|
|
ئاقسۇ نامىنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسدا |
يوللىغان ۋاقىت:2008-12-22 ئاۋاتلىقى:841 |
|
|
|
ئاقسۇ دىگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە خىلمۇ خىل كۆزقاراشلار ساقلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىە بىرقەدەر ئاساسلىق بولغىنى تۆۋەندىكى ئىككى خىل قاراش ئومۇملاشقان. بۇنىڭ بىرىنچىسى بۇ يەردىكى سۇنىڭ كۆپلىكىگە قاراپ قويۇلغان دىگەن قاراش: بۇ ھەقتە 1763- يىلى فېڭ چى تەرىپىدىن يېزىلغان < خان تەرىپىدىن بېكىتىلگەن غەربىي يۇرتتىكى ئوخشاش تىللىق ئەللەر تەزكىرىسى > ناملىق كىتاپنىڭ 3- جىلد 1- بېتىدە < ئاقسۇ ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ سۈزى ئاق (سۈزۈك) دىگەن مەنىدە، رىۋايەتلەرگە قارىغاندا بۇرۇن بۇ يەردە سۇ ئاپىتى بولغاچقا، كىشىلەر ئىگىز سېپىللارنى سېلىپ چوڭقۇر جىلغىلار ئارقىلىق سۇ ئاپىتىدىن ساقلانغان. شۇڭا بۇ يەر ئاقسۇ دەپ ئاتالغان > دەپ خاتىرىلەنگەن بولسا، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شۈ سۇڭ تەرىپىدىن يېزىلغان < غەربىي يۇرت سۇ يوللىرى خاتىرىسى > ناملىق كىتاپتا: < ئاقسۇ سۇغا قاراپ قويۇلغان نام بولۇپ، بۇ يەرنىڭ سۈيى سۈزۈك، ئاستىدىكى تاشلارمۇ كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا بۇ يەر ئاقسۇ دەپ ئاتالغان > دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ خىل كۆزقاراشنى تەيۋەنلىك ئۇيغۇرشۇناس ليۇ يىتاڭ ئەپەندىمۇ قوللاپ ئۆزىنىڭ [ < خان تەرىپىدىن بېكىتىلگەن غەربىي يۇرتتىكى ئوخشاش تىللىق ئەلەر تەزكىرىسى >گە ئىزاھ ] ناملىق ئەسىرىنىڭ < شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر تىلى > دىگەن قىسىمىدا < ئاقسۇ سۈيى ئاق دىگەن مەنىدە بولۇپ، بارلىق ئەسەرلەردە مۇشۇنداق تىلغا ئېلىنغان. ئۇيغۇرچە مەنىسىمۇ مۇشۇنداق >① دەپ يۇقۇرىقى قاراشلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ خىل قاراشلارغا ئاساسلانغاندا ئاقسۇنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى < ئەردەۋىل > دىگەن نامىنىڭ قانداق قىلىپ ئاقسۇغا ئۆزگەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ. چۈنكى يۇقۇرىدا ئېيتىلغان ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا < ئاقسۇ > دىگەن نام دەريا سۈيىگە، يەنى جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىككە ئاساسەن قويۇلغان نام بولۇپ چىقىدۇ. ئەگەر ئەھۋال شۇنداق بولسا بۇ نام نىمىشقا بۇرۇندىنلا قوللىنىلمايدۇ؟ ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكنىڭ ئۆزگىرىشى ئۈچۈن نەچچە ئەسىرلەپ ۋاقىت كېتىدۇ، ئۇنداق ئاسانلا ئۆزگەرمەيدۇ، شۇڭا بۇ < ئاقسۇ > نامى سۇغا قاراپ قويۇلغان دىگەن كۆزقاراش تازا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئىكىنچى خىل قاراش بولسا < ئاقسۇن > سۆزىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن دىگەن قاراش. ھىجىرىيە 1234- يىلى موللا مۇھەممەت تۆمۈر قاراقاشى تەرىپىدىن يېزىلغان < تەزكىرەتۇر رىشاد > ناملىق ئەسەردە < تارىخى رەشىدى > دىن نەقىل ئېلىپ < ھىجىرىيە 764- يىلى شەھىرى كېتىكنى قۇم باستى، قۇم ھامان توختىماستىن يېغىپ تۇرۇر ئىدى. خالايىق كۆرەركىم شەھىرى كېتىك قۇم ئاستىدا قالىپتۇر ....... قۇم ئاستىدىن قۇتۇلۇپ قالغان خالايىقلار كۆچۈپ يۈرۈپ، ئاقسۇ ھۇدۇدى ئايكۆل تەۋەسىگە داخىل بولدى ....... شەھىرى كېتىكتىن كۆچكەن خالايىقلار ئايكۆل ۋە كۈسەندە كۈن ئۆتكۈزدى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەردەۋىلدە قەسەتچىلىك، قۇرغاقچىلىق بالاسى يۈز بەردى ........ كۈسەن خەلقى توپلىنىپ ئاقسۇغا كەلدى. بۇ يەردىكى خەلق بىلەن سۇ بوغۇزىغا يەتتىلەر، كۆرۈركىم دەريا سۈيى ناھايىتى ئاستىن چۈشۈپتۇ، شەھەر تەرەپكە چىقىش ئېھتىمالى يوق. ھەممە خالايىق تاش تۇپراق جەمئىي قىلىپ دارياغا تاشلاشقا باشلىدى. دەريا بۆلۈنۈپ ئەردەۋىل تەرەپكە ئاقتى ............ سۇنىڭ مەۋجىدە بىر موللا بىلەن بىر موغۇل ئېقىپ كەتتى. خەلقنىڭ پېشىۋاسى خەلققە قاراپ < ۋاي موللىنى تۇتۇڭلار، موغۇل ئاقسۇن > دىدى. شۇنىڭدىن بۇيان بۇ يۇرت < ئاقسۇن > دەپ ئاتالدى. كېيىن ئامما ئارىسىدا < ئاقسۇن > ئاتىلىپ قالدى. ئەسلىدە بۇ شەھەرنى < ئەردەۋىل > دەر ئىدىلەر > دەپ خاتىرىلەنگەن. بەزى كىشىلەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە < su > يوقلىقىنى دەلىل قىلىپ، < ئاقسۇ > سۆزىنىڭ < ئاقسۇن > سۆزىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. لېكىن قەدىمقى زامان ۋە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۆججەتلەردە < su-sun >، < zu-zun > قوشۇمچىلىرى ئوخشاش قوللىنىلغان. لېكىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا پەقەت < sun > قوشۇمچىسىلا ساقلىنىپ قالغان. سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار < zu-zun > ئورخۇن ئابىدىلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: < تۈرك بۇدۇن يوق بولمازۇن تىيىن > (تۈرك خەلقى يوقالمىسۇن. < بىلگە خاقان مەڭگۈ تېشى > شەرقى يۈزى 13- قۇر )، < تەڭرى يەرلىقازۇ > ( < كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى > شەرقى يۈزى 23- قۇر). قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۆججەتلەردە كۆپ ھاللاردا < su- sun > شەكلىدە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: < تامغا بىزگە بولزۇن بۇيان، كۆك بۆرى بولسۇنغىل ئۇران > (< ئوغۇزنامە > 95- قۇر) كىتاپ ئاتى ئۇردۇم قۇتادغۇ بىلىك، قۇتادسۇ ئوقىغلىقا تۇتسۇ ئىلىگ (< قۇتادغۇ بىلىك > 350- بېيىت تىرانسىكرىپسىيىسى) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى شېرباك < قەدىمقى ئۆزبېك تىلى (چاغاتاي تىلى) گىرامماتىكىسى > ناملىق ئەسىرىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدىمۇ su-sun قوشۇمچىلىرىنىڭ ساقلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ < كەلسۇ (كەلسۇن)، يەتسۇ (يەتسۇن)، بولسۇ (بولسۇن) > قاتارلىق سۆزلەرنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئومۇمەن، ئاقسۇ ئۆز تارىخىدا قۇم، بالۇكا، بارخان، ئەردەۋىل، ئاقسۇ قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتالغان بولۇپ، يەنى مىلادىدىن بۇرۇنقى ئەسىرلەردىن مىلادى 12- ئەسىرگىچە < قۇم > دىگەن نام بىلەن، مىلادى 13- 14- ئەسىرلەردە < ئەردەۋىل > دىگەن نام بىلەن ئاتالغان بولۇپ، < ئاقسۇ > دىگەن نام مىلادى 15- ئەسىرنىڭ ئالدى - كەينىدىلا كۆرۈلىدۇ. يۇقۇرىقى پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، < ئاقسۇ > دىگەن نام جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىك بولغان سۈيى ئاق (سۈزۈك) دىگەن مەنىدىكى ئاقسۇدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بولماي، بەلكى ئېقىپ كەتسۇن مەنىسىدىكى < ئاقسۇن > سۆزىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئاقسۇدا ئەڭ قەدىمقى زامانلاردىن تارتىپلا ئۇيغۇرلار ياشاپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنى ئاقسۇنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى نامى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئىزاھ ① ليۇ يىتاڭ [ < خان تەرىپىدىن بېكىتىلگەن غەربىي يۇرتتىكى ئوخشاش تىللىق ئەللەر تەزكىرىسى >گە ئىزاھ ] تەيۋەن شاڭۋۇ كىتاپخانىسى 1984- يىلى خەنزۇچە نەشرى، 48- بەت
|
|
|