جۇڭگو ئاخبارات تورى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى، رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنا پايتەختى كېيىۋ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىنىڭ ئېلان قىلىپ دېيىشىچە، ھەپتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنىدىكى كېيىۋ مەركىزىدىكى تازىلاشتا 30 ئادەم دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان، بۇنىڭ ئىچىدە 15 ئادەم دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالاشنى قوبۇل قىلغان، دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، دوختۇرخانىغا كىرگەنلەرنىڭ ئارىسىدا نامايىشچىلار ۋە ساقچىلارمۇ بار ئىكەن.
ھەپتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى قانۇن يۈرگۈزۈش خادىملىرى كېيىۋنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىدا نامايىشچىلارنى چېكىندۈرگەن، ئاممىۋى ئىشلار خادىملىرى نامايىشچىلارنى چىقىرىپ تاشلىغان. شۇنىڭ بىلەن تەڭ ساقچى تەرەپنىڭ كۆرسىتىشىچە، ساقچى تەرەپ ھېچقانداق بىر ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىگەن.
خەۋەرلەردە : «12-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەتىگەن، جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى 30 بىمارنىڭ دوختۇرخانىغا كىرمەكچى بولغان تەلىپىنى قوبۇل قىلدى. نۆۋەتتە 15 ئادەم دوختۇرخانىغا كىرىپ داۋالىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە ئادەم نامايىشچى، توققۇز ئادەم بولسا ساقچى خادىملىرى. ئۇلارنىڭ دوختۇرخانىغا كىرىش سەۋەبى بولسا ئېڭەك سۆڭىكى سۇنۇش، قوۋۇرغا سۆڭىكى سۇنۇش، بېشى يېرىلىش ۋە ئومۇرتقىسى زەخىملىنىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت» دەپ كۆرسەتكەن.