ئاتالغۇلار تىل - يېزىق ئۆرۈپ-ئادەت شەخىسلەر تارىخقا نەزەر مەدىنىيەت ئۇچۇرلىرى باش بەت
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • قىرغىزىستاندىن تېپىلغان دۇخۇەيباۋ ئابىدىسى ھەققىدە
  • «ئۇيغۇر» ئاتالمىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى
  • قەدىمكى تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدىكى turk yueul bodun ھەققى ...
  • كۇچانىڭ XI ئەسىردىكى دۆلەت تەۋەلىكى توغرىسىدا
  • ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا « تۈركىستان » دېگەن نامنىڭ يوق ...
  • قىتانلار ۋە جۇرجىتلار ھەققىدە
  • قۇمۇل دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە
  • خوتەندىكى دېئالېكتنىڭ ئاق ھۇن قاتلىمى توغرىسىدا
  • ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا « تۈركىستان » دېگەن نامنىڭ يوق ...
  • قۇمۇلدىكى قارلۇق غول ھەققىدە
  • بەزى يەر - جاي ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيىسى ھەققىدە
  • كروران قەدىمى شەھىرىنى تىرىلدۈرگەن كىشى _ ئۆردەك ھەققى ...
  • ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا « تۈركىستان » دېگەن نامنىڭ يوق ...
  • ئاقسۇ نامىنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسدا
  • ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا « تۈركىستان » دېگەن نامنىڭ يوق ...
  • قەدىمىي تۈركىي قەۋملىرىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت جەريانى ...
  • <<قەشقەر>> ئاتالغۇسى ھەققىدە
  • لوقمان ھېكىمنىڭ كۈيئوغلى ھەققىدىكى رىۋايەت
  • <<دولان >>نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە
  • بەزى ئىبادەت ئەمەللىرى ھەققىدە
  • يېڭىدىن پەيدابولغان بىر قىسىم ئاتالغۇلار نىڭ تەرجىمىس ...
  • قەدىمىي تۈركىي قوۋملىرىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت جەريانى ...
  • چېقىلغان نۇر
  • قىتانلار ۋە جۇرجىتلار ھەققىدە
    يوللىغان ۋاقىت:2009-01-14 ئاۋاتلىقى:895
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

                                                  تۇماس A. سىبىك (ئامېرىكا)
                                      تەرجىمە قىلغۇچى: غەيرەت ئابلىز، مەخسۇت ھېيت


             بۇ ماقالىدە مەخسۇس بايان قىلىنغان ئىككى مىللەت نۇرغۇن ئوتلاقلىقلارغا ئىگە بولۇپ، ئۇلار ئەزەلدىن مانجۇرىيىدە ياشاپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى «ئورمان مەدەنىيىتى» گە ۋەكىللىك قىلىدۇ. جۈملىدىن ئۇلار ئەينى زاماندا ئىچىكى رايونلارغا مۇداخىلە يۈرگۈزگەن. لېكىن يايلاقتىكى مىللەتلەر ئىچىدە مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشكەن ۋە ماختاشقا ئەرزىيدىغان بىردىنبىر مىللەت- مۇڭغۇللاردۇر. قىتان ۋە جۇرجىتلار مەدەنىيىتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلب قىلارلىق ئوخشاشلىقلارغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئىنتايىن قىزىقارلىق يېرى شۇكى، بۇ ئىككى مىللەت ئوخاشمىغان تىل سىستېىسىغا مەنسۇپ، ھازىر ساقلىنىۋاتقان ھۈججەتلەرگە ئاساسەن قىتان تىلىنى مۇڭغۇل تىلى ياكى مۇڭغۇل تىلىقغا ئىنياتىن تېقىنلاشقان بىر خىل يەرلىك شىۋە ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۈرغىلى بولىدۇ. ۋەھالەنكى، جۇجىتلارنىڭ توڭگۈش تىلىدا سۆزلىشىدىغانلىقىدا شەاڭ يوق.
        قىتانلارنىڭ تارىخى ناھايىتى تەبىئىي ھالدا  ئۈچ مەزگىلگە ئايرىلىدۇ: بىرىنچى مەزگىلى، قىتانلار ئاتالمىش «مانجۇرىيە» رايونىدا ئولتۇراقلاشقان دەۋىدىن ئىبارەت. ئىككىنچى مەزگىلى، مىلادى 947- يىلىدىن مىلادى 1152- يىلغا قەدەر قىتانلارنىڭ پۈتۈن جۇڭگۇنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن قۇرۇلغان ھەم ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن، «لياۋ» نامى بىلەن ئاتالغان سۇلالىنى كۆرسىتىدۇ. لياۋ سۇلالىسى زاۋالىققا يۈزگەنگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قالدۇق قىسمى غەربكە كۆچۈپ، قارا قىتان سۇلالىسىنى قۇرغان ھەم مۇڭغۇللار دەۋرىگىچە ھۆكۈم سۈرگەن. بۇ يەردە بىز ئىككىنچى ھەزگىلدىكى تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى تەپسلىي بايان قىلىشنى ھاجەتسىز دەپ قارالايمىز، چۈنكى بۇ مەزگىل جۇڭگۇ تارىخنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغانىدى.
            «قىتان» دېگەن بۇ نام مىلادى V ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. شىمالىي ۋېي دەۋرىدە سۇلالىسى ئەينى چاغلاردا چاخار ئۆلكىسىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قىتانلار بىلەن رەسمىي مۇناسىۋەت ئورناتقان. مىلادىVII ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا قىتانلار جۇڭگۇنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى چېگرا جايلارغا قارىتا ئۆزلۈكسىز پاراكەندىچىلىك يۈرگۈزگەن ھەم ئۇزۇن ئۆتمەي تۈرك ئىمپىرىيسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. مىلادى 697- يىلى تۈرك قاغانى قاپاغان قاغان (مىلادى 677- 716- يىللار) ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغان. ئۇلارنىڭ نامى ئۇرخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدىكى تۈركلەر بويسۇندۇرغان بىر مۇنچە مىللەتلەر ئىچىدە تىلغا ئىلىنغان.
    قىتان مەدەنىيىتى مەنىۋى مەدەنىيەت ياكى ماددىي مەدەنىيەت جەھەتلەردە يايلاق مىللەتلەرگە قارىغاندا نۇرغۇن پەرقلەرگە ئىگە. قىتان قەبىلىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ناھايىتى ئوخاشمىغايدىغان ۋە بىر قەدەر سىرلىق رىۋايەتلەر بار. بۇ ئۇلارنىڭ ئالتاي مىللەتلىرى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر بىلەن خېلى زور پەرق بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەڭ دەسلەپكى ئەپسانىلەردە بايان قىلىنىشچە، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ھېچ نەرسىگە ئوخشىمايدىكەن. ئۇ، پەقەتلا چېدىر ئىچىدە كېگىز پارچىسىغا ئوراپ قويۇلغان بىر ئادەمنىڭ باش سۆڭىكى بولۇپ، مۇراسىم- بايراملاردىلا ئۇ ئادەم قىياپىيىگە كىرىدىكەن، مۇراسىم تۈگىگەندىن كېيىن ئۇ يەنە ئەسلىي ھالىتىگە قايتىدىكەن، ئەپسانىلەردە بايان قىلىنغان يەنە بىر غايىپ  ھۆكۈمراننىڭ بېشى چۇشقا بېشىغا ئوخشارمىش. ھەرخىل قاتلاملاردىن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلگەن ھەرخىل شەكىلدىكى ئاجايى- غارايىپ نەرسىلەرنى ئاسانلىقچە چۈشەنگىلى بولمايدۇ. بىز پەقەت ئۇ جەمىئيەتنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ خاراكتېرىگە ئاساسەن ئۇنىڭ قۇرۇلما دائىرسى ئىچىدە ئۇنىڭ ئوخشاشمىغان رولى بۇيىچە ئوخشاشمىغان مىللەتلەر توپىنى ئايرىپ چىقىشنىلا پەرەز قىلالايمىز. بەزى سانائەت، بولۇپمۇ مېتالچىلىق سانائىتى بەزى كەسىپلەشكەن مىللەتلەر تەرپىدىن ئىگىلەنگە. قارىماققا، قىتان ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئاساسلىق رولى يار يۆلەك بولۇش ۋە سىياسىي جەھەتتىن يوشۇرۇن ئىقتىسادى كۈچلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بولسا كېرەك. جۇڭگۇنىڭ شىمالىي قىسمىنى بويسۇندۇرغان ھەم ئۇ يەردە «جۇڭگۇ سۇلالىسى» نى قورغان بۇ مىللەتنى مەرىپەتسىز ياۋايى كۆچمەن مىللەت دېيىشكە بولمايدۇ.
          قىتان كۈچ- قۇدرىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يوشۇرۇن ئامىللىرى يېلو قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئابوجىنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە مىسلىسىز تەرەققىي قىلدى ۋە زورايدى.
        رىۋايەتلەردىن بىزگە شۇ نەرسە مەلۇم بولدىكى، ئابۇجى تۇغۇلۇشى بىلەنلا گويا ئۈچ ياشقا كىرگەن بالىدەك ئۆمىلەپ مېڭىشقا باشلىغان، ئۈچ ئايلىق بولغاندا ئۆرە تورالايدىغان ۋە ماڭالايدىغان بولغان. بىر ياشقا كەلگەندە كىشلەر بىلەن سۆزلىشەلەيدىغان ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىن ھۆكۈم قىلالايدىغان بولغان. ئۇ خېلى بالدۇرلا توغما رەھبەرلىك تالانتىنى ۋە باتور ئەجدادلىرىغا خاس خىسلەتلەرنى نامايەن قىلغان.
         قىتانلارنىڭ ئۆرپ- ئادىتى بويىچە، قىتان ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقلىرى ئۈچ يىل ئىچىدە ئىتتىپاققا قاتناشقان ھەر قايسى قەبىلە ئاقساقاللىرى ئارىسىدىن تاللاپ ئېلىناتتى. نەتىجىدە ئابۇجى باشلىق بولۇپ سايلىنىدۇ. ئۇ، ھۇقۇقىدىن ۋاز كېچىشىنى خالىمغاچقا توققۇز يىل ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچ ئاساسىنى تۆمۈر رودىسى ۋە تۇز بايلىقى بولغان، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولىدىغان غەرىبتىكى يىراق جايلار (ھازىرقى چاخار ئۆلكىسى) غا قۇرغان، ئابۇجى ئۆزى سۈرگۈن قىلىنغان ئەھۋالدا بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا باشقا قىتان قەبىلىلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى دەستەك قىلىپ مىلادى 906- يىلى مۇۋەققىيەتلىك ھالدا مۇنازىرە تەلەپ قىلىشقا بولىدىغان ئاساستا ئىتتىپاق باشلىقى بولۇۋالغان ھەم قىتانلارنىڭ سەككىز قەبىلىسىنى يېڭىباشتىن ئۆز رەھبەرلىكى ئاستىغا بىرلەشتۈرگەن.
         يېگىرمە نەچچە يىل ئىچىدە ئابۇجى (جۇڭگۇچە نامى تەيزۇ دەپ ئاتالغان) ئۆز قەبىلىسىنىڭ تەسىر دائىرسىنى ئۆزلۈكسىز كېڭىيىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان. خارجى ئىشلار جەھەتتە ئۇنىڭ قىرغىزلارغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرۈشىنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە ۋە تەكىتلەشكە توغرا كېلىدۇ. مەدەنىيەت جەھەتتە يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشى ئىنتايىن مۇھىم ئۇرۇننى ئىگەللەيدۇ. مىلادى 924- يىلى ئابۇجى مۇڭغۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەن. مۇشۇ قېتىملىق غەلبىدىن كېيىن ئابۇجى ئۇيغۇرلارنى جۇڭگۇنىڭ غەربىي قىسمىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ مۇڭغۇلىيىدىكى ئىمپېريىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرى قوبۇل قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرخىل تېخنىكىسى (جۇملىدىن قوغۇن تېرىش تېخنىكىسى) نى كەڭ دائىرىدا ئۈگەنگەن ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقىنى قوللانغان.
       ئابۇجى مىلادى 947- يىلى چاۋشىيەننى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن سەپەر ئۈستىدە ئۆلگەندە ئۇنىڭ ئوغلى ۋە ۋارىسى، يەنى ناھايىتى داڭقى چىققان، جۇڭگۇچە تەيزۇڭ خان دەپ ئاتالغان كىشى (مىلادى 927- 947- يىللار) قىتانلارنىڭ تەسىر دائىرىسىنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتكەن ۋە جۇڭگۇنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى كەڭ رايونلارنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالغان.
    مىلدى 947- يىلى قىتانلار ئاتا- بۇۋىلىرى تۇرغان ماكاندىن ئېقىپ ئۆتىدىغان لياۋخې دەرياسىنىڭ نامىدىكى «لياۋ» ھەرىپىنى سۇلالە نامى قىلىپ ئىشلەتكەن. بۇ يەردە بىزنىڭ لياۋ تارىخىنى تېخىمۇ ئېلگىرىلەپ بىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى مىلدى 1125- يىلى قىتانلار تارىخىدىكى ئەڭ ئاخىرقى خاقانى تۇڭگۇسلاردىن چىققان جۇرجىتلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ تاشلانغان. ۋەھالەنكى، بۇ ئەڭ ئاخىرقى ئاپەت يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى خانلىق نەسەپىدىن كېلىپ چىققان، ئۆز ھىمانيىچىلىرىنىڭ ھامىلىغىدا غەربكە قېچىپ كەتكەن ياللۇغ تاشىن جۇڭگۇ تارىخنامىلىرىدا «غەربىي لياۋ» دەپ ئاتالغان يېڭى قىتان ئىمپېرىيسىنى قۇرغان، مىلادى 1124- يىلىدىن مىلادى 1211- يىلىغىچە ياللۇغ تاشننىڭ ئادەملىرى ئۆزلىرىنى «قارا قىتانلار» دەپ ئاتىغان ئىدى. (سۆز ئاخىرىنىڭ ئوخشاشماسلىقى تۈرك يەرلىك شىۋىسنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە توغرىلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، بۇنى يۈزدە يۈز مۇكەممەل ئىزاھلاش مۇمكىن ئەمەس، «قىتان» بىلەن «خىتاي» دېگەن سۆزنىڭ بىردەكلىكىدە شەك يوق).
        قارا قىتانلار تارىخىدا ھەل بولمىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. مەسىلەن. جۇڭگۇچە ۋە مۇسۇلمانچە ماتېرىياللاردىكى دەلىل- ئىسپاتلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش تەس. ئېنىق مۇقىملاشتۇرۇشقا بولىدىغان يېرى شۇكى، ياللۇغ تاشىن بىر پارچە زېمىننى ئىزدەپ ئۆزىنىڭ يېڭى دۆلىتىنى قۇرۇش جەريانىدا، ئۆزىگە دۈشمەن مىللەتلەرنىڭ توسقۇنلۇقى ناھايىتى ئاز بولغان، ئاشۇ زىمىنغا تۇتىشىدىغان يولنى ئېھتىيات بىلەن ئىزدىگەنىدى. قىتانلار، تېخىمۇ ئۇچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا قاراقىتانلار غەربكە كۆرۈشۈش جەريانىدا ئىككى لىنىيە بويىچە ئىلگىرىلىگەنىدى، ئۇنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلار ماكانى تۇرپان رايونى بولۇپ، ئۇ يەردە ئۇلار دوستانە كۈتۈۋېلىنغانىدى. لېكىن ياللۇغ تاشىن داۋاملىق تۈردە غەربكە يۈرۈش قىلىغاندا ئۇنىڭ ئىلگىرىلەش يولىنى قەشقەر ھۆكۈمرانلىرىنىڭ توسقانلىقىنى سەزگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى يولىنى تاللىۋىلغان، كېيىنچە بۇ يول سەپەر ئۈستىدىكى قارا قىتانلارئۈچۈن ئىنتايىن قۇلايلىق ۋە تۇسالغۇسىز بولدى. ئۇلار غەلبىلىك ھالدا، ھازىرقى چۇ دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان، تۈركلەرنىڭ قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ چوڭ شەھىرى بالاساغۇننى بويسۇندۇردى ھەم بۇ جاينى ئۆزلىرىنىڭ يېڭى، قۇدرەتلىك ئىمپېرىيىسىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇردى.
    ياللۇغ تاشىن جامائەتچىلىك تەرپىدىن ھەممە جەھەتتىن كامالەتكە يەتكەن مەشھۇر سىياسىئون دەپ قارالغانىدى. شۇڭا ئۇ «جۇرجان» يەنى «جاھانخان» دەپ ئاتالغانىدى. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىل يەنى مىلادى 1124- 1143- يىللارغىچە بولغان ئۇزاق ۋاقىتتا ئۇ قارا قىتانلارنىڭ تەسىر دائىرىسىنى تېخىمۇ غەربتىكى جاي ماۋارا ئۇننەھىر رايونىغىچە كېڭەيكەنىدى. ئۇنىڭ كېڭەيمىچىلىكى تازا ئەۋجىگە چىققان ۋاقىتتا، قارا قىتانلار تېرىتورىيىسى جۇڭگۇ چېگرىسىدىن ئارال دېڭىزىغىچە بولغان كەڭ رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. بەزى ئالامەتلىرىدىن قارىغاندا، جەنۇبىي سىبىرىيىنىڭ بىر قىسىم رايونىلىرى قارا قىتان ئىمپىرىيسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدابولغان. ئاز سانلىق قىتانلارقارا قىتان كۆچمەنلىرىنىڭ بۇنداق كەڭ رايونلاردىكى ئاھالىلىرىگە بىۋاستە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا يول قويمىغان. شۇڭا كۆپ قىسىم جايلارنىڭ يەرلىك ھۆكۈمرانلىرى يەنىلا ئۆز جايىدا قېلىپ ئۆز پۇقرالىرىنى باشقۇرغان. لېكىن ئۇلار قارا قىتان ئىمپىرىيىسىنىڭ خاقانىنى ئېتراپ قىلغان ۋە جۇرخانغا ئولپان تاپشۇرۇپ تۇرغان.
    قارا قىتان ئىمپېرىيسى مىلدى 1211- يىلىغىچە يەنى چىڭگىزخانننىڭ سويۇرغال ۋەزىرى، نايمان خانى كۈچلۈك قارا قىتان ئىمپېرىيىسىنىڭ يېرىم تېررىتورىيىسىنى بويسۇندۇرغانغا قەدەر داۋاملاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خارەزىم خانى مۇھەممەت ئۇنىڭ غەربىي يېرىم زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالدى.
        شان- شەۋكەتلىك تارىختا قارا قىتان ئىمپېرىيىسى ئاران ئىككى يېرىم ئەسىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھېچقانداق ئىز قالدۇرمايلا يەر شارىدىن يوقالغان ئەمەس. ئۇلار ئالدى بىلەن جۇڭگۇنىڭ شىمالىغا، ئاندىن كېيىن پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىلگەن. ئۇلار غەرىبتە «قىتان دېگە نام بىلەن داڭ چىقارغان. ئەدەبىيات سەنئىتىنىڭ گۈللىنىش مەزگىللىدە جۇڭگۇنىڭ پارىسچە ئاتىلىشى بولغان «خىتاي» دېگەن نام ناھايىتى كەڭ قوللىنىدىغان. ئېنگىلىز تىلىدا «كاتخاي» (cathay ( دەپ ئاتالغان. بۇ، VIII- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قوللىنىلغان ئەنئەنىۋى نام تەسىرىنىڭ كونكرېت ئىپادىلىنىشىدىن ئىبارەت.
    قىتانلارنىڭ تەقدىرى ھەقىقەتەنمۇ ئالاھىدە بولغان. مانجۇرىيىدىن كېلىپ چىققان، مۇڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدىغان، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇ كىچىك مىللەت جۇڭگۇنىڭ شىمالىي قىسمىنى بويسۇندۇرغان ۋە ئىككى يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ھۆكۈمرانلىق قىلغان. شۇنداقلا ئۇلار قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىنمۇ يېتەرلىك كۈچلۈك سىياسىي ھاياتىي قۇدرىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا تۈرك تىلى ۋە پارس تىلىدا سۆزلىشىدىغان نۇرغۇن ئاھالىلەرگە ئىگە بۈيۈك كۆچمەن چارۋىچىلار ئىمپېرىيىسىنى قورغان ۋە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن.
    شەرقىي مانجۇرىيىنى ماكان تۇتقان، تۇڭگۇس تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەت جۇرجىتلار نۇرغۇن جەھەتلەردە قىتانلار بىلەن ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. ئوۋچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان، ئورمانلاردا ياشايدىغان جۇرجىتلار جۇڭگۇنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى مۇۋەققىيەتلىك بويسۇندۇرۇپ، قىتانلارنىڭ لياۋ سۇلالىسىنى يوقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى باستى. جۇرجىتلار قۇرغان جىن سۇلالىسى مىلادى 1122- 1134- يىللىرى مۇڭغۇللار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. جۇرجىتلار جۇڭگۇدا مەغلۇب بولغاندىن كېيىن قىتانلارغا ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ يېڭى دۆلىتىنى قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بۇلالمىدى.
    جۇڭگۇ تارىخى ئىچىدىكى جۇرجىتلار تارىخى بۇ تىزىسقا كىرگۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن جۇرجىتلار مەدەنىيتى ۋە ئۇلارنىڭ قىتانلار بىلەن بولغان مۇرەككەپ مۇناسىۋىتىدە ئوۋچىلىق ئىقتىساد ۋە دىن جەھەتلەردە خېلى مۇھىم رول ئوينىغان، جۇرجىتلار قىتانلارنى ئوۋ قارچۇغىسى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، بەلكى يەنە بوغىنىڭ ئۋازىنى دورىيدىغان ئۇستا ئوۋچىلارنىمۇ يەتكۈزۈپ بېرەتتى. بۇغا ئوۋلاش ئۇلار ئۈچۈن خۇشال- خۇراملىق كۆڭۈل ئېچىش مەشغۇلاتى بولۇپ قالماي، بەلكى يەنە بىر خىل دىنىي پائالىيەت ئىدى. شۇڭا جۇرجىتلار قىتانلارنىڭ مۇشۇنداق دىنىي پائالىيەتلەرىدە مەلۇم رول ئوينىغان. شۇنداق پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى. بۇلار ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ مەمنۇن بۇلارلىق نەتىجە ھېسالانمايتتى. قارىماققا، جۇرجىتلار قىتانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ھەرخىل خۇرلۇقلارنى تارتقان، جۇرجىتلارنىڭ باشلىقى ئاكوتا قىتان خان ئوردىسىدا ھۆرمەتسىز مۇئامىلىگە ئوچرىغان ۋە ئاھانەت تارتقان. بۇلار جۇرجىتلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قوزغىلىپ، قىتانلارنىڭ ھۆكۈمرانللىقىغا قارشى تۇرۇشىغا سەۋەبچى بولغان، جۇرجىتلار جۇڭگۇغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتەك جالىق ئىشلارغا باتورلارچە تاقابىل تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىسى ۋە خۇسۇسىيىتىنى ساقلاپ قالغان، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يېزىقىنى ئىجاد قىلغان، تىرىشىپ تەدبىر قوللىنىپ، ئۆز تىلىنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ يەرلىك مىللەتلەر گەۋدىسىگە ئارىلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. لېكىن ئارىلىشىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولمايتتى. ئەمەلىيەتتە. مۇڭغۇللار جىن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەندە ئۇلار جۇڭگۇدىكى ھەر مىللەتكە ئارىلىشىپ كەتكەنىدى.
         جۇڭگۇ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق كىتابقا لياۋ، جىن ھەققىدىكى ماتېرىياللار كىرگۈزۈلگەن. لېكىن قىتان ۋە جۇرجىتلارنىڭ جۇڭگۇنى بويسۇندۇرۇشتىن ئىلگىرى تارىخى مەدەنىيتىگە دائىر ماتېرىياللار ئىنتايىن ئاز، كارل.  . ۋىتفوگېل بىلەن فېن جيا شىن يازغان «جۇڭگۇنىڭ جەمئىيەت تارىخى (لياۋ تارىخى) (907- 1125- يىللار) («ئامېرىكا ئىجتىمائىيەت- پەلسەپە ئىلمىي ژورنىلى» 1946- يىلى نەشرى، 36- توم) ناملىق كىتابى ئىلگىرىكى جۇڭگۇ ۋە كېيىنكى جۇڭگۇ باسقۇچىدىكى قىتانلارغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ماتېرىياللار خەزىنىسدور. ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك يىل- دەۋرى، چېسلارلار جون ئاندرېۋ بويلې ۋە برېتشندېرلارنىڭ 14- بابتىكى كىتابلار تىزىملىكىدە كۆرسىتىلگەن مىساللاردىن تېپىلىدۇ.
    ماڭا مەلۇمكى. سنورنىڭ جۇرجىتلار تارىخى ھەققىدە يېزىلغان مەخسۇس ئەسىرى «مۇقەددىمە» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مەزكۇر كىتابنىڭ 249- 250- بەتلىرىدە بايان قىلىنغان كىتابلار كاتولىكىدە زادىلا ئۆزگىرىش بولۇپ باقمىدى.
     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