|
|
بەزى يەر - جاي ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيىسى ھەققىدە |
يوللىغان ۋاقىت:2009-01-13 ئاۋاتلىقى:751 |
|
|
|
رەۋەيدۇللا
ئۇيغۇرلار يۇرتىدىكى يەر - جاي ناملىرى تۈرلۈك يوللار بىلەن قويۇلغان بولۇپ، بۇ ناملار مۇئەييەن لېكسىكىلىق مەنىگە ئىگە، شۇ مەنىلەرنى توغرا ئىزاھلاش ئىنتايىن مۇھىم. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بەزى تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرچە يەر - جاي ناملىرىنى تۈرلۈكچە چۈشەندۈرۈپ كەلدى. مېنىڭچە، بۇ چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ بەزىلىرى توغرا بولسىمۇ، بەزىلىرى توغرا ئەمەس. ياپونىيە چىڭگال داشۆسىنىڭ دوتسېنتى مورىكازۇنىڭ قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان قاتارلىق جايلارغا قاراشلىق بەزى يەرلەر، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەزى تاغ - دەريالارنىڭ ناملىرى توغرىسىدا ئېلان قىلغان بىر قاتار ماقالىلىرى بۇنىڭ بىر مىسالى. ئالدى بىلەن شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئۇيغۇر تىلى تەرەققىياتىدا سۆزلەر تەركىبىدىكى بەزى تاۋۇشلار ئورۇن ئالماشتۇرۇلغان، ياكى بىر تاۋۇش باشقا بىر تاۋۇشقا ئۆزگىرىپ كەتكەن ئەھۋال خېلى ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، قەدىمى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاداق، ئادغىر، قادغۇ دېگەندەك سۆزلەردىكى « د »، تاۋۇشى « ي » تاۋۇشىغا ئۆزگىرىپ ئاياق، ئايغىر، قايغۇ بولغان؛ « ياي » دېگەن سۆزدىكى « ي » تاۋۇشى « ز» تاۋۇشىغا ئۆزگىرىپ] « ياز » بولغان؛ « يارپۇز » دېگەن سۆزدىكى « ر » تاۋۇشى « ل » تاۋۇشىغا ئۆزگىرىپ « يالپۇز » بولغان. بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ. ھالبۇكى، مۇنداق ئەھۋال يەر - جاي ناملىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ. تۇرپان شەھىرىگە قاراشلىق « بۇيلۇق » نىڭ نامى توغرىسىدا كىشىلەر تۈرلۈك ئىزاھلارنى بېرىشىپ كەلدى. مېنىڭچە بۇ ئىزاھلار توغرا ئەمەس. « تۈركىي تىللار دىۋانى »، « قۇتادغۇبىلىك »، « تۇرپان تېكىستلىرى » ۋە « قەدىمى ئۇيغۇرچە سۆزلەر لۇغىتى » قاتارلىق ئەسەرلەردە « بور »، « بورچى »، بورلۇق « دېگەندەك سۆزلەر ئۇچرايدۇ. « ئۈزۈملۈك » دېگەن مەنىدىكى « بورلۇق » دېگەن سۆزنىڭ « ر » تاۋۇشى « ي » تاۋۇشىغا ئۆزگىرىپ « بويلۇق » بولغان. مۇشۇ خىلدىكى ئۆزگىرىش باشقا سۆزلەردىمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى « بۇيرۇق » دېگەن سۆز قەدىمى ئۇيغۇر تىلىدا « بۇريۇق » شەكلىدە ئىدى. بۇ سۆزدىكى « را » تاۋۇشى بىلەن « ي » تاۋۇشى ئورۇن ئالماشتۇرۇلغان. ئۇيغۇرلاردا « تۈگمەننىڭ كويلىسىدىن پۈتۈن چىقىدىغان » دەيدىغان تۇراقلىق ئىبارە بار، « كويلا » - مۇ تۈگمىنىدە نوردىن ئاققان سۇ قۇيۇلىدىغان كۆلچەك، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. باغراش كۆلىدىن ئېقىپ چىققان سۇ باش ئەگىم ئارقىلىق كورلىغا كىرىدۇ. بۇ خۇددى سۇنىڭ نو ئارقىلىق كۆلچەككە ئېقىپ چۈشكىنىگە ئوخشايدۇ. دېمەك، « كورلا » ئوخشىتىشتىن يولى بىلەن قويۇلغان ئىسىم بولۇشى مۇمكىن؛ « ي » تاۋۇشى بىلەن « ر » تاۋۇشىنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇشىدىن ياسالغان بولۇشى مۇمكىن. ھەر ھالدا بۇنى يەنە چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. « تۈركىي تىللار دىۋانى » دە: « ئارغۇ » دېگەن سۆز « ئىككى تاغ ئارىسى، بۇنىڭدىن ئېلىنىپ تىراز بىلەن بالاساغۇن ئارىسىدىكى شەھەرلەرمۇ < ئارغۇ > دېيىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ يەرلەر ئىككى تاغ ئارىسىدا » دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. ئاتۇشقا قاراشلىق بىر يۇرتمۇ « ئاغۇ » دەپ ئاتىلىدۇ. دەرۋەقە، بۇ يۇرتمۇ ئىككى تاغ ئارىسىدا. توقسۇن ناھىيىسىنىڭ جۇنۇبىدا - جەنۇبىي شىنجاڭغا ماڭىدىغان تاغ يولىدا بىر بۇلاق بار، بۇنى بەزىلەر « ئاغۇ بۇلاق » دەپ ئاتىسا، بەزىلەر « ئايغىر بۇلاق » دەپ ئاتىشىپ كەلدى. بۇ بۇلاقمۇ ئىككى تاغ ئارىسىدا بولغاچقا، « ئايغىر بۇلاق » دەپ ئاتىشىپ كەلدى. بۇ بۇلاقمۇ ئىككى تاغ ئارىسىدا بولغاچقا، « ئايغىر بۇلاق » دەپ ئاتاش توغرا ئەمەس، « ئارغۇ بۇلاق » دەپ ئاتاش مۇۋاپىق. « تۈركىي تىللار دىۋانى » دە « ئارت » دېگەن سۆزگە « داۋان » دەپ مەنە بېرىلىپ، « ئەر مەڭگۈگە ئەشىك ئارت كۆرۈنەر » (ئېرىنچەككە بوسۇغىمۇ داۋان كۆرۈنەر) دېگەن ماقال مىسال كەلتۈرۈلگەن. بۇ مىسالدىن « مۇزات » (موڭغۇلكۈرەدە)، « ئۇپۇلات » (قەشقەر توققۇزاقتا)، « كۆكات » ( قاغىلىق ناھىيىسىدە) دېگەن يەر ناملىرىنىڭ « مۇز »، « ئوپال »، « كۆك » دېگەن سۆزلەرگە « ئارت » سۆزى قوشۇلۇپ « مۇز داۋان »، « ئوپال داۋىنى »، « ئېگىز داۋان » سۆزلىرى ياسالغانلىقىنى؛ « ئارت » سۆزىدىكى « ر » تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. مەيلى خەلق ئارىسىدا بولسۇن ياكى مەتبۇئاتتا بولسۇن « تەكلىماكان » سۆزى توغرىسىدا ھەر خىل چۈشەنچىلەر بار. بەزىلەر: « تەك » سۆزى « ئۈزۈم »، « لى » سۆزى بولسا سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە، « تەكلى ماكان » - « ئۈزۈملۈك ماكان » دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ چۈشەندۈرسە، بەزىلەر « تەكتى ماكان (قۇمنىڭ تەكتىدىكى ماكان) »دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ چۈشەندۈرىدۇ. « تارىخىي مۇسقىيۇن » نىڭ ئاپتورى موللا ئەسمەتۇللا مۆجىزى بولسا بۇ جاينى « تەركىي ماكان » دەپ ئاتىدى. مۇشۇ ئۈچ خىل ئاتاشنىڭ كېيىنكى ئىككىسى - « تەكتى ماكان »، « تەركى ماكان » لار ئەينى ۋاقىتتىكى رېئاللىققا ئۇيغۇن. چۈنكى، بۇ جاي ئەسلىدە كۆركۈرمەيدان، يەرلىرى مۇنبەت، سۇلىرى ئەلۋەڭ بىر جاي ئىدى. كېيىن تەبىئەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، قۇم ئاستىدا قالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جاينىڭ ئادەملىرى بۇ يەرنى تاشلاپ باشقا يەرلەرگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. « تەكلى ماكان » دېگەندە شۇنچە كەڭ زېمىننى « ئۈزۈملۈك ماكان » ئىدى دەپ چۈشەندۈرگىلى بولارمۇ؟ مەن بۇ يەردە تەكلىماكاننىڭ نامىنى « تەكتى ماكان » ياكى « تەركى ماكان » غا ئۆزگەرتىش تەشەببۇسىدا ئەمەسمەن، مەسىلە بۇ جاي نامىنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى قانداق چۈشىنىشتە! بارچۇق ھازىرقى مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ قەدەمقى نامى، 巴楚 نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. « بارچۇق » دېگەن نامنى چىنگىزخانغا كۈيئوغۇل بولغان ئۇيغۇر ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىن ئۆزىگە ئىسىم قىلىپ قويغان. بۇ خىل يەر - جاي ناملىرىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش ئەنئەنىسى ئۇيغۇرلاردا قەدىمدىن مەۋجۇد. مەخمۇت قەشقىرى « دىۋان » دە بارچۇق شەھىرىنىڭ ئافرا سىياپ قۇرغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى. لېكىن مورىكازۇ « بارچۇق » سۆزىنى پارچىلاپ « بار » نى بار - يوقتىكى « بار » دەپ؛ « چۇق » نى « ھەممە نەرسە بار »، يەنى « يېرى مۇنبەت، سۈيى ئەلۋەڭ » دەپ ئىزاھلىغان. لېكىن بۇ ئىزاھاتنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان مەلۇمات بەرمىگەن. مورىكازۇ قەشقەر شەھىرىگە قارايدىغان بەش كەرەم ئۈستىدە توختىلىپ، « كەرەم » سۆزىگە « بەسەي » دەپ ئىزاھ بېرىدۇ ۋە « بۇ يەردە بەش سەيلىك بار » دەپ ئىزاھلايدۇ. مېنىڭچە بۇ تولىمۇ كۈلكىلىك، بۇ خىل ئىزاھات شۇ يۇرتنىڭ ئەمەلىيىتىگە زادىلا ئۇيغۇن ئەمەس. « بەش كەرەم » دېگەن سۆز سەن بىلەن ئىسىمنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان. « بەش كەرەم » - « بەش باغ » دېگەنلىك. بۇنداق سان بىلەن ئىسىمنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان ئىسىملار خېلى كۆپ. مەسىلەن، ئۈچ ئۆستەڭ، بەش تۈگمەن، بەشئېرىق... ۋە باشقىلار. « كەرەم » سۆزى ئەرەبچە « باغ »، « بىدىشكە ئېلىنغان ئۈزۈم » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. « بەش كەرەم » دېگەن بۇ نام بۇ يۇرتتا بەش باغ بىنا بولغاندىن كېيىن قويۇلغان نام. « تاشلىماق » - « تاش » ھەم « بالىلىق » سۆزلىرىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان بىرىككەن ئىسىم. « تاشبالىق » دېگەنلىك « تاش قەلئە » دېگەنلىك. ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتىدا « ب » تاۋۇشى « م » تاۋۇشىغا ئۆزگەرگەن ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، كونا ئۇيغۇر تىلىدا « بەن » دېگەن سۆز بولسا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا « مەن » دېيىلىدۇ. « تاشبالىق » تىكى « ب » تاۋۇشىنىڭ « م » غا ئۆزگىرىپ « تاشمالىق » بولۇپ قېلىشى شۇنداق ئەھۋال. « تاشبالىق » سۆزى ئاپتور دېگەندەك « بېلىق » دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. « بالىق » دېگەن سۆز ئىسلامىيەتتىن خېلى بۇرۇنلا شەھەر، قەلئە دېگەن مەنىدە قوللىنىلغان. مىلادى 744 - يىلى ئورخۇن بويىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئىككىنچى قاغانى بايان - چۇر خەنزۇ ۋە سوغداق ئۇستىلىرىغا ياساتقان شەھەر « باي - بالىق » دەپ ئاتالغان، قەدەمقى ئۇيغۇر شەھەرلىرى ئىچىدە « بەشبالىق »، « يېڭى بالىق »، « جانبالىق » ... دېگەندەك شەھەرلەرمۇ بولغان. ئەگەر « بالىق » سۆزىنى « بېلىق » دەپ چۈشەنگەندە، ئەينى ۋاقىتتا بۇ يۇرتتا بېلىقنىڭ ياشىشى ئۈچۈن كۆل - دەريا بولۇشى كېرەك ئىدى. ۋەھالەنكى، ھازىر بۇ يەردە بۇنداق دەريا - ئېقىننىڭ ئىزناسىمۇ يوق. « بالىق » سۆزنى شەھەر، قەلئە دەپ چۈشىنىش ئەينى ۋاقىتتىكى رېئاللىققا ئۇيغۇن. ھالبۇكى، ئاپتور « تاشبالىق » سۆزىنى پارچىلاپ « تاش » نى تاش دەپ، « بالىق » نى « بېلىق » دەپ چۈشەندۈرگەن. شۇنداقلا « بۇ يەردە بېلىق بار » دەپ ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ئاپتور يەنە بىر يەردە « تاشبالىق » نى « تاش باھالىق » دەپ كۆرسىتىپ، « بۇ يەردىن قىممەت باھالىق تاش اچىقىدۇ » دېگەن. « تۈركىي تىللار دىۋانى » دە « قاش » سۆزى « بىر خىل سۈزۈك تاش. ئۇ ئاق ۋە قارا رەڭلەردە بولىدۇ » دەپ چۈشەندۈرگەن. يەنە قاش ئۆگۈز خوتەن شەھىرىنىڭ ئىككى يېنىدىن ئاقىدىغان ئىككى دەريا، بىرى، ئۇرۇڭقاش ئۆگۈز(يۇرۇڭقاش دەرياسى) دېيىلىدۇ. بۇ يەردىن سۈزۈك تاش چىققاچقا دەريا مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. يەنە بىرى، قارا قاش ئۆگۈز (قارا قاش دەرياسى) دېيىلىدۇ. بۇ يەردىن سۈزۈك قارا تاش چىقىدۇ. بۇ تاشلار دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن چىقمايدۇ، پەقەت مۇشۇ يەردىلا چىقىدۇ، دېيىلگەن. بۇ ئىزاھاتلاردىن خوتەنگە قارايدىغان قارا قاش، يۇرۇڭقاش دېگەن ناملارنىڭ قانداق كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئەمما مورىكازۇ بۇ سۆزنى پارچىلاپ « يۇرۇڭ » سۆزىنى (ئەسلىدە ئۇرۇڭ، يەنى ئاق) « يۇرۇش - مېڭىش » دېگەن مەنىدە چۈشەندۈرىدۇ ۋە « ئۇيغۇرلار بېرىپ قاشتېشى ئالىدۇ » دەپ ئىزاھلايدۇ. « يۇرۇڭقاش » مەھمۇت قەشقىرى دېگەندەك « ئاق سۈزۈك تاش » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما مورىكازۇنىڭ بۇ چۈشەندۈرۈشلىرى رېئاللىقتىن يىراقلاپ كەتكەن. مورىكازۇ قاغىلىق ناھىيىسىگە قاراشلىق « كۆكيار » دېگەن يەرنىڭ مەنىسى ئۈستىدە توختالغاندا، بۇ سۆزنىمۇ پارچىلاپ « كۆك » سۆزىنى رەڭنى بىلدۈرىدىغان « كۆك » دەپ؛ « يار » سۆزىنى « ئازگال، ئويمان » دەپ ئىزاھلايدۇ ۋە « بۇ يەرنىڭ توپىسى كۆك »، « تېغىنىڭ تاشلىرى كۆك » دەيدۇ. ئاپتورنىڭ بۇ تەبىرى، ئىزاھاتى پۈتۈنلەي خاتا. « كۆك » سۆزى ئۇيغۇر تىلىدا رەڭنى، ئاسماننى بىلدۈرۈشتىن تاشقىرى يەنە « ئېگىز » دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. شۇڭا ئىلەڭگۈچ ئۇچقاندا « كۆكلەپ ئۇچماق » دېگەن سۆز ئىشلىتىلىدۇ. بۇ « ئېگىزلەپ ئۇچماق » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، « كۆكيار » دېگەنلىك « ئېگىز يار » دېگەنلىك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قاغىلىق ناھىيىسىگە قاراشلىق « كۆكات » دېگەن يەرمۇ بار. بۇ « ئېگىز داۋان » دېگەن مەنىدىكى سۆز. ھەرگىزمۇ « كۆك داۋان » دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. يۇقىرىدىكى مىساللار بىزگە يەر - جاي ناملىرى مەسىلىسى ناھايىتى مۇھىم ۋە مۇرەككەپ مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يەر - جاي ناملىرىنى توغرا ئىزاھلاش، ئۇنىڭغا توغرا تەبىر بېرىش ئىنتايىن مۇھىم.
|
|
|