خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە تىللاردىكى مىللىي ئالاھىدىلىك بىر خىل قامۇس سۈپىتىدە شۇ مىللەتلەرنىڭ شانلىق مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تىل مەلۇم مىللەتنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، جۇغراپىيەلىك ياشاش ئورنى، تۇرمۇش ئۆرپ - ئادىتى، سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىكى يەرلىك ئالاھىدىلىكى، شەيئىلەرنى ئىپادىلەشتىكى تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى ۋە سۆز ئادىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا قويۇق يەرلىك مىللەت تۈسى گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. مىللىي ئالاھىدىلىك شۇ مىللەتنىڭ تارىخىي ئىزنالىرىنى، ئىجتىمائىي رېئاللىقىنى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ساۋاقلىرىنى تەبىئىي ۋە ئەينەن ئىپادىلەپ بېرىدۇ. بۇ مەزمۇنلار لېكسىكىلىق مەنا ۋە ئىستىلىستىك ۋاسىتە (ئوخشىتىش، مۇبالىغىلەشتۈرۈش، كىنايە قىلىش، كۆچمە مەنىلىك سۆزلەر....) لەردىن پايدىلىنىش، ماقال - تەمسىللەردىن پايدىلىنىش، شېئىرىي تىل بىلەن تەسۋىرلەش قاتارلىق ئۇسۇل ۋە شەكىللەردىن پايدىلىنىپ ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سۆزلەرنىڭ تىلى گۈزەل، ئىخچام، ئوبرازلىق، يېقىملىق، قىزىقارلىق ۋە چوڭقۇر بولغاچقا، كەڭ خەلق ئاممىسى ئۇنى ياقتۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن بىلىم، ھوزۇر ۋە ساۋاق ئالىدۇ.
تىل ئۆگىنىش جەريانى تىل شەكلىنى ئالماشتۇرۇش جەريانى بولۇپلا قالماستىن، يەنە مەدەنىيەت ئەندىزىسىنى ئالماشتۇرۇش جەريانى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە سۆزلەردىكى مىللىي ئالاھىدىلىكنى تىل ھەم مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلغاندىلا، تىل قانۇنىيەتلىرىنى توغرا ئىگىلىگىلى، تىل ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىش جەريانىدا تىلنى تېخىمۇ ئەينەن ۋە تەڭ قىممەتتە ئىپادىلەپ بەرگىلى بولىدۇ.
بىرىنچى، مىللىي ئالاھىدىلىك ھەققىدە چۈشەنچە
مىللىي ئالاھىدىلىك تىلنىڭ ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تىل بايلىقى ئامبىرىدىكى گۆھەر ھېسابلىنىدۇ. مىللەتلەرنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، شەيئىلەرنى ئىپادىلەشتىكى تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى ۋە تىل - يېزىق ئادىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى مىللىي پەرقنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى مەنبە، شۇنداقلا مىللىي ئالاھىدىلىكنىڭ شەكىللىنىش شەرتىدۇر. دېمەك، مىللىي ئالاھىدىلىك ھەرقايسى مىللەت مەدەنىيىتىدە ئەزەلدىنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئوبيېكتىپ شەيئى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنداقتا، مىللىي ئالاھىدىلىك دېگەن نېمە؟
مىللىي ئالاھىدىلىك - مەلۇم بىر مىللەتنىڭ ئادەم، شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ سۈپىتى، بەلگىسى، خۇسۇسىيىتىنى ئىپادىلەش جەريانىدا ئۇزۇندىن بۇيان شەكىللەندۈرگەن تىل - يېزىق، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرمۇش ئۆرپ - ئادىتى، كىشىلىك ئالاقىسى، دىنىي ئېتىقادى، تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ماددىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلەنگەن تۈرلۈك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ.
خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە تىللارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تىلىدا كەڭ قوللىنىلىپ، ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ، بۈگۈنگە كەلگەندە مۇكەممەل ئالاھىدىلىك بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۇنىڭدا ئادەم ۋە شەيئىلەرنىڭ تۈرلۈك خۇسۇسىيىتى، تەبىئەت ھادىسىلىرى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىدىكى تۈرلۈك ئىش - ھەرىكەتلىرى، پاساھەتلىك ھەم ئۆزگىچە تىل سەنئىتى ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.
مىللىي ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش جەريانىدا، شۇ مىللەتكە تەئەللۇق بولغان تىل سىستېمىسىنىڭ لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەرنى ئىشلىتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ كۆچمە مەنىلىرىدىن پايدىلىنىشقىمۇ تولۇق ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.
