ئاتالغۇلار تىل - يېزىق ئۆرۈپ-ئادەت شەخىسلەر تارىخقا نەزەر مەدىنىيەت ئۇچۇرلىرى باش بەت
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • قىرغىزىستاندىن تېپىلغان دۇخۇەيباۋ ئابىدىسى ھەققىدە
  • «ئۇيغۇر» ئاتالمىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى
  • ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا « تۈركىستان » دېگەن نامنىڭ يوق ...
  • ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا « تۈركىستان » دېگەن نامنىڭ يوق ...
  • قەدىمكى تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدىكى turk yueul bodun ھەققى ...
  • ئاقسۇ نامىنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسدا
  • بەزى ئىبادەت ئەمەللىرى ھەققىدە
  • قۇمۇلدىكى قارلۇق غول ھەققىدە
  • قۇمۇل دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە
  • <<دولان >>نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە
  • ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا « تۈركىستان » دېگەن نامنىڭ يوق ...
  • ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا « تۈركىستان » دېگەن نامنىڭ يوق ...
  • كۇچانىڭ XI ئەسىردىكى دۆلەت تەۋەلىكى توغرىسىدا
  • قەدىمىي تۈركىي قەۋملىرىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت جەريانى ...
  • لوقمان ھېكىمنىڭ كۈيئوغلى ھەققىدىكى رىۋايەت
  • قىتانلار ۋە جۇرجىتلار ھەققىدە
  • كروران قەدىمى شەھىرىنى تىرىلدۈرگەن كىشى _ ئۆردەك ھەققى ...
  • قەدىمىي تۈركىي قوۋملىرىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت جەريانى ...
  • يېڭىدىن پەيدابولغان بىر قىسىم ئاتالغۇلار نىڭ تەرجىمىس ...
  • بەزى يەر - جاي ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيىسى ھەققىدە
  • <<قەشقەر>> ئاتالغۇسى ھەققىدە
  • چېقىلغان نۇر
  • خوتەندىكى دېئالېكتنىڭ ئاق ھۇن قاتلىمى توغرىسىدا
  • لوپلۇقلار ھەققىدە رىۋايەت
  • «شىنجاڭ»دىكى «ئەڭ»«تۇنجىلار»
  • «غۇلجا» دېگەن يەر نامى توغرىسىدا
  • «جامىئۇت-تەۋارىخ» نىڭ قوليازما نۇسخىلىرى
  • بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمود كاشغەرى
  • قەدىمىي تۈركىي قەۋملىرىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت جەريانىدا شەكىللەنگەن بىر قىسىم ئادەتلىرى توغرىسىدا
    يوللىغان ۋاقىت:2009-01-30 ئاۋاتلىقى:2602
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

    قەدىمىي تۈركىي قەۋملىرىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت جەريانىدا شەكىللەنگەن بىر قىسىم ئادەتلىرى توغرىسىدا

    1 . مەخسۇس مېھمانلارغا ، بولۇپمۇ ئۆز قېرىنداشلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن ، يىراقتىن كەلگەن ئادەم قايتىپ كېتەر چاغدا ھەممە ئۇرۇق - تۇققانلارنى " بوشۇغ " دەپ ئاتىلىدىغان بىر زىياپەتكە چاقىرىدۇ . ئاندىن مېھمانغا سوۋغات ھەدىيە قىلىپ ، ئۇنىڭ كېتىشىگە رۇخسەت بېرىلىدۇ . شۇنداق زىياپەتمۇ " بوشۇغ ئاشى " دېيىلىدۇ . شۇنىڭدىن ئېلىنىپ خان تەرىپىدىن ئەلچىنىڭ قايتىپ كېتىشىگە بېرىلگەن رۇخسەت خېتىمۇ ۋە ئەلچىگە بەرگەن سوۋغىمۇ " بوشۇغ " سۆزى بىلەن ئاتىلىدىغان بولغان .

    2 . ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتىگە ئەستىلىك ئۈچۈن بېرىلىدىغان نەرسە بولىدۇ . بۇنى " خۇمارۇ " ( يادىكار ) دەپ ئاتايدۇ . مەسىلەن ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئادىتى بويىچە ، چوڭلار ئۆلۈپ كەتسە ، ئۇنىڭ ئەڭ ئېسىل نەرسىسى خانغا تەقدىم قىلىنىدۇ . شۇ نەرسىمۇ ۋە ئۇزۇن سەپەرگە كەتكەن كىشى قېرىنداش ۋە تۇغقانلىرىغا يادىكارلىققا قالدۇرۇلغان نەرسىمۇ " خۇمارۇ " دېيىلىدۇ .

    3 . ئىسلامدىن بۇرۇنقى تۈركىي قوۋملاردا " ياغىش " دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل قۇربانلىق قىلىش ئادىتى بار ئىدى . مۇنداق قۇربانلىق بىرەر مۇھىم ئىش ياكى تەڭرىگە بولغان يېقىنلىقنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن بۇتلارغا ئاتاپ سويۇلاتتى .

