مىرسۇلتان ئوسمانوف
(ش ئۇ ئا ر تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى)
1. خوتەن دىئالېكتىغا ئومۇمىي بىر قاراش
تەكلىماكاننى چۆرىدەپ جايلاشقان بوستانلىقلارنىڭ تارىختا بىرقانچە خىل دىن ۋە بىرقانچە خىل مادەنىيەتنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىلىرى بولغىنىدەك، بىرقانچە خىل تىل ۋە يېزىقلارنىڭ ئۇچرىشىش ۋە ئارىلىشىش نۇقتىلىرى بولغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. مۇنداق ئارىلىشىشلارنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى، ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى (بۇ يېزىق ئەسىرلەر داۋامىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئىپادىلەشتىكى يېتىشسىزلىكلىرىنى تەدرىجىي تولۇقلاپ كەلگەن) ئاستا-ئاستا باشقا يېزىقلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. بىرقانچە ئەسىر داۋام قىلغان ئارىلىشىش جەريانىدا ئۇيغۇر تىلى ئۆزىگە خاس بىرمۇنچىلىغان تىل تەركىبلىرىنى يوقىتىش ۋە مەغلۇپ بولغان تىللارنىڭ بىرمۇنچىلىغان تىل تەركىبلىرىنى قوبۇل قىلىش ھېسابىغا باشقا تىللار ئۈستىدىن غەلىبە قازاندى. بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقىنى نوقۇل دىنىي مەزمۇندىكى يېزىق تىللىرىلا ئەمەس، بەلكى كۆپىنچە بۇ جايلاردىكى ئولتۇراق ئاھالە قوللانغان تىللار بولۇپ، ئالىملار بۇ جايلاردىن تېپىلغان يېزىق يادىكارلىقلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىە قاراپ بۇ تىللارنىڭ شەرقىي ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسىغا كىرىدىغان سوغدى، توخرى ۋە ساق تىللىرى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. بۇ تىللار ئۆزلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتى جەريانىدا ئۇيغۇر تىلىدا يالغۇز لېكسىكا ساھەسىدىلا ئۆزلىرىنىڭ ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ كەتمەي، ھەتتا گرامماتىكىلىق تەركىبلەردىمۇ بەزى ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتتى.
خوتەن بوستانلىقلىرى مانا شۇنداق ئارىلىشىش قاتلاممۇ قاتلام بولغان جايلارنىڭ گەۋدىلىك مىسالى. بۈگۈنكى كۈندە خوتەن دىئالېكتىدا، بولۇپمۇ ئۇنىڭ لېكسىكا قىسمىدا ئىپادىلىنىپ تۇرغان بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلەرنى مانا شۇنداق ئارىلىشىشلارنىڭ ئىزلىرى دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ. بۇلاردىن قارۇشتى يېزىقى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن بىر قەدىمكى تىلنى گېرمانىيىلىك ئالىم لودېرس ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراپ «ساق» تىلى دەپ ئاتىغان ۋە بۇنى ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ كۆپچىلىكى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مېي سۇن ئەپەندى ئۆزىنىڭ «قەدىمكى ئۇدۇن مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىشىشى» دېگەن ماقالىسىدە، ساقلارنىڭ خوتەننى ئىدارە قىلغانلىقىغا دائىر تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ يوقلۇقىغا قاراپ، ئۇنى «ئۇدۇن» تىلى دەپ ئاتاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ قارىغاندا، مېي سۇن ئەپەندىنىڭ پىكرى تىل ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى ئۇنى قانداق ئاتاش ئۈستىدە بولۇۋاتقاندەك قىلىدۇ. يۈتيەنخېڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ «غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخى» دېگەن ئەسىرىدە قەدىمكى ئۇدۇنلۇقلارنىڭ ئىران ئىرقىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ۋە سوغدى تىلىغا سېلىشتۇرغاندا ئۇلار قوللانغان تىلنىڭ ئىپتىدائىي ئالاھىدىلىكىنىڭ بۇزۇلۇشى تېخىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ .
قولىمىزدا ساق تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدىكى ماتېرىياللار بولمىغانلىقتىن، خوتەن دىئالېكتى بىلەن ساق تىلى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە توختىلالمايمىز، لېكىن خوتەن دىئالېكتىدىكى بەزى فونېتىكىلىق ھادىسىلەر ۋە لېكسىكىلىك ئالاھىدىلىكلەرنى ساق تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك، دەپ قارايمىز.
ھازىرقى خوتەن دىئالېكتى تەتقىقاتىدا بەكرەك مۇھىم بولۇۋاتقىنى ئۇنىڭد ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقا دىئالېكت ۋە شېۋىلىرىدە كۆرۈلمەيدىغان بەزى ئەرەب-پارس تىلى سۆزلىرىنىڭ قوللىنىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ تارىختىكى ئاق ھۇنلار بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بار ياكى يوقلۇقى. چۈنكى، ھازىر خوتەن ۋىلايىتىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىق ئەدەبىي تىلىغىمۇ قوبۇل قىلىمىغان، ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقا دىئالېكت ۋە شېۋىلىرىدىمۇ قوللىنىلمايدىغان بىر قىسىم ئەرەب-پارس تىلى سۆزلىرىنىڭ ئالاقە ئېھتىياجىدا قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئاھالە بار. ئۇلار خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيىسى تامئېغىل رايونىدا، كېرىيە ناھىيىسىنىڭ قاچۇن رايونىدا، چىرا ناھىيىسىنىڭ ئوقىرى يېزىىدا، خوتەن ناھىيىسىنىڭ ئاقتاش رايونىغا قاراشلىق گازۇن يېزىسىدا ئولتۇراقلاشقان. مۇندىن باشقا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيىسى خانئېرىق بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى شەيخلەر كەنتى (بۇ كەنت كۆسەي قىشلاق، شىللەن تېرىكى، شەيخلەر، دۆڭچاقا دېگەن 4 مەھەللىدىن تەركىب تاپقان) دە ئولتۇراقلاشقان. بۇلاردىن خوتەن ناھىيسىنىڭ ئاقتاش رايونى ۋە لوپ ناھىيىسىنىڭ تامئېغىل رايونى ھەم قەشقەر خانئېرىق بازىرىغا قاراشلىق شەيخلەر كەنتىدىكىلىرى تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
خوتەن دىئالېكتى ئۈستىدە توختالغاندا بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار بىرقانچە نۇقتا ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.
1. بۇ كىشىلەرنى ئاتاش مەسىلىسى
«ئابدال» دېگەن بۇ نام ئەسلىدە بۇ خەلقنىڭ تارىخىي نامى بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ سەلبىي مەنىسى يوق ئىدى.
بۇ ھەقتە دۇەن ليەنچىن ئەپەندى پ. سەيكىس (ئەنگىلىيە) ۋە م. مىككوۋېن (ئامېرىكا) لاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ خەلقنىڭ ئەسلىدە بىر كۆچمەن چارۋىچى خەلق ئىكەنلىكىنى، شىمالىي سۇلالىدىكىلەر ئۇلارنى «ئابدال ؟؟؟؟؟ (ئېفتالىت)» دەپ، جەنۇبىي سۇلالىدىكىلەر، خارەزىملىكلەر خۇا (滑) دەپ، پېرسىيىلىكلەر بىلەن ئەرەبلەر ئۇلارنى خايتال (Haital) دەپ ئاتىغانلىقى، شەرقىي رىملىقلارنىڭ «ئاق ھۇنلار» دەپ ئاتىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلىدۇ .
ئۇلارنىڭ تارىختا بىرمەزگىل تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىنى چۆرىدەپ ياشىغانلىقى، شۇ سەۋەپتىن ھازىرقى چاقلىق ناھىيىسگە قاراشلىق مىرەن يېزىسىنىڭ شىمالىدا «ئابدال» دېگەن جاي (ھازىر ۋەيران بولغان) ئىسمىنىڭ گۇۋاھ ەرىقىسىدە قالغانلىقى ھەممىگە مەلۇم.
كېيىنچە، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئايرىم ئالاھىدىلىكلەر، مەسىلەن، خەتنىچىلىك تىلەمچىلىك قاتارلىقلار «ئابدال» دېگەن بۇ سۆزگە سەلبىي بىر مەنە ئۈستىلەپ قويغان.
«ئەينو» دېگەن ئاتالمىغا كەلسەك، بۇ ئاتالغۇمۇ يۇقىرىدىكى (滑) دېگەن سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
لېكىن، بۈگۈن بۇ ئاھالە مەنە دائىرىسى ئۆزگىرىپ كەتكەن بۇ سەلبىي مەنىلىك ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلغىنى يوق. ئۇلار ئېتنىڭ ئاڭ جەھەتتىن ئۆزلىرىنى «ئۇيغۇر» ھېسابلايدۇ. بۇ توغرىدا ئابلەت ئابباس شۇنداق دەيدۇ: «شەيخلەر چىراي-قىياپەت، تىل-يېزىق، دىنىي ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت، قائىدە-يوسۇن ۋاھاكازالارنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇرلار بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش بولۇپ قالماستىن، ئۆي-ئىمارەت ۋە ئۇنى تۈزەش-بېزەش، كىيىنىش-تارىنىش، زىبۇزىننەت، يېمەك-ئىچمەك جەھەتلەردىمۇ پەرقلەنمەيدۇ .
شۇنى ئېيتىش كېرەككى، بىزنىڭ ھەقدارلارنىڭ ئېتنىڭ ئاڭ مەسىلىسىنى ھېسابقا ئالماي، ئۇلارنى دەۋرىمىزدە سەلبىي مەنىگە ئىگە بولۇپ قالغان ئاتالغۇلار بىلەن ئاتاپ قويۇشىمىز مۇۋاپىق بولمىغان.
2. تىل مەسىلىسى
دەۋرىمىزدە بىر قىسىم تۈركولوگلارنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بۇ «تىل»نىڭ XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە XX ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ف. گرېنارد، گ. راكۋېتتى، پ. پېللېئوت قاتارلىق ئالىملار تەرىپىدىن بايقالغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە بەزى ماتېرىياللارنى ئېلان قىلغانلىقىدىن 1956- يىلى خوتەن زىيالىيلىرى بۇ «تىل» توغرىلىق بىزنى بەزى يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلىگەن بولسىمۇ، دىققىتىمىزنى ئارتۇق تارتىپ كەتمىگەنىدى. شۇنداق بولسىمۇ، مەن 1956- يىلى خوتەن دىئالېكتىنى تەكشۈرۈش مەزگىلىدە بۇ «تىل»نىڭ ئالاھىدىلىكى توغرىلىق شۇ چاغدىكى ئېلچى ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خەت توشوغۇچىسى (ئىسمى ئۇنتۇلۇپتۇ، بۇ كىشى ئېلچى ناھىيىسى ئاقتاش رايونى گازۇن يېزىسى گېۋوز كەنتىدىن ئىدى) بىلەن سۆزلەشكىنىمدە ئۇ كىشى ماڭا:
«بىزنىڭ ئەسلى تىلىمىز پايسى-يا» دېگەنىدى. بىز كېيىن لوپ ناھيىسىنىڭ تامئېغىل رايونىدىكى گېۋوزغىمۇ بىرقانچە كىشىنى ئەۋەتىپ بۇ «تىل»نى مەخسۇس تەكشۈرگەنىدۇق. نەتىجىدە بىرقانچە يۈزلىگەن پارسىي تىل لېكسىكىسىدىن باشقا ئالاھىدىلىك بولمىغانلىقتىن، بۇ «تىل» غا ئارتۇق ئېتىبار بېرىلمىگەنىدى. كېيىن 80- يىللاردا بەزى تىلچىلىرىمىز خوتەن، قەشقەرلەردە بۇ توغرىلىق مەخسۇس تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، بىرقانچىلىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى.
بۇلاردىن مۇھىملىرى تۆۋەندىكىلەر:
ھاشىم تۇردى، جاۋ شياڭرۇ: «شىنجاڭ ئەينۇلىرىنىڭ تىلى» 1982- يىل مۇتەللىپ سىدىق: «ئېفتالىتلار قەۋمى ۋە ئۇلار قوللىنىۋاتقان تىل توغرىسىدا» («تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 1985- يىل 2- سان) شېرىپجان قاسىم: «گېربوز ۋە تامئېغىل تىلى توغرىسىدىكى مۇلاھىزە» («ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات خەۋەرلىرى»، خوتەن، 1981)
ئابلەت ئابباس: «شەيخلەرنىڭ ئېتنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا بەزى قاراشلىرىم» («شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، 1997- يىل 3- سان)
بۇلاردىن ئالدىنقى 2 ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خۇددى بىر كۆمۈلۈپ قالغان دۇنيا تېپىلىپ قالغاندەك ۋازىيەت پەيدا بولدى-دە، خەلقئارادا بۇ «تىل» غا قىزىقىش پەيدا بولدى. ئالايلى، 1994- يىلى Otto ladstattr بىلەن Andreas ئىككەيلەن 1983-1986- يىلىدىكى تىل تەكشۈرشلىرى ئاساسىدا «شىنجاڭدىكى ئابدۇللا» (Die abdal (a ynu) in xinjang) دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلىشتى. كېيىن 1997- يىل 7-8- ئايلاردا ياپونىيىدىن قاياشى تورو باشلىق بىرقانچە تۈركىي تىل مۇتەخەسسىسلىرى كېلىپ قەشقەر ۋە خوتەنلەردە بىرنەچچە كۈن تىل تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.
بۇ ماقالىلارنىڭ بەزىلىرى مەخسۇس ئاق ھۇن تىلى ئۈستىدە توختالغان، بەزىلىرى ئۇلارنىڭ ئېتنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تىلى ئۈستىدە ئومۇميۈزلكۈ توىتالغان. ئاق ھۇن تىلىغا تېگىشلىك بولغانلىرىدا بۇ تىلنى قانداق ئاتاش (مەسىلەن، ئارىلاشما تىل، قوش تىللىق ھادىسە، بىر يېرىم تىللىق ھادىسە...) لازىملىقى ئۈستىدە مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈلگەن. ھەتتا بەزىلىرىدە بۇ ئاھالىنى «ئابدال» دېگەن نام بىلەن ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆرۈش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئالاھىدە بىر جامائەت ھېسابلىنىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ياسىۋالغان مەخپىي سۆزلىرى (ژارگونلىرى) ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىغا سىڭىپ كېتىشكە تاقابىل تۇرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن .
بىز خوتەن دىئالېكتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن بۇ «تىل» توغرىسىدا بىزدىن بۇرۇنقى ئاپتورلارنىڭ ئېلان قىلغان تىل ماتېرىياللىرى ئاساسىدا بىرقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ كۆرۈشنى مۇۋاپىق تاپتۇق.
فونېتىكىلىق جەھەتتە:
بۇ «تىل» دا 8 سوزۇق تاۋۇش فونېمىسى ۋە 22 ئۈزۈك تاۋۇش فونېمىسى بولۇپ، فونېمىلىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى فونېمىلار بىلەن ئوخشاش. پارس تىلىدا يوق «ئۆ»، «ئۈ» فونېمىلىرىنىڭ بۇ «تىل» دا بولغانلىقى، پارس تىلىدا بار «ف»، «ژ» فونېمىلىرىنىڭ بۇ «تىل» دا يوقلۇقى، ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدىكى «ئا»، «ئە» سوزۇق تاۋۇشلىرىنىڭ كەينىدىن قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، بۇ تاۋۇشلارنىڭ ئىران گۇرۇپپىسىغا كىرىدىغان تىللاردا، جۈملىدىن پارس تىلىدا ئاجىزلاشماي، بۇ «تىل» دا خۇددى ئۇيغۇر تىلىدىكىدەك ئاجىزلىشىدىغانلىقى ئۇنىڭ مۇھىم فونېتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.
گرامماتىكىلىق جەھەتتە:
ئىسىملاردا شەخس، كېلىش، سان ئۇيغۇر تىلىدىكىگە تامامەن ئوخشاش. سۈپەتلەردە ئۇيغۇر تىلىدىكىدەك «راق، رەك» قوشۇمچىلىرى ۋە كىچىكلىتىش قوشۇمچىسى «غىنە، قىنە، كىنە، گىنە» قوللىنىلىدۇ. سانلاردا دەرىجە سان ئۈچۈن «چى» قوللىنىلىدۇ، ئۇندىن كېيىنكى ساناق سانلار پارس تىلىدىكىدەك ئەمەس، بەلكى چوڭ سان ئالدىدا، كىچىك سان كەينىدە كېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. سانلاردىن كېيىن «چە» قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ مۆلچەرسان ياسىلىدۇ، كەسىر سانلار ئۇيغۇر تىلىدىكىدەك چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى «دىن» نىڭ ياردىمى بىلەن ياسىلىدۇ.
ئالماشلاردىن «ھەر، ھېچ، ئان (پارسچە كۆرسىتىش ئالمىشى)» لاردىن باشقىلىرى ھەممىسى ئۇيغۇر تىلىدىكىدەك قوللىنىلىدۇ (دىققەت: ھاشىم تۇردى ۋە جاۋ شياڭرۇ ئەپەندىلەر مەن، ئۇ ئالماشلىرىنى پارسچە قىلىپ كۆرسەتكەن، تارىخىي جەھەتتىن ئېنىقلانماي تۇرۇپ، ھازىرقى ئوخشاشلىقىغا قاراپ بۇ ئىككى ئالماشنى پارسچە دېگىلى بولماس).
پېئىللارنىڭ تۈسلىرى، رايلىرى، دەرىجىلىرى، زامان، شەخس، بولۇشلۇق، بولۇشسىز فورمىلىرى، سۈپەتداشلار، رەۋىشداشلار، ئىسىمداشلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تىلىدىكى بىلەن ئوخشاش.
ياردمچى سۆزلەرگە كەلسەك، «كېيىن، ئۈچۈن، تېخىمۇ، قېتىم، مۇ (ئۇلانما)» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تىلىدىكىدەك قوللىنىلىدۇ.
بۇلاردىن باشقا پېئىل ياساش ئۈچۈن «لا، لە، لاش، لەش» قوشۇمچىلىرى، «بول»، «قىل» ياردەمچى پېئىللىرى، تۇرغۇن سۆزلەردىن تۇرغۇن سۆز ياساش ئۈچۈن «لىق، لۇق، لىك، لۈك» قوشۇمچىلىرى كەڭ قوللىنىلىدۇ.
جۈملە قۇرۇلمىسىمۇ تامامەن ئۇيغۇر تىلىدىكىدەك. بۇ «تىل»دا پارس تىلى ئۈچۈن گەۋدىلىك بىر ئالاھىدىلىك بولغان ئىزافەت قۇرۇلمىسى قوللىنىلماي، ئورنىغا ئۇيغۇر تىلىدىكىدەك ئىگىلىك كېلىش ياردىمى ئارقىلىق ئېنىقلىغۇچى-ئېنىقلانغۇچىلىق مۇناسىۋەت ئىپادىلىنىدۇ.
مۇشۇ ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، بۇ «تىل» نىڭ ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ لېكسىكىلىق تەركىبىدە باشقا ئۇيغۇر دىئالېكت ۋە شېۋىلىرىدە كۆرۈلمەيدىغان بىرقانچە يۈز ئەرەب-پارس تىلى سۆزلىرىنىڭ بولغانلىقىدىلا. ھاشىم تۇردى ۋە جاۋ شياڭرۇ ئەپەندىلەر كۆرسەتكەنB گۇرۇپپىسىدىكى سۆزلەرنى بۇ «تىل» نىڭلا لېكسىكىلىق تەركىبىگە خاس دېگىلى بولمايدۇ، بەلكى، بۇ B گۇرۇپپىدىكى سۆزلەر ھەممە ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرىغا ئورتاق .
«ئارىلاشما تىل» لىق ھادىسىسىگە كەلسەك، «ئارىلاشما تىل» بولۇش ئۈچۈن يالغۇز ھەر ئىككى تىلنىڭ لېكسىكىسىنىڭ ئارىلاش قوللىنىلىشى كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇنىڭ فونېتىكىلىق سىستېمىسى ۋە گرامماتىكىلىق سىستېمىسىنىڭمۇ ئارىلاش قوللىنىلىدىغان بولۇشى لازىم. لېكىن، يۇقىرىدىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ «تىل» نىڭ فونېتىكىلىق سىستېمىسى ۋە گرامماتىكىلىق سىستېمىسى ئۇيغۇر تىلى بىلەن تامامەن ئوخشاش.
«قوش تىللىق ھادىسە» مەسىلىسىگە كەلسەك، قوش تىللىق بولۇش ئۈچۈن مەلۇم بىر جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەر ئىككى تىلنى ئۇنىڭ تەركىبىي قىسىملىرى (فونېتىكا، لېكسىكا، گرامماتىكا) بويىچە سىستېمىلىق ھلدا تەڭ قوللىنالايدىغان بولۇشى كېرەك. لېكىن بۇ «تىل» دا پارس تىلىغا خاس بولغان بىرقانچە يۈزلىگەن سۆز خۇددى ژارگونلار ياكى كەسپىي ئاتالغۇلارغا ئوخشاش قوللىنىلىدۇ، پارس تىلىنىڭ فونېتىكىسى ۋە گرامماتىكىسىغا رىئايە قىلىنمايدۇ.
«بىر يېرىم تىللىق» دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، تىلشۇناسلىقتا تېخى مۇنداق ئاتالغۇنىڭ مەزمۇنى ئوتتۇرىغا چىقىپ باقمىدى. بەلكىم، يۇقىرىدىكى لېكسىكىلىق ئالاھىدىلىكلەر كۆزدە تۇتۇلۇپ، شۇنداق ديىلگەن بولۇشى مۇمكىن.
لېكسىكا – تىلدا پەقەت بىر قۇرۇلۇش ماتېرىيالى، ئۇ تىلنىڭ تەركىبىي قىسىملىرىنىڭ بىرى. لېكسىكا (يەنى تىلدىكى نەچچە ئونمىڭلىغان سۆزلەرنىڭ يىغىندىسى) گرامماتىكىنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكەندىن كېيىنلا (يەنى مەلۇم گرامماتىكىلىق قائىدىلەر ئاساسىدا ئۆزئارا باغلىنىپ كەلگەندىلا) ئاندىن ئالاقە ئېھتىياجىدىن چىقالايدۇ. ۋەھالەنكى بىرىكمىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن سۆزلەر شۇ تىلدا قوللىنىلىدىغان فونېمىلارنىڭ مەلۇم قائىدىلەر ئاساسىدا بىركىشى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. شۇنداق ئىكەن، يالغۇز بەزى لېكسىكىلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسلىنىپلا «تىل» دەپ ئاتاش مۇۋاپىق بولمىسا كېرەك.
شۇنى قوشۇمچە قىلىپ ئۆتەيلى، ھاشىم تۇردى ۋە جاۋ شياڭرۇ ئەپەندىلەرنىڭ تەكشۈرۈشى بويىچە، بۇ ئاھالە دائىم دېگۈدەك قوللىنىۋاتقان 1000 ئەراپىدىكى پارسچە سۆز ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياسىغان سۆزلەر (مەسىلەن: زېمىن دەخلەيدىغان چىز تراكتور) نى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەممە ساھەسىدە ئالاقىلىشىشقا يېتىدۇ، ھەرقانداق مەۋھۇم ۋە ئىنچىكە چۈشەنچىلەرنى ئىپادىلەشكە يېتىدۇ، دېگىلى بولمايدۇ، بۇ 1000 ئەتراپىدىكى سۆز ھەتتا ئائىلىۋى ئالاقە ئېھتىياجىدىن چىقىشقىمۇ كەملىك قىلىدۇ. بۇ ھەقت ھاشىم تۇردى ۋە جاۋ شياڭرۇ ئەپەندىلەرنىڭ بۇ «تىل» توغرىسىدا تۆۋەندىكى كۆزقاراشلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەشكە توغرا كېلىدۇ.
«ئەينۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئارىلىشىپ ياشىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ كۈچلۈك تەسىر قىلىشى بىلەن... بۇ تىلدىكى ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئەسلى ئۆزىدە بار سۆزلەردىن كۆپ دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن»⑦.
بۇ «تىل» نىڭ تەكشۈرۈلۈش ئەھۋالى توغرىسىدا يەنە شۇ نۇقتىنى قوشۇمچە كۆرسىتىپ ئۆتۈش لازىمكى، بۇ تەكشۈرۈشلەردە بۇ ئاھالىنىڭ لېكسىكىلىق ئالاھىدىلىكى ھېسابلانغان مۇشۇ بىرقانچە يۈز (ياكى 1000 ئەتراپىدا) سۆزنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسى، شارائىتى، ئۈنۈملۈك ياكى ئۈنۈمسىزلىكى ئېنىق بايان قىلىنمىغان، يەنى ئۇلار ئۆزئارا، ئائىلىدە نوقۇل ھالدا مۇشۇ سۆزلەرنىلا قوللىنامدۇ؟ ياكى بۇ سۆزلەرنى شۇ مەنىدىكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلىرى بىلەن تەڭ قوللىنامدۇ، ياكى ھەرقانداق شارائىتتا قوللىنامدۇ؟ قوللىنىلىش ئۈنۈمى، سۆز ياساش ئۈنۈمى قانداق؟ دېگەن مەسىلىلەر روشەنلەشتۈرۈلمىگەن. لېكىن، بۇ بىر ئەمەلىي مەسىلە، بۇ «تىل» نى قانداق ئاتاش، ئۇنىڭغا قانداق باھا بېرىش ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تىلشۇناسلىقى ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ، شۇنڭدەك بۇ «تىل» نى قوللىنىپ كېلىۋاتقان ھەقدارلار ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ ئىنتايىن مۇھىم.
بىزچە بۇ «تىل» نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى جەنۇبىي دىئالېكت ۋە شېۋىلىرىنىڭ «ئاق ھۇن قاتلىمى» دەپ قارىغان مۇۋاپىق. مۇنداق ئاتاش بۇ ئاھالىنىڭ ئېتنىك ئاڭ جەھەتتىن «ئابدال»، «ئەينو» دېگەن سەلبىي مەنىگە ئىگە بولۇپ قالغان ناملارنى قوبۇل قىلماي، ئۆزلىرىنى «ئۇيغۇر» دەپ ئاتاۋاتقانلىقىغا، تىل جەھەتتىن تارىختىكى «ئاق ھۇن» لار قوللانغان گرامماتىكىلىق سىستېمىسى تۈركىي، لېكسىكىسىدا ئەرەب-پارس تىلى سۆزلىرى ئارىلاش قوللىنىلغان تىلنىڭ قالدۇقى ئىكەنلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.
ئەمدى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇ «ئاق ھۇن» قاتلىمىنىڭ قاچان ۋە قايسى دەۋرلەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ قاتلىمى بولۇپ قالغانلىقى بىز بايان قىلىۋاتقان خوتەن دىئالېكتىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ توغرىدا بىرئاز توختىلىپ ئۆتەيلى:
3 . قەشقەر پايناپتىكى «شەخلەر» بىلەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن، لوپ، كېرىيە، چىرا ناھىيىلىرىدىكى بۇ ئاھالىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مەسىلىسى
بۇ توغرىلىق ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئېلىنغان ھەزرىتى ئەلىگە چېتىشلىق رىۋايەتلەر ئەمەلىيەتتىن يىراق. ئۇلارنىڭ بۇ جايلاردىكى پائالىيەت ئېلىپ بارغان دەۋرى تېخى تارىخىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلانغىنى يوق. تارىختىكى ئاق ھۇنلارنىڭ بۇ ئورۇنلاردىكى پائالىيىتى بولسا VI ئەسىردىن بۇياققا ئۆتمەيدۇ. بىز بۇ ئاھالىنى ئاق ھۇنلارنىڭ غەربكە ئۆچمەي بۇ ئورۇنلاردا قېلىپ قالغانلىرى دەپ پەرەز قىلغاندىمۇ، ئۇلارنىڭ 14 ئەسىرلىك ئۇزاق ۋاقىت ئىچىدە كۆپ سانلىق ئۇيغۇر ئاھالىسى ئارىسىدا تىل جەھەتتىن ئاللىقاچان ئۇيغۇرلىشىپ كېتىشى، بەزى لېكسىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى بۈگۈنكى دەرىجىدە ساقلاپ قالالماسلىقى تۇرغان گەپ.
X ئەسىرگە ئائىت سەئىدبەتتال غازىغا چېتىشلىق رىۋايەتلەر (بۇ مەلۇمات ئابلەت ئابباسنىڭ يۇقىرىقى ماقالىسىدە بېرىلگەن) گە كەلسەك، بۇ رىۋايەتلەر تېخى پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلانغىنى يوق. ناۋادا قەشقەر پايناپتا «شەيخلەر كەنتى» نى، شۇنىڭدەك خوتەن ۋىلايىتىدە ئىككى «گېۋوز» نى ئۇلار X ەسىردىن ئېتىبارەن تەدرىجىي تەشكىل قىلغان دېگەندىمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى 10 ئەسىر داۋامىدا (ئۇلارنىڭ باشقا ناھىيىلەرگە تارقىلىپ كەتكەنلىرىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندىمۇ) يۇقىرىقى ئۈچ ئاساسىي نۇقتىدا ئاران 4000-5000 نوپۇسقا ئىگە ئىكەنلىكى نوپۇس كۆپىيىش نىسبىتى بىلەن قارىغاندا بەك ئازلىق قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، مۇنچىلىك ئاز نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇر ئاھالىسى قورشاۋىدا تۇرۇپمۇ 10 ئەسىر داۋامىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى تىل ئالاھىدىلىكىنى بۈگۈنكى دەرىجىدە ساقلاپ قالالىشى تېخىمۇ ئەقىلگە سىغمايدۇ.
تېخى XI ئەسىردە خوتەن ئاھالىسى پۈتۈنلەي تۈركىيلىشىپ كەتمىگەنىدى. بۇ توغرىلىق مەھمۇت قەشقەرى مۇنداق دېگەن: «خوتەنلىكلەر بىلەن كەنچەكلەر سۆز بېشىدىكى ‹ئەلىف – ا› نى ‹ھ –h › غا ئالماشتۇرىدۇ، تۈركىي تىللاردا يوق بىر تاۋۇشنى كىرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن بىز ئۇلارنى تۈركلەردىن ھېسابلىمايمىز . X-XI ئەسىرلەردىكى خوتەن تىلىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ماتېرىياللار، مەسىلەن. ھ.ۋ. بېيلى ئېلان قىلغان تۈركچە-خوتەنچە سۆزلۈك (بۇ سۆزلۈك دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان بولۇپ، ھازىرقى فرانسىيە دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسىدا پېللېئوت يىغىپ ساقلىغان ماتېرىياللار تىزىملىكىدە 2892.p نومۇر بىلەن ساقلانماقتا. براخما يېزىقىدا، يازما شەكىلدە يېزىلغان) قاتارلىقلاردىنمۇ X-XI ئەسىرلەردە خوتەن تىلىنىڭ تېخى پۈتۈنلەي تۈركىيلىشىپ كەتمىگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ .
بىز بۈگۈنكى خوتەن دىئالېكتىنى ئىنچىكىلەپ كۆزەتسەك، سۆز بېشىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئالدىدا بىر «ھ» تاۋۇشىنى كۆپەيدىغان، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ئېيتىشىچە ئۆز دەۋرىدە ساپ تۈركلەردىن ھېسابلانمايدىغان بۇ خوتەن ئاھالىسىنىڭ ھازىر سۆز بېشىدا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئالدىدا بىر «ھ» تاۋۇشىنى كۆپەيتىشىنى قەشقەر ئاھالىسىنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىمىز.
XI ئەسىردە يەنى خوتەننىڭ تۈركىيلىشىش دەۋرىدە خوتەن تىلىدا كۆرۈلگەن بۇ فونېتىكىلىق خۇسۇسىيەتنىڭ ھازىرقى خوتەن دىئالېكتىدا ئومۇميۈزلۈك خۇسۇسىيەت بولماي قېلىشى مۇشۇ 9-10 ئەسىرلىك تىل ئۆزگىرىشىنىڭ نەتىجىسى. تىلنىڭ لېكسىكا قىسمىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ باشقا تەركىبىي قىسىملارغا قارىغاندا تېز بولىدىغانلىقى مەيلى VI ئەسىردىكى ئاق ھۇنلار بولسۇن، مەيلى رىۋايەتتىكى سەئىد بەتتال غازى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان X ئەسىردىكى كىشىلەر بولسۇن، ئاز ساندىكى جامائەنىڭ مۇنداق ئۇزاق دەۋردە ئۆز تىل ئالاھىدىلىكىنى بۈگۈنكى دەرىجىدە ساقلاپ قېلىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئاق ھۇنلارنىڭ ئىرقى مەسىلىسىدە دۇەن ليەنچىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ «دىڭلىڭلار، قاڭقىللار ۋە تۇرالار» دېگەن ئەسىردە مۇنداق دەيدۇ:
«ئاق ھۇنلارنىڭ ئىرقى توغرىسىدا »لياڭنامە: بەدەۋىلەر ھەققىدە قىسسە» دە: «ئۇلار قۇس (؟؟؟) لۇقلارنىڭ بىر قەۋمى» دېيىلگەن. «ۋېينامە: غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە: «ئۇلار توخار (؟؟؟) لارنىڭ باشقا بىر ئۇرۇقىدۇر» دەپمۇ كۆرسىتىلگەن... بۇ مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى ئېھتىمال ھۇن، توخار، دىڭلىڭ (غەربىي دىڭلىڭ) قۇس قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك قوشۇلۇشىنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن.
ئاق ھۇنلارنىڭ ئىرقىي مەسىلىسىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردىمى بولۇش ئۈچۈن ئاق ھۇنلارنىڭ ئىرانلىقلار بىلەن ئارىلاشقانلىقى (VI، V ئەسىرلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ) توغرىسىدا ر.ن.فرايې (r.n.frye) ئەپەندىنىڭ تۆۋەندىكى بايانلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
«... لېكىن، بىزنىڭ چياڭلار بىلەن ئېفتالىتلار توغرىسىدىكى ماتېرىياللارغا بولغان كەمبەغەللىكىمىز ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە خاراكتېرى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان قالايمىقانچىلىقلارنى پەيدا قىلدى. كېيىنكى چارۋىچى ئىمپېرىيىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بىز دەسلەپكى قەدەمدە بۇ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ھۆكۈمران گۇرۇھ شەرقتىن ۋە شىمالدىن كەلگەن تۈركىي تىللىق قەبىلىلەردىن تەركىب تاپقان، ئەڭ بولمىغاندىمۇ ئۇلارنىڭ تەركىبىدە تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر بار دەپ بىلەلمەيمىز. گەرچە چياڭلار ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئېفتالىتلار ئىتتىپاقىدىكى كۆچمەن ئاھالىنىڭ ئىران تىلىدا سۆزلەيدىغانلاردىن بولۇش ئېھتىمالى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن، شۇ نەرسە ئېنىقكى، خۇددى ئادەتتىكىدەك كۆچمەن-چارۋىچىلار ئولتۇراق ئاھالىنىڭ تىل-يېزىقىنى، تۈزۈمىنى ھەم مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان. ر.گوبلىنىڭ ئۇلارنى «ئىران ھۇنلىرى» دەپ ئاتىغىنى ھەرگىز نامۇۋاپىق بولمىغان. چۈنكى چياڭلار ۋە ئېفتالىتلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئاھالىنىڭ كۆپچىلىكى ئىرانلىقلار ئىكەنلىكى ئېنىق» .
ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇ «ئاق ھۇن» قاتلىمىنىڭ فونېما سىستېمىسى ۋە گرامماتىكىلىق سىستېمىسىنىڭ تۈركىي، لېكسىكا تەركىبىنىڭ تۈركىي ۋە پارسىي ئارىلاش كېلىشى دۇەن ليەنچىن ئەپەندى بىلەن ر.ن. فرايى ئەپەندىلەرنىڭ بايانلىرىغا ئۇيغۇنلىشىدۇ. ئالايلى، بۇ قاتلام تىلدىكى داغا (ياقا، چەت)، داغاغىن (ياقا يۇرتلۇق، چەت يۇرتلۇق) دېگەن سۆزدە ئالتاي تىللىرىغا خاس بولغان د\ي-ئى نۆۋەتلىشىشنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقىمۇ بۇ تىلنىڭ ئەسلى تۈركىي، كېيىن ئىران تىلى بىلەن ئارىلاشقانلىقىغا دەلىل بولالايدۇ.
بۈگۈنكى كۈندىمۇ قەشقەر ۋە خوتەن ئۇيغۇرلىرى «چەت» دېگەن سۆزنى «ياقا»، «چەت يۇرتلۇق، يات» دېگەن سۆزنى «ياقا يۇرتلۇق» دەيدۇ.
مانا بۇ ئەمەلىيەتمۇ بۇ تىل قاتلىمىنىڭ ساپ پارسىي ياكى سامانىي تاجىكلىرى تىلى قاتلىمى بولماي، يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك بىر ئارىلاش قاتلام ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئاق ھۇنلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىن، بۇ كېيىنكى ئولتۇراق جايلىرىدا ئۇلار بىرقانچە خىل تىل ۋە دىئالېكتلارنىڭ تەسىرىگە يولۇققان بولۇشى تۇرغان گەپ. شۇنى مۆلچەرلەش مۇمكىنكى، ئاق ھۇنلارنىڭ ئەسلىدە مۇشۇنداق پەقەت لىكسىكىسىلا ئارىلاشما ھالەتتە بولغان بىر تىلنى قوللىنىشى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ كېيىنكى تارىخىي دەۋرلەردىكى تۇرمۇش ئۇسۇللىرىدا بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشى (مەسىلەن: بەزىلىرىنىڭ ئادەتتىكى نورمال دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە ياكى سودا-سېتىق، ھۈنەرۋەنلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن مەلۇم تارىخىي شارائىتلار ئارقىسىدا تىلەمچىلىك، خەتنىچىلىك، پالچىلىق قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ بىرقەدەر نورمال سەۋىيىسىدىن تۆۋەنرەك بولغان تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشقا يۈزلىنىش) ئۇلارنىڭ ئۇزاق دەۋرلەر قورۇنۇش ھالىتىدە تۇرۇپ كېلىشىگە سەۋەپ بولغان بولسا كېرەك.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇ قاتلىمى ئەڭ ئۈستۈنكى بىر قاتلام بولۇپ، ئۇنىڭ خوتەن دىئالېكتىغا شۇنىڭدەك قەشقەر شېۋىسىگە تەسىرى بار، دەپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىدىن ئىزلەش مۇمكىن:
بىرىنچىسى: ئاق ھۇنلارنىڭ بۇ جايلاردىكى نۇپۇس سانى ئاز بولۇپ، ئۇلار كۆپچىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ قامالى ئىچىدە قالغان. مەسىلەن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا، 1911- يىلى ئېلىنغان ستاتىستىكىلىق مەلۇمات بويىچە قەشقەر، يېڭىسار، يەكەن، پوسكام، قاغىلىق، گۇما، خوتەن قاتارلىق جايلارغا غەربتىن كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار 1295 ئائىلە (جەمى 3015 نوپۇس) بولغان. مانا مۇشۇ كىشىلەرنى ھازىر بىز تەتقىق قىلىۋاتقان ئاھالىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى دەپ مۆلچەرلەشكە بولىدۇ.
ئىككىنچىسى: ئۇلارنىڭ بۇ جايلارغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىش تارىخى ئۇزۇن ئەمەس. بەلكىم XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىش ئارقىسىدا ئافغانىستان، پاكىستان، كەشمىر، ھىندىستان قاتارلىق مەملىكەت ۋە جايلاردىن ئىلگىرى-كېيىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. شۇڭا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئالاھىدە ستاتىستىكا مەلۇماتىغا ئېلىنغان. ئۇلارنىڭ خوتەن ناھىيىسى ئاقتاش رايونىدىكى ئولتۇراق يېزىسىنىڭ «گېۋوز» دەپ ئاتىلىشى، خوتەن لوپ ناھىيىسى تامئېغىل رايونىدىكى ئولتۇراق يېزىسىنىڭمۇ «گېۋوز» دەپ ئاتىلىشى ئاساسەن بىر ئورۇندىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، بۇ «تىل» نىڭ فونېتىكىلىق سىستېمىسى ۋە گرامماتىكىلىق سىستېمىسى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئوخشاش. ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئۇلاردىن سۆز قوبۇل قىلىش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولمىغان. شۇڭا ئۇلارغا يانداش بولغان ئۇيغۇر يەرلىك شېۋىلىرىدە ئۇلارنىڭ دوڭگاي~سەيچى (قوغۇن)، haphap (تاۋۇز)، چىلبە~شىلۋە (چاي)، hasa (نەشپۈت)، بۇق (كەپتەر)، غۇياڭ (يىپ) قاتارلىق سۆزلىرى زادىلا كۆرۈلمەيدۇ. ئەكسىچە، دەۋرىمىزدە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىشى، پۈتۈن ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرۇشى سەۋەبىدىن يۇقىرىدىكى تىل ئالاھىدىلىكلىرى پەقەت ياشانغانلىرىدىلا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا سىڭىپ كېتىشكە تاقابىل تۇرۇش مۇمكىنچىلىكىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ، ياشلىرىدا بولسا، ئىجتىمائىي ئالاقە پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.
شۇڭا، بىزنىڭ قارىشىمىزچە بۇ تىل قاتلىمىنىڭ خوتەن دىئالېكتىنى شېۋىلەرگە بۆلۈشتىمۇ تىلغا ئالغۇچىلىك ئەھمىيىتى يوق.
خوتەن دىئالېكتىنىڭ لېكسىكىلىق تەركىبىگە بىر قىسىم ئەرەب-پارس تىلى سۆزلىرىنىڭ كىرىپ قېلىشى X ئەسىرنىڭ ئاخىرى XI ئەسىرنىڭ بېشىدا خوتەننى ئىسلامغا كىرگۈزۈش ئىشىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىن (ئوش، كاسان، خارەزم، باغداد قاتارلىق جايلاردىن)كەلگەن نەچچە ئونمىڭلىغان پىدائىيلار قوشۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قاراش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولسا كېرەك. چۈنكى بۇ پىدائىيلارنىڭ ھايات قالغانلىرىنىڭ خوتەن ئىسلاملاشقاندىن كېيىن قايتىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا دېرەك يوق. ئۇلار ئەينى دەۋردىكى خوتەن ئاھالىسى بىلەن سىڭىشىپ، بۈگۈنكى خوتەن دىئالېكتىنىڭ شەكىللىنىشىدە رول ئوينىغان، خالاس.