ئىككىنچى، خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە تىللاردىكى مىللىي ئالاھىدىلىكنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى
مىللىي ئالاھىدىلىك خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن يارىتىلىدۇ. ئادەتتە خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر مىللەتلىرى ئۆز نۇتۇقلىرىدا، ئۆزئارا كىشىلىك ئالاقىدا دائىم بۇ خىل ئالاھىدىلىكنى تولۇق گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى ئالاھىدىلىكى ئەمەس، بەلكى ئىككى مىللەت خەلقى مەدەنىيىتىنىڭ تاۋلىنىپ چىققان جەۋھىرىدۇر. مىللىي مەدەنىيەتنىڭ جەۋھىرى بولۇش سۈپىتى، خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە تىللار تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇشى كېرەك:
1. مەزمۇننى ئاساس قىلغان مىللىي ئالاھىدىلىك
خەنزۇ - ئۇيغۇر مىللەتلىرىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن سۆزلىرىدە، ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىل جەريانىدا ھاسىل قىلغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، تارىخ، جۇغراپىيە، ئارخىئولوگىيە، ئاستىرونومىيە بىلىملىرى ھەققىدىكى مەزمۇنلار، شۇنداقلا كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان يەرلىك پۇراققا ئىگە سۆزلەر، كىشىلىك مۇناسىۋەت قائىدىلىرى ۋە ئەخلاق قاراشلىرى كەڭ كۆلەمدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن. بۇ بىلىم ۋە مەزمۇنلار تىل - يېزىق شەكلى ئارقىلىق ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن خاتىرە قالدۇرۇلۇپ، ئەۋلاتمۇ - ئەۋلات يەتكۈزۈلۈپ، بۈگۈنگە يېتىپ كەلگەن.
خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە سۆز - جۈملىلەرگە قارايدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە مەيلى گىرامماتىكا، فونېتىكا ۋە ئىستىلىستىك ۋاسىتىلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى، سۆزلەرنىڭ قۇرۇلمىسى، مەنە ئىپادىلىشى قاتارلىق تەرەپلەردە بولسۇن، يەنىلار مۇئەييەن پەرقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
2. ئوبرازلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى ئاساس قىلغان مىللىي ئالاھىدىلىك
تىلنىڭ ئوبرازچانلىقى ئۇنىڭ پىكىرنى ئابىستىراكىت ئۇقۇم، نەزەرىيەۋى چۈشەنچە ھالىتىدە ئەمەس، بەلكى كونكىرېت، ھېسسىياتلىق، جانلىق ھالەتتە ئەكس ئەتتۈرۈشىگە قارىتىلغان.
خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە تىلدا ئىپادىلەنگەن جۈملىلەردە ئوبرازلاشتۇرۇلغان سۆز ۋە جۈملىلەرگە قارىساق، بۇ ئىككى جۈملىدىكى بايان قىلىنغان مەزمۇننىڭ گىرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسى، مەنا ئىپادىلىشى قاتارلىقلارنىڭ ئىككى مىللەتنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۇيغۇر تىلىغا شۇنداق يېقىملىق، گۈزەل تىل بىلەن تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى، كىشىگە زوق بېغىشلايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
3. بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىكى مىللىي ئالاھىدىلىك
خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە تىلدىكى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە سۆز - جۈملىلەرنىڭ بەدىئىيلىكى ئۇنىڭ ئادەم ۋە شەيئىلەرنى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە تىللارنىڭ تىل ئىپادىلەش ئۇسلۇبىدىكى تۈرلۈك ئىستىلىستىك ۋاسىتە، سېلىشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش، ھېسسىياتلىق سۆز - ئىبارىلەر، سۆز - جۈملىلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىدىكى كۆچمە مەنىسى قاتارلىق ۋاسىتىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس شەكىللىرىدىن تولۇق پايدىلانغان ھالدا ئىپادىلەشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارى ھەرقانداق ئەدەبىي شەكىلدىنمۇ يۇقىرى بولۇپ، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئىنتايىن ئاددىي سۆز ۋە جۈملىلەر ئارقىلىق ئاجايىپ چوڭقۇر مەزمۇننى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
خەنزۇچە تىلنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى، تۇرمۇش ئۆرپ - ئادىتى، سۆز ۋە جۈملىلەرنى ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تەسۋىرلەنگەن ۋە سۈپەتلەنگەن سۆز - جۈملىلەرنى ئۇيغۇرچە تىلغا تەرجىمە قىلغاندا ئۇيغۇرچە تىلنىڭ بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسۇلى ھەم سۆز - جۈملىلەرنى ئىشلىتىشتىكى مىللىيچە ئالاھىدىلىكى ئاساس قىلىنغان. شۇنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئوقۇرمەنلەر يۇقىرىقى بايان جۈملىلەرنىڭ خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە ئىپادىلىنىشىنى كۆرسىلا، ئىككى خىل تىلنىڭ تىل ئىشلىتىش، بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىكى پەرقنى ئوڭايلا بىلەلەيدۇ. دېمەك، خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە تىلدىكى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە سۆز ۋە جۈملىلەر ئەنە شۇنداق ئىخچام، ئوبرازلىق بەدىئىي شەكىلگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ بەدىئىي جەھەتتىكى ئوبرازلىق ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكى ۋايىغا يەتكەن.
