ۋاڭ ۋىنيۇڭ
مىڭ سۇلالىسىنىڭ خۇڭۋۇ يىللىرىدا، ئەمەلدارلار مەھكىمىسىنىڭ غەيرىي رەسمىي ئەمەلدارى چىن چىڭ غەربىي يۇرتقا سەپەر قىلىپ، قۇمۇلدىن ئۆتكەن چاغدا، "قۇمۇل شەھىرى" دېگەن ماۋزۇدا مۇنداق بىر شېئىر يازغان:
بۇ يەردە، ئەجەبا بۇ قەدىم شەھەر،
قانداقچە كۆزۈمگە چۈشۈپ قالدىكىن؟
"ئىۋىرغول" ۋە "قۇمۇل" دېگەن ئاتلارنى،
بىلمىدىم، ئۇنىڭغا كىملەر قويدىكىن؟
يېزىلار جايلاشقان قويۇق - زىچچىدە،
يېشىللىق ئۇپۇققا قەدەر سوزۇلغان.
بۇنىڭدىكى ئورمانلار شۇنچە باراقسان،
ھەممىسى قۇياشقا قاراپ ياشنىغان.
كىشىلەر گوياكى ھىكمەتلىك سۇمرۇغ،
ۋە ئامەت يۇلتۇزى ھېسابلاپ مېنى،
ئالدىمغا چىقىشتى كۈلۈپ خۇش چىراي،
تەييارلاپ مەزىلىك چاي - تائاملارنى.
پادىشاھ ھەزرەتنىڭ مېھرى - شەپقىتى،
تارالغان قاشقۇۋۇق ئىچى - تېشىغا.
ئاز سانلىق مىللەتمۇ چۆمۈلگەن بۇندا،
ئەمىنلىك بەھرىگە، شادلىق زوقىغا.
شېئىرنىڭ بىرىنچى كۇبلىتىنىڭ 3 - مىسراسىدىلا "قۇمۇل"، "ئىۋىرغول" دېگەن ناملارنىڭ كېلىپ چىقىش ۋە راۋاجلىنىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ھازىرغىچە تەخمىنەن 500 يىل ۋاقىت ئۆتكەن. "قۇمۇل" دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىش توغرىسىدا ھەر خىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
20 - ئەسىرنىڭ 30 -، 40 - يىللىرىغا كەلگەندە، قازاق تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچى بىر نەچچە ئالىم (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سۇبىيخەي ئەپەندى، نىغمەت ئەپەندى، چىن شىيمىن ئەپەندى قاتارلىقلار بار). "قۇمۇل" دېگەن بۇ نام ھەققىدە باشقىچە بىر خىل يېڭى ئىزاھاتنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار مۇنداق دەپ قارىغان: خەن سۇلالىسىنىڭ ۋېندى 4 - يىلى (مىلادىن ئىلگىرىكى 176 - يىلى) ھونلار لەشكەر تارتىپ غەربكە يۈرۈش قىلىپ، ئۇيسۇن، توخىرى قاتارلىق 36 قەبىلە بەگلىكىنى تارمار قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇيسۇنلار شەرقىي تەڭرى تېغى دىيارىدا ياشاپ كېلىۋاتقىنىغا بىر نەچچە ئەسىر بولغان. ئۇلار قۇمۇلنى بەگلىكنىڭ پايتەختى قىلىپ، بەگلىك نامىنى "كۇنمۇ" (كۈنمى) دەپ ئاتىغان. كېيىن ئۇيسۇنلار ھونلارنىڭ بوزەك قىلىشى ۋە تاجاۋۇز قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقتىن غەربكە كۆچۈپ ئىلى دەرياسى جىلغىسىغا كۆچۈپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن قۇمۇل، ھونلار خۇيەن بەگلىكىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى بولۇپ قالغان. بەگلىكنىڭ نامى "كۇنمۇ" (كۈنمى) بولغاچقا، بۇ نام قۇمۇلنىڭ ۋاكالەت نامى بولۇپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە ياشىغان كىشىلەرمۇ داۋاملىق قوللىنىپ كەلگەن. مانا بۇ "قۇمۇل" دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىش "مەنبەسى". تاڭ سۇلالىسىنىڭ "يۈەن جېچۇن ناھىيىسى تەزكىرىسى"دە مۇنداق دېيىلگەن: قۇمۇلنىڭ قەدىمكى ئاتىلىشى "كۇنۋۇ" بولۇپ، كېيىن خاتا تەلەپپۇز قىلىنىپ، "يېۋۇ" دەپ ئاتىلىپ قالغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، "كۇنمۇ" دېگەن بۇ نام خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن ئىلگىرىلا خاتا تەلەپپۇز قىلىنىپ "كۇنۋۇ" دەپ ئاتىلىپ قالغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە يەنە خاتا تەلەپپۇز قىلىنىپ "يېۋۇ" دەپ ئاتالغان. بىرەر يەرنىڭ نامى بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ يەر ناملىرىدىن خاتا تەلەپپۇز قىلىنىپ، قالغانلارنىڭ داۋاملىق خاتا تەلەپپۇز قىلىنىپ قېلىش ھادىسىلىرى شۇ جايدىكى ھەر خىل مىللەتلەرنىڭ ھەر خىل تەلەپپۇز قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەم ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى ھەر خىل تەرجىمە قىلىنىپ قېلىشى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. كېيىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە "يېجۇ" تەسىس قىلىنىپ، بۇنىڭ تەلەپپۇزى "يېۋۇ" دېگەن سۆزنىڭ ئەسلىدىكى تەلەپپۇزىدىن تېخىمۇ يىراقلاپ كەتتى. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرگەنلىكتىن، "خاملى، خې ميلى، خاميلى" قاتارلىقلارنىڭ ئەسلىدىكى تەلەپپۇزىغا يېقىن بولغان، تەرجىمە قىلىنغان نامى كېلىپ چىقىپ، ئاندىن "يېۋۇ، يېجۇ" دەپ خاتا تەلەپپۇز قىلىش پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدى. مىڭ سۇلالىسىدىن كېيىن "خاميلى" دېگەن سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمى (لى) قىسقارتىلىپ تاشلىنىپ "خاميى" دەپ ئاتىلىپ، ھازىرغىچە شۇنداق قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئاپتور مۇنداق دەپ قارايدۇ: سۇبيەخەي قاتارلىق ھازىرقى زامان ئالىملىرىنىڭ "قۇمۇل" دېگەن بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە راۋاجلىنىشى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى خېلى توغرا بولغان ئىزاھات بولۇپ، ئاساسى ۋە داۋلىسى بار. ئۇلار قۇمۇلنىڭ قەدىمكى زامان تارىىنى ئانالىز قىلىشتىن ئىش باشلاپ، "قۇمۇل" دېگەن بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيسۇنلارنىڭ قۇمۇل دىيارىدا ياشىغانلىق تارىخىي پاكىتىنى تېپىپ چىقىپ، يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئۇيسۇنلار بەگلىكىنىڭ نامى -- "كۇنمۇ" نى "كۇمۇلى" بىلەن باغلاپ، "كۇمۇلى" دېگەن بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى تاپتى. ئۇنىڭدىن كېيىن "يېۋۇ، خاميى" دەپ ھەر خىل ئاتىلىشلارنى بىرلىككە كەلتۈردى. بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى زامان نۇرغۇن ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى "خاميى" دېگەن سۆزنىلا تەتقىق قىلغان، ئەمما "يېۋۇ ياكى يېۋۇلۇ" دېگەن ناملار ھەققىدە ھېچقانداق بىرەر نەرسە دېمىگەن، ئەلۋەتتە. "يېۋۇ بىلەن خاميى" دەپ ھەر خىل تەلەپپۇز قىلىشتىن كېلىپ چىققانبۇ ناملارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى (يىلتىزى) بىر ئىكەنلىكى ھېچقاچان خىيالىمغا كەلمىگەن. " كۇنمۇ" نى " يېۋۇ بىلەن خاميى" نىڭ راۋان بىرلىشىشىدىن كېلىپ چىققان دېيىشكە بولىدۇ؛ يەنى "خاميى" دېگەن بۇ نامنىڭ مەنىسىگە ئىزاھات بېرىشمۇ خېلى ئەقىلگە مۇۋاپىق كېلىدۇ؛ ئۇيسۇنلار قەدىكى نۇرغۇن مىللەتلەرگە ئوخشاش قۇياشقا چوقۇنۇپ كەلگەن، قۇياشنى ئۇلار "كۈن" دەپ ئاتىغان. "مۇ" - "كۇنمۇ" نىڭ ئاخىرقى بوغۇمى. ئەينى ۋاقىتلاردا كۈن كىىشلەر قەلبىدە ئىنتايىن ھەيۋەتلىك نەرسە دەپ قارالغان، قەبىلە ئىچىگە مەشھۇر قەھرىمان چىقىپ، ئۇلارنىڭ سەردارى بولغان چاغدا قەبىلە ئاممىسى ئۆزلۈكىدىنلا ئەڭ چىرايلىق ئىسىمنى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلغان، كېيىن بەگلىكنىڭ نامى يەر نامى بولۇپ قالغان. بۇ ھەم قانۇنىيەت تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.
"قۇمۇل" دېگەن بۇ نامنىڭ ئەسلى مەنىسى كۇن دېگەنلىكتىن ئىبارەت بىلەن، ئۇ نېمە دېگەن گۈزەل ھەم لېرىكىلىك نام - ھە
يۈنۈس يۈسۈپ تەرجىمىسى
مەنبە: تەقدىرداش ژۇرنىلىدىن ئېلىندى