ئاتالغۇلار تىل - يېزىق ئۆرۈپ-ئادەت شەخىسلەر تارىخقا نەزەر مەدىنىيەت ئۇچۇرلىرى باش بەت
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • قىرغىزىستاندىن تېپىلغان دۇخۇەيباۋ ئابىدىسى ھەققىدە
  • «ئۇيغۇر» ئاتالمىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى
  • ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا « تۈركىستان » دېگەن نامنىڭ يوق ...
  • ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا « تۈركىستان » دېگەن نامنىڭ يوق ...
  • قەدىمكى تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدىكى turk yueul bodun ھەققى ...
  • ئاقسۇ نامىنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسدا
  • بەزى ئىبادەت ئەمەللىرى ھەققىدە
  • قۇمۇلدىكى قارلۇق غول ھەققىدە
  • قۇمۇل دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە
  • <<دولان >>نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە
  • ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا « تۈركىستان » دېگەن نامنىڭ يوق ...
  • ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا « تۈركىستان » دېگەن نامنىڭ يوق ...
  • كۇچانىڭ XI ئەسىردىكى دۆلەت تەۋەلىكى توغرىسىدا
  • قەدىمىي تۈركىي قەۋملىرىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت جەريانى ...
  • لوقمان ھېكىمنىڭ كۈيئوغلى ھەققىدىكى رىۋايەت
  • قىتانلار ۋە جۇرجىتلار ھەققىدە
  • كروران قەدىمى شەھىرىنى تىرىلدۈرگەن كىشى _ ئۆردەك ھەققى ...
  • قەدىمىي تۈركىي قوۋملىرىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت جەريانى ...
  • يېڭىدىن پەيدابولغان بىر قىسىم ئاتالغۇلار نىڭ تەرجىمىس ...
  • بەزى يەر - جاي ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيىسى ھەققىدە
  • <<قەشقەر>> ئاتالغۇسى ھەققىدە
  • چېقىلغان نۇر
  • خوتەندىكى دېئالېكتنىڭ ئاق ھۇن قاتلىمى توغرىسىدا
  • لوپلۇقلار ھەققىدە رىۋايەت
  • «شىنجاڭ»دىكى «ئەڭ»«تۇنجىلار»
  • «غۇلجا» دېگەن يەر نامى توغرىسىدا
  • «جامىئۇت-تەۋارىخ» نىڭ قوليازما نۇسخىلىرى
  • بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمود كاشغەرى
  • «شىنجاڭ»دىكى «ئەڭ»«تۇنجىلار»
    يوللىغان ۋاقىت:2012-03-21 ئاۋاتلىقى:1041
    كىچىك | نورمال | چوڭ             
    1980-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يۇڭ توقۇلما بۇيۇملار چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى رەسمىي قۇرۇلدى. بۇ،مەملىكەت بويىچە توقۇمۇچىلىق ساھەسىدىكى تۇنجى كەسپىي شېرىكچىلىكتىكى كارخانا ھېساپلىنىدۇ.
    تۇنجى قار كۆچكىنىدىن ساقلىنىش كارىدورى
    1980-يىلى 9-ئايدا، مەملىكىتىمىزدىكى تۇنجى قار كۆچكۈنىدىن ساقلىنىش كارىدورى تەڭرىتاغ تاشيولىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 3500نەچچە مېتىر ئىگىز مۇزتاغدا ياسالدى،ئۇنىڭ ئۇزۇنلىقى 258.5مېتىر،ئىگىزلىكى 8.3مېتىر كېلىدۇ.
    تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك قۇملۇق ھاۋارايى پونكىتى
    1992-يىلى قۇرۇلغان،تەكلىماكان قۇملۇقىغا جايلاشقان جۇڭگو تەكلىماكان قۇملۇق ھاۋارايى پونكىتى مەملىكىتىمىزدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك قۇملۇق ھاۋارايى پونكىتى ھېساپلىنىدۇ،
    تۇنجى دۇنيا چېمپىيونى
    1994-يىلى،سانجىلىق لى ۋېنجيې ئىتالىيىنىڭ مىرەن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 46-نۆۋەتلىك دۇنيا قارىغا ئېتىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يېتىپ تۇرۇپ 60پاي ئوق ئېتىش تۈرىدە 700.5ھالقا نەتىجىگە ئېرىشىپ چېمپىيون بولۇپ، شىنجاڭ تەنھەركەتچىلىرى تارىخىدىكى تۇنجى دۇنيا چېمپىيونى بولدى.
    تۇنجى بوكس پادىشاھى
    قورغاسلىق ئابدۇشۈكۈر مىجىت 1996-يىللىق جۇڭگو بوكس پادىشاھلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە جۇڭگو بوكس پادىشاھىنى يېڭىپ «جۇڭگو بوكس پادىشاھى»دېگەن نامغا ئېرىشىپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى «جۇڭگو بوكس پادىشاھى»بولدى.
    تۇنجى ئىنچىكە قوي يۇڭى مەھسۇلات نامى
    1999-يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى بىڭتۈەن يېزائىگىلىك ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ،شىنجاڭ قوي يۇڭى كارخانىلىرى بويىچە تۇنجى كەسپىي تەشكىلات __ شىنجاڭ ئەلا سۈپەتلىك قوي يۇڭى ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇپ، مەملىكىتىمىز بويىچە تۇنجى ئىنچىكە قوي يۇڭى مەھسۇلات ماركىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.
    جۇڭخۇا پاختىسى
    2001-يىلى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزائىگىلىك 7-دېۋىزىيىسىنىڭ «كىمخاب» ماركىلىق پاختىسى مەملىكەتلىك داڭلىق مەھسۇلات ناملىرى بويىچە «بىرىنچى»بولۇپ باھالاندى ھەمدە «جۇڭخۇا پاختىسى»دەپ تەرىپلەندى.
    شىنجاڭدىكى ئەڭ
    1. ئەڭ چوڭ شامال ئېنىرگىيىسى بازىسى
    شىنجاڭ __ جۇڭگو بۇيىچە شامال ئېنىرگىيىسى بايلىقى ئەڭ مول رايونلارنىڭ بىرى. داۋانچىڭ شامال كۈچى ئېلېكتىر ئىستانسىسى جۇڭگو بۇيىچە 200دانە شامال كۈچى گېنېراتورى ئورنىتىلغان ئەڭ چوڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى. بۇ ئىستانسىنىڭ ئومۇمىي ئېلېكتىر ئېنىرگىيە مىقدارى 125مىڭ كىلوۋات بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، ئۇ جۇڭگونىڭ شامال كۈچى ئېلېكتىر ئىشلىرىغا نىسبەتەن يېتەكچىلىك رول ئوينىماقتا.
    2. ئەڭ چوڭ «ئېنېرگىيە ئىسكىلاتى»
    شىنجاڭ __ مەملىكىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئىسكىلاتى. تارىم،جۇڭغارىيە ۋە تۇرپان-قۇمۇلدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئويمانلىقتا 20مىلىيارد 900مىلىيون توننا نېفىت بىلەن 1تىرلىيون كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز بار،بۇ پۈتۈن مەملىكەت قۇرۇقلۇق نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، گېئولوگىيە مۇتەخەسىسلىرى شىنجاڭنى يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ چوڭ ئۆلكە،دەپ قارىماقتا؛ شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقى پۈتۈن مەملىكەت كۆمۈر بايلىقىنىڭ 40پىرسەنتىنى ئىگىلىگەچكە، مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شىنجاڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى ئۇدا 15يىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.
    3. ئەڭ چوڭ «پاختا بازىسى»
    شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ كېۋەز تېرىش كۆلىمى، يەككە مەھسۇلاتى ۋە ئومۇمىي مەھسۇلاتى ئۇدا 12يىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، كۆلىمى بىلەن ئومۇمىي مەھسۇلاتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى ۋە ئۈچتىن بىر قىمىنى ئىگىلىدى. شىنجاڭ جۇڭگودىكى بىردىنبىر ئۇزۇن تالالىق پاختا ئىشلەپ چىقىرىدىغان رايون، شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن تالالىق پاختىسى دۇنياغا داڭلىق مىسىر ئۇزۇن تالالىق پاختىسىدىن قېلىشمايدۇ.
    4. ئەڭ چوڭ «مېۋە-چېۋە بازىسى»
    شىنجاڭنىڭ ئۈزۈم كۆلىمى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شىنجاڭ ئۈزۈمىنىڭ تەركىبىدىكى شىكەر مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو بويىچە ئەڭ ئىسسىق جاي تۇرپاندىن چىقىدىغان ئۇرۇقسىز ئاق كىشمىشنىڭ تەركىبىدىكى شېكەر مىقدارى 70 پىرسەنتكە يېتىدۇ، ئۇ جۇڭگو بويىچە ئەڭ تاتلىق ئۈزۈم ھېساپلىنىدۇ؛ ئاقسۇ،خوتەن،قاغىلىقتىن چىقىدىغان ياڭاقلار جۇڭگودىكى ئەڭ ئەلا سۈپەتلىك ياڭاقلاردۇر؛ كورلىنىڭ نەشپۈتى «نەشپۈت شاھى» دەپ تەرىپلىنىدۇ.
    5. ئەڭ چوڭ قاتناش تورى
    ئازاتلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە شىنجاڭدا 3361كېلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا تاشيول بار ئىدى، ھازىر تاشيول،تۆمۈريول قاتنىشى ئومۇمىي مۇساپىسى 80نەچچە مىڭ كېلومېتىرغا يېتىدۇ، بۇ مۇساپە يەر شارى ئېكۋاتورنى ئىككى قېتىم ئايلانغاندىكى مۇساپىگە باراۋەر، ئۇنىڭ ئىچىدە تۆمۈريولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 3000كېلومېتىر كېلىدۇ. شىنجاڭ يەنە جۇڭگودىكى خەلق ئاۋېئاتسىيە لېنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن، ئايرودرومى ئەڭ كۆپ رايون. دېمەك،شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ قاتناش تورىنى شەكىللەندۈرگەن.
    6. ئەڭ ئۇزۇن قۇملۇق تاشيولى
    تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتۈدىغان قۇملۇق تاشيولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 522كېلومېتىر بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيادىكى مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن، دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، قۇرۇلۇش ۋاقتى ئەڭ قىسقا، ياسىلىش تەننەرخى ئەڭ تۆۋەن، مۇداپىئەلىنىش مۇئەسسەسسەلىرىنىڭ يۈرۈشلىشىشى ئەڭ مۇكەممەل بولغان قۇملۇق تاشيولى، شۇنداقلا جۇڭگودىكى بىردىنبىر ئەڭ ئۇزۇن ئاسفالىتلاشتۇرۇلغان قۇملۇق تاشيولى ھېساپلىنىدۇ.
    7. قۇملۇقتىكى ئەڭ ئۇزۇن يېشىل بەلۋاغ
    بۇ يىل جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ سوزۇلغان يېشىل بەلۋاغ بىپايان تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتۈپ، قۇمنى تىزگىنلەشتە ئۈنۈملۈك رول ئوينىدى. دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن قۇملۇق تاشيولىنى بويلاپ بەرپا قىلىنغان بۇ ئىھاتە ئورمانلىق بەلۋىغىنىڭ ئۇزۇنلىقى 436كېلومېتىر، كەڭلىكى 72-78 مېتىر، كۆلىمى 3128گېكتار كېلىدۇ.
    8. ئە چوڭ «پەمىدۇر پىششىقلاش زاۋۇتى»
    شىنجاڭ __ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ «پەمىدۇر پىششىقلاش زاۋۇتى». شىنجاڭدا ئىشلەپ چىقىرىلغان پەمىدۇر قىيامىنىڭ يېپىشقاقلىق نىسبىتى يۇقىرى، زەمبۇرۇغ مىقدارى تۆۋەن بولۇپ، مەملىكەت مىقياسىدا تەڭداشسىز؛ شىنجاڭنىڭ يىللىق پەمىدۇر پىششىقلاپ ئىشلەش مىقدارى 800مىڭ توننا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت پەمىدۇر پىششىقلاپ ئىشلەش مىقدارىنىڭ 90پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇ ئاسىيا،ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى 40نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا ئېكىسپورت قىلىنىدۇ، پەمىدۇر قىيامى شىنجاڭنىڭ تاشقى پېرېۋوت يارىتىدىغان بىرىنچى مەھسۇلاتى ھېساپلىنىدۇ.
    9. دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئىگىز تاشيول
    جۇڭگو بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئىگىز تاشيول شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولى بولۇپ، ئۇ قاغىلىق ناھيەسىدىن باشلىنىپ كۇئېنلۇن تېغى ۋە گاندىس تېغىنى كېسىپ ئۆتۈپ، شىزاڭنىڭ ئالى رايونىغا تۇتۇشىدۇ. مەزكۇر تاشيول ئومۇمىي لىنىيىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 5000مېتىردىن ئاشىدۇ، ئەڭ ئىگىز بۆلىكىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 6035مېتىرغا يېتىدۇ. بۇ،دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئىگىز تاشيول ھېساپلىنىدۇ.
    10. ئەڭ ئۇزۇن ئاۋېئاتسىيە لېنىيىسى
    ئۈرۈمچى-خوتەن ئاۋېئاتسىيە لېنىيىسى مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئۆلكە-ئاپتونۇم رايون ئىچكى ئاۋېئاتسىيە لېنىيىسى بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 1341كېلومېتىر كېلىدۇ.
    11. ئەڭ چوڭ رايون ئالاقە تورى
    ئاسىيا-ياۋروپا ئوپتىكىلىق كابېلىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى جۇڭگو بويىچە ئەڭ چوڭ ئالاقە تورى ھېساپلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۇزۇلىقى 1740كېلومېتىر بولۇپ، قۇمۇلدىن غۇلجىغىچە بولغان توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە قاراشلىق رايوندىكى سەككىز شەھەر، توققۇز ناھىيە، 82يېزا-بازار ۋە مەيداننى كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ لېنىيە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى ئۇزۇن يوللۇق ئالاقە لېنىيىسى بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئالاقىسى راۋان بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە شىنجاڭنىڭ سىرىتقا ئېچىۋېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
    12. قۇرۇقلۇق چېگىرا لېنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن رايون
    شىنجاڭ ھەربىي رايونى پۈتۈن ئارمىيە بويىچە قۇرۇقلۇق چېگىرا لېنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن، چېگىرداش دۆلەتلەر ئەڭ كۆپ، باشقۇرۇش-كونتۇرۇل قىلىش ۋەزىپىسى ئەڭ ئېغىر ھەربىي رايون. شىنجاڭ ھەربىي رايونى موڭغۇلىيە،روسىيە،قازاقىستان قاتارلىق توققۇز دۆلەت بىلەن چېگىرلىنىدۇ، چېگىرا لېنىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5600كېلومېتىردىن ئاشىدۇ، بۇ،پۈتۈن مەملىكەت قۇرۇقلۇق چېگىرا لېنىيىسىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.
    13. غەرىبتىكى ئەڭ چوڭ سودا ئېغىزى
    ئالاتاۋ ئېغىزى شىنجاڭ،شۇنداقلا جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ چېگىرا سودا ئېغىزى ھېساپلىنىدۇ
    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