4. كۆچمە مەنىدىكى مىللىي ئالاھىدىلىك
خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە تىلدىكى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە سۆز ۋە جۈملىلەرنىڭ كۆچمە مەنىدىكى ئاھاڭدارلىقى ئۇنىڭ ئادەم ۋە شەيئىلەرنىڭ تۈرلۈك خۇسۇسىيەتلىرىنى قېلىپلاشقان ۋە تۇراقلىق شېئىرىي رېتىم، ئوخشىتىش، سۈپەتلەش، سەلبىي ئىشلارنى قامچىلاش، ياخشى ئىشلارنى مەدھىيلەش قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ ئىپادىلەشنى كۆرسىتىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە تىللاردىكى كۆچمە مەنىدىكى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە سۆز ۋە جۈملىلەر خەلق تىلىنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، ئوبرازلىق، ئىخچام ۋە ئاھاڭدار شەكلىدۇر. خەنزۇچە تىلدىكى بۇ ئىخچام، مەزمۇنلۇق جۈملىلەرنى ئۇيغۇرچە تىلغا تەرجىمە قىلغاندا، ئۇنى خەنزۇچە تىلنىڭ گىرامماتىكىلىق قائىدىسى بويىچە ئۇدۇلمۇ - ئۇدۇل تەرجىمە قىلساق، خەنزۇچە تىلدىكى بۇ جۈملىلەر ئۆزىنىڭ جەلپكارلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ. شۇڭا بۇ سۆز ۋە جۈملىلەرنى ئۇيغۇرچە تىلغا تەرجىمە قىلغاندا، ئەسلى مەزمۇنغا سادىق بولغان ئاساستا، ئۇيغۇرچە تىلنىڭ تىل ئىشلىتىشتىكى مىللىي ئالاھىدىلىكى بويىچە پاساھەتلىك، گۈزەل، ئىخچام، ئەسلى مەزمۇننى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان سۆز ۋە جۈملىلەرنى تاللاپ ئىشلەتكەندە، خەنزۇچە تىلدىكى ئاشۇ جۈملىلەر ئۇيغۇرچە تىلدا ئۆز ئورنىنى تاپالايدۇ. بۇ جۈملىلەرنى ئوقۇغان كىشىگىمۇ بەدىئىي زوق بېغىشلىيالايدۇ.
قىسقىسى، تىل ئىككى مىللەتنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان قورال. كىشىلەر تىل ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مەقسەت - مۇددىئالىرىنى ئىپادىلەيدۇ ھەم ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. ئەگەر تىل بىلەن ئىپادىلەش مۇۋاپىق بولمىسا، كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا ئۇقۇشماسلىق ۋە ئىختىلاپ پەيدا قىلىپ، ئىككى مىللەت خەلقلىرىنىڭ ئىجىل - ئىناقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە تىللاردىكى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە سۆز ۋە جۈملىلەر ئىككى خىل تىلنىڭ سۆز ۋە جۈملىلەرنى ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۆزئارا تەرجىمە قىلىنىشى كېرەك. ئىككى خىل تىلنىڭ خۇسۇسىيىتى، ئالايلۇق، ئوبرازلىق، جانلىق، روشەنلىك، مەنىلىك، توغرىلىق، قىزىقارلىق، ئۆتكۈرلۈك، يېقىملىق ۋە مىللىي ئالاھىدىلىك، يەنى كەسپىي ئادەت سۆزلىرى، يەرلىك ئاتالغۇ قاتارلىقلار ئىككى خىل تىلنىڭ مەنا ئىپادىلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنىپ قوللىنىلىدۇ. شۇڭا خەنزۇچە ياكى ئۇيغۇرچە تىلنى ئۆگەنگۈچىلەر بۇ تىللاردىكى تۈرلۈك مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە سۆز ۋە جۈملىلەرنىڭ مەنىسى ۋە ئىپادىلەش شەكىللىرىنى ئىگىلەشتە سېلىشتۇرۇپ ئۆگىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، بۇ تىللارنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، كۈندىلىك خىزمەت ۋە ئالاقىدا بىمالال قوللىنالايدىغان سەۋىيەگە يەتكىلى بولىدۇ.
پايدىلانمىلار:
[1] ئامىنە لېتىپ، يارى ئەبەيدۇللا تۈزگەن: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» دەرسلىكى [M]، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003 - يىل 4 - ئاي 1 - نەشرى، ئۇيغۇرچە
[2] ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۈزگەن: «ئۇيغۇر خەلق ماقال - تەمسىللىرى» [M]، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2007 - يىل 6 - ئاي 1 - نەشرى، ئۇيغۇرچە
[3] خېي زەيلې باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن: «خەنزۇ تىلى دەرسلىكى» 2 - قىسىم [M]، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1992 - يىل 7 - ئاي 1 - نەشرى، ئۇيغۇرچە
[4] سەمەت تۇرسۇن تۈزگەن: «ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسى» [M]، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004 - يىل 3 - ئاي 1 - نەشرى، ئۇيغۇرچە
[5] شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزىق ئۆزگەرتىش كومىتېتى تۈزگەن: «خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە تۇراقلىق ئىبارىلەر لۇغىتى» [M]، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1979 - يىل 4 - ئاي 1 - نەشرى، ئۇيغۇرچە
ئاپتورى: كەرىيمە پەتىدىن
(ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە مەكتەپ تىل ۋە تەرجىمە كافېدراسى، 835000)