پۇتىن 10-دېكابر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتناشقاندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گېنراللار بۇ قېتىمقى شىمالىي قۇتۇپقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان
بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 12-دېكابر خەۋىرى: رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 12-ئاينىڭ 10-كۈنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىگە كۆرسەتمە بېرىپ، رۇسىيەنىڭ شىمالىي قۇتۇپتىكى ھەربىي مەۋجۇتلىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت مەنپەئەتى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان. بىر كۈن ئىلگىرى، كانادا ئەمەلدارى شىمالى قۇتۇپ نۇقتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ زېمىنگە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى جاكارلايدىغانلىقىنى دەلىللىگەن.
پۇتىن 10-دېكابر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتناشقاندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گېنراللار بۇ قېتىمقى شىمالىي قۇتۇپقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. پۇتىن:«كېلەر يىلى، بىز چوقۇم شىمالىي قۇتۇپ رايونىدا يېڭى قىسىم ۋە ھەربىي تارماقلارنى تەشكىللەش خىزمىتىنى تاماملىشىمىز كېرەك» دېگەن.
پۇتىننىڭ دېيىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ شىمالىي قۇتۇپتىكى ھەربىي مەۋجۇتلىقىدا قىسقا مەزگىل كەمچىللىك كۆرۈلگەن، ھازىر ئېچىش كەلگۈسى پارلاق بۇ رايوننى ئېچىشقا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىش كېرەك ئىكەن.
پىلانغا ئاساسەن، رۇسىيە ياقۇت جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىدىكى بازارغا يېڭى ھاۋا ئارمىيە بازىسى قۇرۇشقا، غەربىي شىمالدىكى شىمالىي مورسىك پورتىدا ھازىر بار بولغان ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشقا ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى يېڭى سىبىرىيە تاقىم ئاراللىرىغا جايلاشقان ھەربىي بازىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارلانغان.