[جۇڭگۇ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگىراممىسى] : ئالدىنقى ھەپتدىن بۇيان، ئارگىنتىنانىڭ 17 ئۆلكىسىدە دۇكان، تاللا بازارلىرىنى تالان-تاراج قىلىش ۋەقەلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بىرىپ، 10-چېسلا كەچكە قەدەر، ۋەقەدە ئاز بولغاندىمۇ يەتتە ئادەم ئۆلگەن. ئارگىنتىنا ھۆكۈمىتى تەرتىپ ساقلاش ئۈچۈن ھەرقايسى جايلارغا ژاندارما قىسىملىرىنى ئەۋەتكەن.
ئارگىنتىنا « بۇئىنۇس-ئايرىس باشلامچى گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلشىچە، ئارگىنتىنا پرېزدېنتى كىرىستىنا شۇ جاي ۋاقتى 10-دېكابىر بۇ قېتىم كۆتۈرۈلگەن تالان-تاراج قىلىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇ ئارگىنتىنالىقلارغا ھاقارەت ئېلىپ كەلدى دېگەن، ھەمدە ئاشۇ زوراۋان ۋە ۋەھىمە پەيدا قىلىش قەستىدە بولىۋاتقان كىشلەرگە دېموكراتىيە ئارقىلىق قارشى تۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلغان.
ئارگىنتىنا ئامېرىكا قىتئەسى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالدىنقى ھەپتىدىن باشلاپ ، ئارگىنتىنانىڭ روسالىئو ۋە كورداۋا شەھەرلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن توپىلاڭچىلارنىڭ تاللا بازارلىرى ۋە ماگىزىنلارنى تالان-تاراج قىلىشىدەك قەبىھ ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۆلۈم-يىتىم پەيدا قىلغان. كورداۋا شەھىرىدىكى قالايمىقانچىلىق، مەزكۇر رايوندىكى ساقچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ ئىش تاشلىشى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولۇپ، قىسمەن قاراقچىلار« ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرىنىڭ يوق بولۇشى»دىن پايدىلىنىپ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغان. قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن كورداۋا شەھرىدىكى ئاممىۋى قاتناش توختىغان، كۆپ ساندىكى ئالىي مەكتەپ، ئاممىۋى ئەسلىھەلەر، ماگزىنلار تاقالغان. شۇ يەرلىك ئەمەلدارلا مەركىزى ھۆكۈمەتتىن جىددى ھالدا 2000 ژاندارما يۆتكەپ كېلىپ ئامانلىق ساقلاشقا ياردەم بىرىشنى تەلەپ قىلغان.
كورداۋادىكى قالايمىقانچىلىق ناھايتتى تېزلا ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە كىڭەيگەن. 10-چېسلاغا قەدەر، ئارگىنتىنادىكى 17 ئۆلكىدە بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن، كۆپ قىسىم تاللا بازارلىرى زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىجارەت توختاتقان. نۆۋەتتە ئارگىنتىنا ھۆكۈمىتى تەرتىپ ساقلاش ئۈچۈن 10 مىڭدىن ئارتۇق ژاندارمىلارنى ھەرقايسى جايلارغا ئەۋەتكەن.
مەلۇماتلاغا قارىغاندا، جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار، جۇڭگولۇق سودىگەرلىرى شۇغۇللىنىۋاتقان تاللا بازىرى پارچە سېتىش كەسپى ئارگىنتىنا بازارلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسىمنى ئىگەللەيدىغان بولۇپ ، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ۋە تالان-تاراج قىلىش ۋەقەلىرى شۇ جايدىكى قىسمەن جۇڭگولۇقلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. بىر تاللا بازىرىنىڭ جۇڭگولۇق خوجايىنى بۇلاڭچىلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەچكە قازا قىلغان.
ئارگىنتىنادىكى زوراۋانلار تېخى فىيىسبۇگ ئىجتىمائى تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، «20-چېسلا تاللا بازارلىرىنى تالان-تاراج قىلىش» قا چاقىرغان .
جۇڭگونىڭ ئارگىنتىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى يېقىندا «جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلارنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشى» تارقاتقان بولۇپ، كەڭ جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلارنى بىخەتەرلىكىگە قاتتىق دىققەت قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئامانلىق ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، خېيىم-خەتەردىن ساقلىنىش تۇنۇشۇنى ھەقىقىي تۈردە ئۆستۈرۈپ، شۇ جايدىكى ساقچى تەرەپ بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ، خەتەردىن يىراق تۇرۇپ، بالا-قازانىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەسكەرتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ ئارگىنتىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانسى ئارگىنتىنانىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلشىپ، يەرلىك ساقچىلانىڭ تىرىشىپ جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مال مۈلكىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يىل ئاخىرى ئارگىنتىنا ئامانلىق ساقلاش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپ يۈز بىرىدىغان مەزگىلىگە ئايلانغان بولۇپ، بۇلاڭچىلىق ، تالان-تاراج قىلىش ۋەقەلىرى پات-پات يۈز بىرىپ تۇرغان، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئارگىنتىنا ئىقتىسادىنىڭ كاساتلىششى ۋە مال پۇل پاخاللىششىنىڭ كۈچىيىشىنى تەسىرىدە، بىر قىسىم ئامما نازارى بولۇپ، يېڭى يىل، بايرام مەزگىللىرىدە ، تېخىمۇ كۆپ بۇلاڭچىلىق ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.