    4 . قەدىمدىن ساقلىنىپ كېلىۋاتقان " قۇۋۇچ " دەپ ئاتىلىدىغان بىر داۋالاش ئادىتى بار . " قۇۋۇچ " دېمەك جىن تەككەنلىك دېمەكتۇر . بۇنداق ئادەمنى داۋالاشتا يۈزىگە سوغۇق سۇ سېپىپ تۇرۇپ ، " قۇۋۇچ ، قۇۋۇچ " ( كۆچ ، كۆچ ) دېيىلىدۇ . ئادىراسمان ۋە ئود ھېدى بىلەن ئىسرىق سېلىنىدۇ . بۇ سۆز " ھەي جىن ! قاچ ، قاچ " سۆزىدىن ئېلىنغان بولسا كېرەك .

    5 . تۈركىي قوۋملارنىڭ ئۆزئارا سالاملىشىش سۆزلىرىدىن باشقا چىن خاقانلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئىشلىتىدىغان " شى " دېگەن بىر سۆزى بار ، بۇ " خوش ، خوش ، تەقسىر " دېگەنلىك بولىدۇ .

    6 . ئۇيغۇرلار ۋە باشقا قوۋملارنىڭ ھۆرمەت - ئېھتىرامنى بىلدۈرىدىغان ، نازاكەتنى ئىپادىلەيدىغان ھەر خىل ئادەتلىرى بار . مەسىلەن ، يەكتەكنىڭ ئىككى پېشىنى قىستۇرۇپ ئولتۇرۇش نازاكەت ھېسابلىنىدۇ .

    7 . تۈركىي قوۋملاردا " كۆك تۆمۈر بىكار تۇرمايدۇ " دېگەن تەمسىل بار . " كۆك تۆمۈر " ئىبارىسىنىڭ يەنە بىر مەنىسىمۇ بار ، يەنى قىرغىز ، يابافۇ ، قىپچاق ۋە باشقا خەلقلەر قەسەم ئىچكەندە ياكى ۋەدە قىلغاندا ، قىلىچنى يالىڭاچلاپ ئالدىغا كۆندىلەڭ قويىدۇ - دە ، " ۋەدە بۇزۇلسا ، قىلىچ قانغا بويالسۇن ، تۆمۈر ئۆچ بولسۇن " دەيدۇ . چۈنكى ، ئۇلار تۆمۈرگە ھۆرمەت قىلىدۇ .

    8 . ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قوۋملاردا ئۆزلىرىنىڭ پەزىلىتىنى ، ھايانى ئىپادىلەيدىغان بىر ياخشى ئىش بار . ئوغۇزلار ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلسا " ئەتتى " سۆزىنى ئىشلىتىدۇ . يەنى " تەڭرى مېنىڭ ئىشىمنى پۈكۈنچ ئەتى --- تەڭرى مېنىڭ ئىشىمنى ئوڭلىدى " دېگەندەك . تۈركلەر " قىلدى " دەيدۇ . لېكىن ، بۇ سۆز جىنسىي ئالاقىگىمۇ ئىشلىتىلگەنلىكتىن ، خوتۇنلار خىجالەت بولمىسۇن دەپ ، تۈركلەر بۇ سۆزنى قوللىنىشتىن ۋاز كەچكەن .

    9 . تۈركىي قوۋملار كۈن پاتقاندىن كېيىنكى بۇلۇت قىزارغاننى " بۇلۇت ئۆرتەندى " دەيدۇ . بۇ خىل ئالامەت ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى . ماقالىدا مۇنداق كەلگەن : " تۈندە بۇلۇت ئۆرتەنسە ، ئۆيگە يىغا كىرگەندەك بولۇر " . تۈركىي قوۋملار تاڭدا بۇلۇتنىڭ قىزارغىنىنى ياخشىلىققا بۇيرىمايدۇ .

    10 . تۈركىي قوۋملاردا دېھقانچىلىقنىڭ ئالدراش پەيتلىرىدە بۇغداي ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش دانلارنى يانجىشتا بىر - بىرىگە ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ياخشى ئادەت بار ئىدى . بۇنى " لۇچىنۇت " دەيدۇ . ( ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا "لاپقۇت " دېيىلىدۇ ) .

    11 . خامان چەشلەنگەندىن كېيىن كەلگەن كىشىلەرەە خامان سوۋغىسى سۈپىتىدە بېرىدىغان ئاشلىق بولىدۇ ، بۇنى " كەپسەن " دەيدۇ .

    12 . بىزدە " ئەر مەڭەلەدى " ، يەنى " ئەر مىڭە يىلىدى " دېگەن بىر ئىبارە بار . بۇنىڭ ئەسلىي تېگى مۇنداق : بۇ ئادەت بىر كىمنىڭ ئۈچۈن ، ئۇنىڭغا ئاتاپ ، يەنى ئۇنىڭغا قوينىڭ مېڭىسىنى يىگۈزۈش ئۈچۈن قوي سويۇلىدۇ . چۈنكى ، قوي سويۇپ مېڭىسىنى تەقدىم قىلىش چوڭ ھۆرمەت ھېسابلىنىدۇ . چۈنكى ، مېڭە قوينىڭ ئەڭ ئېسىل يېرى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر .

    13 . خوتۇنلار كىيىملىرىەە تاقىۋالىدىغان ۋە ياكى يانلىرىدا ئېلىپ يۈرىدىغان كىچىك پىچاق بولىدۇ ، بۇنى " كەزلىك" دەپ ئاتايدۇ .

    14 . قەدىمكى تۈركىي قوۋملاردا خوتۇنلارنى سۈننەت قىلىدىغان ، ئات ۋە باشقا ھايۋانلارنى پىچىۋەتكەندەك ئەرلەرنىمۇ ئاختا قىلىدىغان ئادەت بار ئىدى . بۇنى ، " پەچەل " دەيتتى .

    15 . مەخسۇس بۇرۇننى ئېيتىدىغان يىپەك قولياغلىقى بولىدۇ . ئۇ ياغلىق قويۇندا ساقلىنىدۇ . بۇ ياغلىقنى ئۇلار " ئۇلاتۇ " دەپ ئاتايدۇ .

     
      قەدىمكى تۈركىي قەۋملىرىنىڭ بىر قىسىم توي - تۆكۈن ، ئۆلۈم ئادەتلىرى توغرىسىدا

      پەرزەنتلەر بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تويلىرى بولىدۇ . بۇ توي بەك داغدۇغىلىق ھەم ھەشەم - دەرەم بىلەن ئۆتكۈزىلىدۇ . بۇ جەھەتتە ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان قائىدە - يوسۇنلىرى بار .

       كېلىن يۆتكەلگەندە يېقىن كىشىلەرگە مال ۋە كېيىم - كېچەك ھەدىيە قىلىنىدۇ . بۇ خىل ئادەتنى " يوپۇش " دەيدۇ . نىكاھ كېچىسى يىگىتنىڭ ئۆيىگە كېلىن بىلەن بىرگە بىر دېدەك قوشۇپ ئەۋەتىلىدۇ . بۇ دېدەكنى " ئەەەتلىك قارا باش " دەيدۇ . توي كېچىسى كېلىن بىلەن بىرلىكتە ئەۋەتىلىدىغان خىزمەتچى خوتۇن ( يەڭگە) نى " ئەگىت " دەيدۇ . ئۇ خوتۇن كېلىن يېڭى ئۆيگە ئۆزلىشىۋالغاندىن كېيىن قايتىپ كېلىدۇ . ئوغۇل تەرەپ كېلىن بولغۇچى قىز ئۈچۈن مەخسۇس ئۆي جاھازلىرىنى تەييارلايدۇ ، بۇنى " سەپ " دەپ ئاتايدۇ . تويدا مەخسۇس تويلۇق كىيىم - كېچەكلەر ، بۇنى " كەزۇت " دەيدۇ . كېلىن يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن كېلىن بىلەن كۈيئوغۇلنىڭ باشلىرىدىن چاچقۇ چېچىلىدۇ . بۇمۇ بىر خىل مۇراسىم شەكلىنى ئېلىپ بەزمە قىلىنىدۇ ، بۇ خىل ئادەتنى " مۇندۇرى " دەيدۇ .

      تۈركىي قوۋملار ئۆلۈمنى بەك داغدۇغىلىق ئۆزىتىدۇ . بۇ ئۇلارنىڭ ئۆلگۈچىگە بولغان ھۆرمىتى ۋە ئۇنىڭ ھاياتىنى قەدىرلىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خېلى نۇرغۇن ئادەتلەر بارلىققا كەلگەن .

      بىرىنچى ، خانلار ۋە بەگلەر ئۆلگەندە ، ئۇلارنىڭ قەبرىلىرى ئۈستىگە يىپەك رەخت يېپىلىپ ، كېيىن ئۇ رەخت كەمبەغەللىرىگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىلىدۇ ، بۇنى " ئەشۈك " دەيدۇ .

      ئىككىنچى ، ئۆلۈك كۆمۈلگەندىن كېيىن ، ئۈچ كۈنگىچە ياكى يەتتە كۈنگىچە نەزىر ئىشى بېرىلىدۇ ، بۇ ئادەتنى " يوغ " دەيدۇ . ئۆلۈك كۆمۈلگەندىن كېيىنلا بېرىلىدىغان ئاش " باسان ياكى يوغ باسان " دېيىلىدۇ .

     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