ئۆزىنى ئۆزى غىدىقلاشنى ئۆگىنىش
نۇرغۇن ئايالنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنىڭ كەم بولۇشى ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ جىنسىي قوزغىلىشىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدىكى كۆڭۈللۈك سېزىمىنى ئەزەلدىن بىلمىگەنلىكىدىن بولغاچقا، جىنسىي قوزغىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىشىگە ئىنتىلىدىغان ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ كەمچىل بولىدۇ. نېمىشقا جىنسىي قوزغىلىش يۇقىرى پەللىگە چىقمايدۇ؟ فىزىئولوگىيىلىك ئامىللارنىڭ تەسىرى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، كۆپ ساندىكى خوتۇنلار ئەزەلدىن مۇۋاپىق غىدىقلىنىپ باقمىغانلىقتىن بولىدۇ دىدى بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسسىسى.
بۇنى پۈتۈنلەي ئەردىن كۆرۈشكە بولمايدۇ. ئېلىمىزدىكى كۆپ ساندىكى ئەر-خوتۇنلار دائىم ئەر- خوتۇننىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئالدىچە جىنسىي ئالاقە قىلىدىغان بەدەن ھالىتىنى قوللىنىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ، ئەپسۇسلىنارلىق بىر يېرى بار: خوتۇننىڭ دىلچىقىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە غىدىقلاش ئانچە ئاسان ئەمەس. بەزى خوتۇنلار پۇتىنى جۈپلەپ جىنسىي ئالاقە قىلىدۇ ياكى جىسمانىي ئىقتىدارى چەكلىك بولغاچقا پۇتىنى تازا بەك كېرەلمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن دىلچىقنى مۇۋاپىق غىدىقلاش قىيىن بولۇپ، نەتىجىدە جىنسىي قوزغىلىشى يۇقىرى پەللىگە كەمدىن كەم يېتىدۇ ھەتتا يەتمەيدۇ.
بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسسىسى مۇنداق دىدى: ئۆزىنى ئۆزى غىدىقلاشنى ئۆگىنىش ئەينەككە قاراپ كۆزىتىش باسقۇچى ئاخىرلشقاندىن كېيىن، يەنە ئەينەكنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۆزىنىڭ دىلچىقىنى بارمىقى بىلەن سىلاپ بېقىپ، قانداق تۇيغۇ بولىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش، ئاندىن قانداق غىدىقلىسا ئۆزىنىڭ روھلىنىدىغانلىقى ياكى ھوزۇرلىنىدىغانلىقىنى سىناپ كۆرۈش دېگەنلىك. بىر مەزگىل قايتا - قايتا سىناپ باققاندىن كېيىن، ئادەتتىكى ئاياللار قانداق غىدىقلاش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىنى پەيدىنپەي ئېنىق بىلەلەيدۇ. بۇلار قانچىلىك دەرىجىدە كۈچەش، قانچىلىك ۋاقىت غىدىقلاش، باسامدۇ ياكى شەكلى قانداق بۇلىدۇ، سىلىقلاتقۇچ سۈرتۈش كېرەكمۇ-يوق، دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ نەتىجىسىنى مۇۋاپىق يوسۇندا ئېرىگە بىلدۈرگەندىلا، ئاندىن ئېرى ئۆز ھەرىكىتىنى خوتۇنىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ياخشىلاپ، خوتۇنىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مۇۋاپىق غىدىقلاپ، خوتۇننىڭ جىنسىي قوزغىلىشىنىڭ يۇقىرى پەللىگە تېخىمۇ كۆپ يېتىشىگە ياردەملىشەلەيدۇ.
بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسسىسى خۇلاسىلىدى: نۇرغۇن ئايال ئۇزاق مەزگىل جىنسىي قوزغىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىگە يەتمىگەنلىكى نەتىجىسىدە «بوسۇغا، داۋان» ياكى ئۆتكەل شەكىللىنىپ، ھەر قېتىم پەيدىنپەي روھلانغاندىن كېيىن، ھامان بىر كۆرۈنمەس نەرسە تەرىپىدىن توسۇلۇپ قالغاندەك بولۇپ، ھەر قانچە قىلىپمۇ جىنسىي قوزغىلىشنى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزەلمەيدۇ. بۇنداق چاغدا ئۆزىنى ئۆزى غىدىقلاپ 1 -قېتىم جىنسىي قوزغىلىشنى يۇقىرى پەللىگە چىقىرىپ، بۇ بوسۇغا داۋاندىن، بۇ ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۆسۈپ ئۆتەلىسىلا، ئەر-خوتۇننىڭ جىنسىي تۇرمۇشىدا جىنسىي قوزغىلىشى كۆپىنچە بىر قەدەر ئاسانلا يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !