نۇرغۇن كىشىلەر يانفوننى كارىۋاتنىڭ بېشىغا قويۇپ قويسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىسىمۇ, يانفون ئويناۋىتىپ ئۇخلاپ قالىدىغان ئادىتى بار. بىراق, ئۇخلىغاندا يانفوننى ئېتىۋەتمەي كارىۋاتنىڭ بېشىغا قويۇپ قويۇش سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق. شۇڭا, يانفوننى ئىشلەتمەيدىغاندا بولۇپمۇ ئۇخلىغاندا يانفوننى ئېتىۋېتىش, يانفوننى ئېتىۋەتمىگەندە يانفوننى ئۆزىدىن يىراقراق قويۇش, ئۇزاق ۋاقىت تېلېفون سۆزلىمەسلىك, تېلېفون سۆزلەشكەندە كۆك چىشلىق ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش كېرەك. ئەمەلىيەتتە يانفوننى ئېتىۋېتىپ زەرەتلىگەندىمۇ رادىئاتسىيەسى بولىدۇ, شۇڭا زەرەتلىگەندىمۇ يىراقراق جايغا قويۇش كېرەك.
ئۇنداقتا, يانفون رادىئاتسىيەسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە قانداق زىيانلىق تەرىپى بار؟
كىشىلەر يانفون ئىشلىتىۋاتقاندا, يانفون تارقىتىش ئاساسىي پونكىتىغا ئېلېكتر دولقۇنى يوللايدۇ, ئادەم بەدىنى ئېلېكتر دولقۇنىنى ئازدۇر-كۆپتۇر قوبۇل قىلىدۇ. بۇ ئېلېكتر دولقۇنى دەل-رادىئاتسىيە. ئومۇمەن ئېيتقاندا, يانفون ئوچۇق ھالەتتە تۇرغاندا رادىئاتسىيەسى ئاجىزراق بولۇپ, تېلېفون سۆزلەشكەندە كۈچلۈكرەك بولىدۇ. تېلېفون ئۇرۇلۇپ, بىراق تېخى ئۇلانمىغاندا رادىئاتسىيەسى ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ, رادىئاتسىيەسى تېلېفون سۆزلەشمىگەندىكىنىڭ ئۈچ ھەسىسىچە كېلىدىكەن. بۇ رادىئاتسىيە ئادەم بەدىنىنىڭ توقۇلمىلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىشى, سالامەتلىككە خەۋپ كەلتۈرۈشى مۇمكىن.
يانفون رادىئاتسىيەسىنىڭ باشقا بولغان زىيىنى ئىنتايىن زور بولۇپ, ئۇ ئادەمنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا ئىقتىدار خاراكتېرلىك توسالغۇ پەيدا قىلىپ, باش ئاغرىش, باش قېيىش, ئۇيقۇسىزلىق, كۆپ چۈش كۆرۈش, چاچ چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ, بەزىلەرنىڭ يۈزىمۇ غىدىقلىنىدۇ.
ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدە يانفون رادىئاتسىيىسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مېڭە ئۆسمىسى دەپ گۇمانلانغان ئەمەلىي مىساللار كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇلتۇر ئىيۇلدا, ئامېرىكىنىڭ مارىلاندىدىكى مېڭە راكىغا گىرىپتار بولغان بىر ئەر ئۆزىنى يانفون ئىشلىتىشى سەۋەبلىك راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دەپ قاراپ, يانفون ياساش شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلغان. «ياۋروپا راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە تەتقىقات دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە, ئۇزاق مۇددەت يانفون ئىشلىتىدىغانلارنىڭ مېڭە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يانفون ئىشلەتمەيدىغانلارنىڭكىدىن %30 يۇقىرى بولىدىكەن. يانفون ئىشلىتىش ۋاقتى 10 يىلدىن ئاشقانلارنىڭ مېڭە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يانفون ئىشلەتمەيدىغانلارنىڭىكىدىن %80 يۇقىرى ئىكەن.
يانفون ئىشلەتكۈچىلەر ئامالبار يانفوننى بەل, قورساقتىن يىراق قويۇش, يانفوننى بوينىغا ئېسىۋالماسلىق ياكى كىيىمنىڭ يانچۇقىغا سالماسلىقى كېرەك. بەزى ئەرلەر يانفوننى ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا سېلىۋالىدۇ. بۇنداق قىلسا ئۇرۇققا بولغان زىيىنى ئەڭ زور بولىدۇ. يانفون ئىشلەتكۈچىلەر ئىشخانىدا, ئۆيدە ياكى ئاپتوموبىلغا چىققاندا يانفوننى چەترەك ئورۇندا قويۇپ قويۇشى لازىم. سىرتقا چىققاندا, يانفوننى خۇرۇم سومكىغا سالسا بولىدۇ. تېلېفوننى نائۇشنىك بىلەن سۆزلەشسىمۇ يانفون رادىئاتسىيەسىنىڭ زىيىنىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !