1.چۈش كۆرۈشنىڭ ئۆگىنىش قىلىشقا ياردىمى بار. ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە, چۈش كۆرۈش-چوڭ مېڭىنىڭ يېڭى ئۇچۇرنى بىرلەشتۈرۈش ۋە چۈشىنىش ئۇسۇلىنىڭ بىرى بولۇپ, چۈش كۆرگەندە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن. شۇڭا, ئۆگىنىش قىلىۋاتقان كىشىلەر ئۇيقۇچىلىقتا بىر سائەت كىتاب كۆرگەندىن كۆرە, بالدۇر ئارام ئالغىنى تۈزۈك. بۇندىن باشقا, ياتاق ئۆينىڭ شاۋقۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىپ, ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغاندا,ئاندىن ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
2. ئادەم ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى ئاخشىمى ئون نەچچە قېتىم چۈش كۆرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھەر كۈنى ئاخشىمى بىر قانچە ھەتتا ئون نەچچە قېتىم چۈش كۆرىدىغانلىقىنى بايقىغان, چۈشنىڭ مەزمۇنى ئۇزۇنمۇ, قىسقىمۇ بولىدۇ, بەزىلەر كۆرگەن چۈشىنى ئېسىدە قالدۇرالايدۇ, بەزىلەر ئېسىدە قالدۇرالمايدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا, كىشىلەرنىڭ ئاخشىمى كۆرىدىغان تۇنجى چۈشى بەش مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ, ئاخىرقى چۈشى 45 مىنۇتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ. مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا, كۆپ قىسىم ئادەملەر ئۆمرىدە بىر قانچە يۈزمىڭ قېتىمدىن ئارتۇق چۈش كۆرىدىكەن.
3.شېرىن چۈشنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدۇ. سىز ئىلگىرى قىزىق شېرىن چۈشلەردىن ئويغىنىپ كېتىپ يەنە قايتا چۈش كۆرۈشنى ئويلاپ باققانمۇ? ئەمەلىيەتتە, بۇنداق شېرىن ئارزۇ خىياللار قۇرۇق تەسەۋۋۇرلا بولۇپ قالماسلىقى مۇمكىن. چۈشتىن ئويغۇنۇپ كەتكەن ۋاقتىڭىزدا جايىڭىزدا مىدىرلىماي جىمجىت يېتىپ يېرىم-ياتا چۈش كۆرۈۋاتقان ھالىتىڭىزنى ساقلاپ قالسىڭىز كۆرگەن چۈشىڭىزنىڭ داۋامىنى يەنە داۋاملاشتۇرالىشىڭىز مۇمكىن. مۇبادا يېتىش ھالىتىڭىز ئۆزگىرىپ كەتسە, بىر قانچە سېكۇنت ئالدىدا كۆرگەن چۈشىڭىز بۇزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن.
4.دائىم ئوخشاش بىر چۈشنى كۆرۈش يوشۇرۇن ئاڭنىڭ ئەسكەرتىشىدۇر. سىز دائىم ئوخشاش چۈشنى قايتا-قايتا كۆرەمسىز? بىز بۇ قايتىلانغان چۈشلەرنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئۇچۇرلارنى ئىزدىشىمىز كېرەك. مەسىلەن, كىشىلەر داۋاملىق چىشى چۈشۈپ كېتىپ ياكى سۇنۇپ كېتىپ چۈش كۆرىدۇ, چىش بىلەن ئېغىز گەپ-سۆزنىڭ سىمۋولى بولۇپ, بۇ ئېھتىمال سىزنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن سۆزلەش ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەكلىكىدىن بېرىلگەن ئەسكەرتىش بولۇشى مۇمكىن.
5.چۈشنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ. ئامېرىكىدىكى بىر تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە, %64.9 تەتقىقاتقا قاتناشقۇچى ئۆزىنىڭ چۈش كۆرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايدىكەن, %34 كىشى كۆرۈۋاتقان چۈشىنى كونترول قىلالايمەن دەپ قارايدىكەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى, چۈشنى كونترول قىلىش بىر قۇرۇق خىيال ئەمەس. دائىم قارا بېسىپ قالىدىغان كىشىلەر ئۇخلاشتىن ئاۋۋال «قارا بېسىپ قېلىش قورقۇنچلۇق ئەمەس, بۇ پەقەت بىر چۈشتىن ئىبارەت خالاس» دەپ ئۆزىگە بىشارەت بەرسە بولىدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !