يېڭى يىل كىرگەندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىراققا ياردەم بېرىش ئۆمىكى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، 2013-يىلى ئىراقتا جەمئىي 8868 ئادەم تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ۋە زوراۋانلىق توقۇنۇشلاردا قازا قىلدى، بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئادەم ئەڭ كۆپ قازا قىلغان يىل بولدى، دېدى.
ھازىرقى ئىراق دىموكراتىك جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئامېرىكا ئىككى يىل بۇرۇن ئىراقتىن بارلىق ئۇرۇش قىلىش قىسمىنى چېكىندۈرگەن. ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتقان ھۇجۇم ۋە توقۇنۇشلارغا قارىتا ئامېرىكا ئىنكاس قايتۇرۇپ ئىراقنى تېخىمۇ كۆپ قورال بىلەن تەمىنلەيمىز، دېدى. ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «مۇداپىئە ئىشلىرى ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ 2013-يىلى 29-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ئىراققا AGM-114 تىپلىق دوزاق ئوتى ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن 75نى بەرگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن. بۇندىن ئىلگىرى، ئامېرىكىدا چىقىدىغان نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى خەۋەر بېرىپ، ئىنسىتۇ ئاۋىياتسىيە شىركىتى بوئىن چارلىغۇچى بۈركۈت ناملىق 10 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى 2014-يىلى 3-ئايدىن بۇرۇن ئىراققا تاپشۇرۇدۇ، بۇندىن باشقا RQ-11 تىپلىق قاغا ناملىق 46 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى 2014-يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تاپشۇرۇدۇ، دېگەن.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا دۇنيادىكى ھەربىي قورال ياراق سودىسىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ كەلگەن. سىتوكھولىم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ سانلىق ئۇچۇرىدىن كۆرسىتىلىشچە، 2013-يىلى دۇنيادىكى 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق قورال ياراق سودىسىنىڭ 3 1 قىسمىنى ئامېرىكا ئىگەللىگەن، بۇ 4 يىل بۇرۇنقى 4 1 قىسىمدىن خېلىلا يۇقىرى بولغان. 2009-يىلى ئوباما تەختكە چىققاندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى قورال ياراق سودىسى خېلىلا كۆپەيگەن. ئامېرىكىنىڭ قورال ياراق سودىسىدىكى كىرىمى 2009-يىلدىكى 6 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 2012-يىلى 8 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكىغا كۆپىيىپ، %26 ئاشقان.
ئامېرىكا ئېكسپورت قىلغان قوراللارنىڭ، كۆپ قىسمىنى ئوتتۇرا شەرققە چىقارغان. 2013-يىلى، سەئۇدى ئەرەبىستانىلا ئامېرىكا بىلەن 6 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قورال ياراق سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىغان. 2011-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانى ئامېرىكىدىن يېڭىدىن ياسالغان F-15SA تىپلىق كۆرەشچى ئايروپىلاندىن 80نى، قايتا يېڭىلانغان مۇشۇ تىپتىكى ئاپروپىلاندىن 70نى سېتىۋالغان، بۇنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 29 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
ئوتتۇرا شەرققە تېخىمۇ كۆپ قورال ئېكسپورت قىلىشنىڭ مەقسىتى ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ خەلقئارالىق بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا ياردەم بېرىش. ئەلۋەتتە بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سۆزى. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ سۆزى بويىچە، بۇنىڭ ئارقىسىدىكى ھەربىي سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى كىشىنى خوشال قىلىدىغان قوشۇمچە مەھسۇلاتلا خالاس.
تېخىمۇ كۆپ قورال زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ تېخىمۇ كۆپ قورال تېخىمۇ كۆپ ئۆلۈم يېتىم دېگەنلىك، تېخىمۇ كۆپ ئۆلۈم يېتىم تېخىمۇ كۆپ ئۆچمەنلىك دېگەنلىك، تېخىمۇ كۆپ ئۆچمەنلىك بولسا تېخىمۇ خەتەرلىك دۇنيا دېگەنلىك. ئوتتۇرا شەرقتىن ئىبارەت قالايمىقانچىلىق كۆپ يۈز بېرىدىغان بۇ رايونغا نىسبەتەن، تېخىمۇ كۆپ قورال ياراق كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدۇ.
ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئوتتۇرا شەرققە تېخىمۇ كۆپ قورال ئېكسپورت قىلىش تېخىمۇ كۆپ خەتەردىن دېرەك بېرىدۇ. بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزۇندىن بېرى يۈرگۈزۈپ كەلگەن زومىگەرلىك سىياسىتى يېقىنقى يىللاردا ئەكىس تەسىر كۆرسەتتى. ئاتالمىش ئەرەب باھىرىدىن كېيىن، ئامېرىكىغا قارشى كەيپىيات بۇ رايوندا كۈچىيىپ كەتتى. ئۇزۇن يىللار يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ئىسلام سىياسىي كۈچلىرى قايتىدىن سىياسىي سەھنىنىڭ مەركىزىگە كىردى. بۇمۇ ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىگە ھەربىي ياردەم بېرىشنى خالىمىغانلىقىنىڭ مۇھىم سەۋبى.
بۇندىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىر كۈچىنىڭ ئاجىزلىشى ۋە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن قۇتۇلۇش خايىشى ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. بىر قىسىم ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئامېرىكىغا بويىسۇنماسلىق مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردە تۇتۇتۇپ، ئوتتۇرا شەرققە ئېكسپورت قىلغان قوراللارنىڭ ئۆزىگە كولىغان ئورا بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدى.
ئادەتتىكى ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ نەزىرىدە، ھازىرقى دۇنيا تېخىمۇ خەتەرلىك بولۇپ كەتتى. ئەڭ يېڭى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، 2014-يىلى، ئامېرىكا پۇقرالىرى پارتلاش مۇمكىنچىلىكى بولغان توقۇنۇشلاردىن ئەندىشە قىلغان. ئوتتۇرا شەرقكە تېخىمۇ كۆپ قورال سېتىش بۇ رايوننى تېخىمۇ قالايمىقان قىلىۋېتىدۇ، دۇنيا تېخىمۇ خەتەرلىك بولۇپ كېتىدۇ.