گۆش يېمەسلىكنىڭ سالامەتلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرى

150 2013-12-31 14:18:05   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   muyesser
T|T:خەت رەزمىرى

  كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەزى كىشىلەر گۆش يېمەيدۇ، ئۇنداقتا گۆش يېمەسلىكنىڭ زىيىنى بارمۇ - يوق؟
  1. ئۇزۇن مۇددەت گۆش يېمىگەندە سۆڭەك ئاسان سۇنىدۇ
  تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولىشىچە دائىم گۆش يەپ تۇرىدىغانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا گۆش يېمەيدىغانلارنىڭ سۆڭىكى كۆپ دەرىجىدە چۈرۈك بولۇپ، سۇنۇش خەۋپى خېلىلا يۇقىرى بولىدىكەن. ياش - ئۆسمۈرلەر گۆشسىز غىزالانسا ناھايىتى ئاسانلا ئوزۇقلىنىش قالايمىقانچىلىقى كۆرۈلۈپ، بەدىنىدە ئېغىر دەرىجىدە تۆمۈر، سېنىك، كالتسىي ۋە ۋىتامىن B يېتىشمەسلىك كۆرىلىدىكەن.
  2. ئاياللار ئۇزۇن مۇددەت گۆش يېمىسە ھەيز قالايمىقانلىشىدۇ
  ئاياللارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاياللار ئۇزۇن مۇددەت گۆش يېمىسە ھەيز قالايمىقانلىشىدۇ، قان يېتىشمەيدۇ. ئاياللار ئۇزۇن مۇددەت گۆش يېمىگەندە بەدەنگە قوبۇل قىلىنىدىغان ماينىڭ مىقدارى بەك ئاز بولىدىغان بولغاچقا، ئانىلىق ھورمونىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى بەك ئازىيىپ كېتىپ، جىنسىي ھەۋەس ۋە تۇغۇش ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەم ئاسانلا قورۇق چۈشۈپ قېرىشى تېزلىشىپ كېتىدۇ.
  3. ئۇزۇن مۇددەت گۆش يېمىگەندە كالىتسىي يېتىشمەيدۇ
  گۆش يېمەسلىك تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق كېسىلى ۋە كالتسىي كەملىكنى پەيدا قىلىدۇ. كۆكتاتلارنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىشمۇ ساغلاملىققا زىيانلىق بولىدۇ، مەسىلەن پالەك، يېسىۋىلەك، كەرەپشە ۋە پەمىدۇر قاتارلىقلاردىكى چۆپ كىسلاتاسى ناھايىتى مول بولۇپ، باشقا يېمەكلىكلەردىكى كالتسىيلار بىلەن بىرلىشىپ ئاسانلا كالتسىي ئوكسالات تېشىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ، مانا بۇ كۆكتاتنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان ئاياللاردا ئاسانلا تاش پەيدا بولۇپ قالىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر.
           تۇرپان شەھەر چاتقال يېزا قاراخوجاكارىز مەكتەپتىن كېرەمجان ئىبراھىم تەييارلىغان

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر