويۇن ئومۇرتقا ئارتېرىيىسى بېسىلىپ, چوڭ مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى تەسىرگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن سىرت,ئادەمنىڭ قان قويۇقلۇقى يۇقىرىلىسا قان ئايلىنىشى ئاستىلاپ, چوڭ مېڭىنىڭ ئوكسىگىن بىلەن تەمىنلىنىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا, ئەتىگەندە بېشى قايىدىغانلار بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى ياكى يۇقىرى ياغلىق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن.
ئۈچىنچى, سۇلۇق ئىششىق. ئادەتتە ساغلام كىشىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرسىمۇ يېنىك دەرىجىدىكى سۇلۇق ئىششىق ئالامىتى كۆرۈلىدۇ, بىراق ئورنىدىن تۇرۇپ 20 مىنۇتلاردىن كېيىن يوقاپ كېتىدۇ. بىراق ئادەم سەگەكلەشكەندىن كېيىنمۇ يەنىلا سۇلۇق ئىششىق بولسا, بولۇپمۇ يۈزدە سۇلۇق ئىششىق بولسا, بۆرەك ياكى يۈرەك كېسەللىكلىرىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن. شۇڭا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك.
تۆتىنچى, سەھەردە بەدەن قېتىشىۋېلىش. بۇ, ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن بوغۇم ۋە مۇسكۇللىرى قېتىشىپ, ھەرىكەت قىلىشى قېيىنراق بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە, ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە, شۇنداقلا پۈتۈن بەدەننىڭ بوغۇملىرى ھەرىكەتچان بولمىسا, رېماتىزىم, سۆڭەك ماددىسى ئۆسۈپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن.
بەشىنچى, قورساق ئېچىش. بەزىلەر سەھەر سائەت تۆت, بەشتە ئويغىنىپ كېتىپ قورسىقى ئېچىپ چىدىيالمايدۇ, ئىنتايىن چارچاشلىق ھېس قىلىدۇ. بىر ئاز يېمەكلىك يىگەندىن كېيىن ئەھۋالى يېنىكلەيدۇ. بىراق ئېغىز قۇرغاقلىشىش, ئۇسساش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە, بۇنداق ئەھۋاللار ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىن يوقايدۇ. بۇ دېئابىت كېسىلىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. دېئابىت كېسىلى بىمارلىرىدا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە, دورا ئىچىش ۋە دورىنىڭ مىقدارى مۇۋاپىق بولمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ, شۇڭا ۋاقتىدا تەڭشەش كېرەك.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !