ئىلگىرى مۇھەببەتلىشىش تەجرىبىسى يوق تۇرۇپ يۈرگەنلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئادەتتە مۇنداق ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
1. مۇھەببەتلىشىش تەجرىبىسى يوق قىز بىلەن تەجرىبىسى بار يىگىت.
2.مۇھەببەتلىشىش تەجرىبىسى يوق يىگىت بىلەن تەجرىبىسى بار قىز.
3.ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تەجرىبسىى يوق.
بىرىنچى خىل ئەھۋالدا يىگىت تەرەپ بەكرەك زىيان تارتىدۇ. چۈنكى قىزنىڭ مۇھەببەتلىشىش تەجرىبىسى بولمىسا, بۇ مۇناسىۋەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىن تارتىپ تا ئايرىلىپ كەتكۈچە يىگىت بەكرەك بەدەل تۆلەيدۇ.
بۇ مۇناسىۋەتتە قىز تەرەپ يىگىتكە بەكرەك يۆلىنىۋالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا يىگىت قىزغا قانداق چىقىشىپ ئۆتۈشنى ئۆگىتىپ, ئوقۇتقۇچىلىق رولىنى ئۆتەيدۇ. بۇ جەرياندا يىگىت كۆپ قۇربانلىق بېرىدۇ. قىزغىن مۇھەببەتلىشىش باسقۇچىغا كەلگەندە, قىز تەرەپ پۈتۈنلەي يىگىتكە يۆلىنىۋالىدۇ. ئىلگىرى بەدەل تۆلىگەنلىرى ئۈچۈن يىگىت قىزنىڭمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ جاۋاب قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ, ئەمما بۇ چاغدا قىز بۇنى ھېس قىلالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بۇنداق مۇھەببەت مەغلۇب بولىدۇ.
ئىككىنچى خىل ئەھۋالدا قىزلار ئاسان زىيان تارتىدۇ. چۈنكى قىزلار ئەسلىدىنلا يىگىتلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى, ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا مۇھتاج. ئەگەر مۇھەببەتلىشىش تەجرىبىسى يوق يىگىتلەر بىلەن مۇھەببەتلەشسە, قىزلار ئاسانلا ھېرىپ كېتىپ, مۇھەببەتنىڭ تەمىنى تېتىيالمايدۇ. ئاخىرىدا دەسلەپكى مۇھەببەت ئاستا-ئاستا سۇسلىشىپ كېتىدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بۇنداق مۇناسىۋەتتە يىگىتلەر قىزلاردىن نەپرەتلىنىدۇ, بۇنىڭ بىلەن قىزلار يەنە بىر قېتىم ئازار يەيدۇ.
ئۈچىنچى خىل ئەھۋالدا ھېچكىممۇ زىيان تارتمايدۇ. بۇنداق مۇھەببەت ھەممە كىشىنىڭ ئارزۇسىدەك مۇھەببەت بولالايدۇ. ئىككى تەرەپ بىر-بىرىدىن قانداق چىقىشىپ ئۆتۈشنى, ئۆزى بىلگەن ئۇسۇلدا زىدىيەتنى قانداق ھەل قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. بۇ جەرياندىكى نۇرغۇن ئىشلار ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە بولۇپ قالىدۇ. گەرچە بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ بىر باشقا چىقمىقى تەس بولسىمۇ, ئەمما بۇ بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك زۆرۈر جەريان.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !