قۇمۇل شەھىرىدىن 75 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قارا دۆۋە، لاپچۇق، توغۇچى رايونلىرىنى كېسىپ ئۆتىدىغان، سۈيى مول بىر غول بولۇپ، يەرلىك كىشىلەر ئۇنى "قارلۇق غول" دەپ ئاتايدۇ. بۇ غول 300 دىن ئارتۇق چەشمە سۈيىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، غولنىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا قەبىلىسى بولغان قارلۇقلارنىڭ ئەۋلادلىرى ياشاپ كەلمەكتە. ئۇلار ئۇزۇن يىللاردىن مۇشۇ غولنىڭ سۈيىدىن پايدىلىنىپ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن. بۇ غولنىڭ قىرغىقىدا قارلۇقلار توغۇچى (تۇغ تۇماننىڭ ئۇچى)، تەيزاڭ شەھىرى، لاپچۇق (ئېگىز يارلىق شەھەر)، قارا دۆۋە (قارلۇق تۆبە) قاتارلىق شەھەرلەرنى بىنا قىلىپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئەينى ۋاقىتلاردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن قەدىمكى تۇرالار، بۇددا دىنى خارابىلىرى، بولۇپمۇ تەيزاڭ بۇددا مىڭ ئۆيلىرى ناھايىتى مەشھۇر بولۇپ، ئارخېئولوگلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، ئۇلار ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىن خېلى ئەسىرلەر ئىلگىرى بىنا قىلىنغان. بۇ غول ئەتراپىدا ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە غارلاردىن 30دىن ئارتۇقى بار بولۇپ، بۇ غارلاردىكى تام سىزما رەسىملەر، قىممەتلىك يازما ھۆججەتلىك يازما ھۆججەتلەرنى 1928 - يىلىغا كەلگەندە شۋېتسىيىلىك بوگمان دېگەن كىشى 56 ساندۇققا قاچىلاپ، تۆگە بىلەن دۆلىتىگە ئېلىپ كەتكەن.
بۇ قەدىمكى تۇرالاردا نۇرغۇنلىغان قەدىمىي يېزىقلار بار بولۇپ، بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلار ئاشۇ زېمىننىڭ خوجايىنى بولغان قارلۇقلار تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ئانا غول ياقىسىدىن 3200 يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمكى قەبرىلەر تېپىلغان بولۇپ، ئۇ قەبرىلەردىن تېپىلغان ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە ھەر خىل تاش قوراللار، مىس قوراللار، ھېقىق ۋە باشقا قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ كۆمۈلۈش ئۇسۇلىدىن قارىغاندا، ئۇلار قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەت شەكىللىرىگە بەكمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ.
يېقىندىن بۇيانقى تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا، ھازىرمۇ قارا دۆۋىدە قارلۇق مەھەللىسىنىڭ بارلىقى ۋە قارلۇق لەقىمى بىلەن ئاتىلىدىغان بىر جەمەتنىڭ بارلىقى بايقالدى. ئۇ كىشىلەر دائىم ئىسىملىرىنىڭ ئالدىغا قارلۇق ئاتالغۇسىنى قوشۇپ قارلۇق توختىنىياز دېگەندەك ئىسىملارنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە.
قۇمۇل خەلق قوشاقلىرىدىمۇ قارلۇقلارغا دائىر ناخشا - قوشاقلار ساقلانغان. مەسىلەن:
قارلۇقۇم قارلۇق سايان،
سەگەنچۈكى سەرۋەڭ سايان.
زاماننىڭ دۇشقارىدا،
سەن بىر سايان، مەن بىر سايان.
ئۇندىن باشقا تۈركى تىللار دىۋانىدىكى قارلۇقچە سۆز، دەپ ئىزاھلانغان سۆزلەر قۇمۇل شېۋىسىدە ساقلانغان. بەزى تارىخىي ماتېرىياللاردا قارلۇقلار مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن يەتتە سۇ (قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار رايونى)غا كۆچۈپ كەتكەن دېيىلىدۇ. لېكىن يۇقىرىقى ئىسپاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قارلۇقلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئانا ماكانىدا تا بۈگۈنگە قەدەر يەنىلا مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.