خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئۇيغۇرچە تىل ئوقۇتۇشىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا

0 2014-01-06 16:09:08   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   muyesser
T|T:خەت رەزمىرى

  ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلەپ، مىللەتلەر ئۆزئارا باراۋەر بولغان، گۈزەل ۋە باي ماكان قۇرۇپ چىقىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ھەرقايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا تىل ئۆگىنىش دەۋر تەرەققىياتىنىڭ تەقەززاسىغا ئايلاندى. بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەردە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى مۇھىم كەسىپلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇلۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
  بىرىنچى، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇشىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر
  1) تاۋۇشلارنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش جەھەتتىكى ئوقۇتۇش يېتەرلىك بولماسلىق. بۇ ئاساسلىقى «ق - ك، ق - غ، ر - ل، ن - ڭ، خ - ھ، ن - ل، ئۈ - ئۆ، ئى - ي، ي - ھ، ن - م، ئې - ئى» قاتارلىق تاۋۇشلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇش، تەلەپپۇر قىلىشتا قىينىلىش جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، قارا - كالا، قارا - قاغا، ئون - ئوڭ، ئىراق - يىراق، يامان - ھامان، نان - نام، تېز- تىز قاتارلىقلار.
  2) سۆزلەزنىڭ ياسىلىش قائىدىلىرىنى ئوقۇتۇش تەلەپكە لايىق بولماسلىق. ئۇيغۇرچە تىل تۈزلىنىشكە ئەڭ باي تىللارنىڭ بىرى، مۇستەقىل سۆزلەرنىڭ ھەممىسى باشقا قوشۇمچىلار بىلەن تۈرلىنىپ كېلىشى ناتايىن. بولۇپمۇ ئىسىم بىلەن پېئىللارنىڭ تۈرلىنىشى بىرقەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇيغۇرچە تىلنى ئۆگەنگۈچىلەر بۇ قوشۇمچىلارنى ئۆگەنگەندە ئاسانلا ئارىلاشتۇرۇپ قويۇش ياكى ئەستە تۇتالماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: «مېنىڭ ئاكا دوختۇر»، «مەن تاماق يەيدۇ»، «سەن تاماق يېدىمۇ»، دېگەندەك كەمتۈك جۈملىلەرنىڭ كۆپ ئۇچرىشى ئۇيغۇرچە تىلنى ئۆگىنىۋاتقان خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلىنىشكە ئالاقىدار نەزەرىيەلەرنى ئىگىلەشتە قىينىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
  3) مورفولوگىيەلىك تۈرلىنىش جەھەتتىكى ئوقۇتۇش تەلەپكە لايىق بولماسلىق. خەنزۇ تىلىدا سۆز بىلەن سۆز ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت سۆزلەرنىڭ ئىلگىرى - كېيىنلىك تەرتىپى ۋە ياردەمچى سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئەمما، ئۇيغۇرچە تىلغا ئوخشاش مورفولوگىيەلىك تۈرلىنىشكە باي تىللاردا سۆز بىلەن سۆز ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۆپىنچە سۆزنىڭ مورفولوگىيەلىك تۈرلىنىشى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: »مېنىڭ دادام دوختۇرخانىدا ئىشلەيدۇ« دېگەن جۈملىدە كېلىش، شەخس، زامان قوشۇمچىلىرى تەڭلا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ئوقۇغۇچىلار بۇنداق جۈملىلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلالمايدۇ ۋە توغرا ئىشلىتەلمەيدۇ.
  4) ئۇيغۇرچە تىلدىكى زامان قوشۇمچىلىرىنى توغرا ئىشلىتەلمەسلىك. ئۇيغۇرچە تىلدىمۇ خەنزۇچە تىلغا ئوخشاش ئۆتكەن زامان، ھازىرقى زامان ۋە كەلگۈسى زاماندىن ئىبارەت ئۈچ زامان كاتېگورىيەسى بار بولۇپ، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىر قىسىم ئىش - ھەرىكەتلەرنى ئۇيغۇرچە تىلدا ئىپادىلىگەندە قايسى زامان تۈرى بىلەن ئىپادىلەشنى بىلەلمەي قالىدۇ. مەسىلەن: «ئۇ تاماق يېدى»، «»ئۇ تاماق يەيدۇ»، «»ئۇ تاماق يەۋاتىدۇ» دېگەندەك بىر قىسىم ئاددىي جۈملىلەرنى سۆزلىگەندە كۆپىنچە ھاللاردا زامان كاتېگورىيەسىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
  5) سۆزلەرنى تۈرلەرگە توغرا ئايرىيالماسلىق. ئۇيغۇرچە تىلدىكى سۆزلەر ئاساسەن گىرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تۈرلەرگە ئايرىلغان بولۇپ، ئوخشاش بىر تۈركۈمدىكى سۆزلەرنىڭ گىرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكىمۇ ئوخشاش بولىدۇ. مەسىلەن: ئىسىملار سان، كېلىش، شەخسلەر بىلەن تۈرلىنىپ، جۈملىدە ھەر خىل تەركىب بولۇپ كېلىدۇ. بۇ ئۇيغۇرچە تىل لېكسىكىسىنى ئۆگىنىشتە بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار بۇ جەھەتتىكى ئوقۇتۇشقا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن، ئوقۇغۇچىلاردا ئىسىمغا پېئىلنىڭ قوشۇمچىسىنى، پېئىلغا ئىسىمنىڭ قوشۇمچىسىنى قوشۇۋېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
  ئىككىنچى، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇشنى كۈچەيتىشتە قوللىنىلىدىغان تەدبىرلەر
  ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ تىل ئۆگىنىشى ئالاقە ئۈچۈن بولىدۇ. شۇڭا، ھەرقانداق بىر تىل ئوقۇتۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى بىردىنبىر ۋەزىپىسى قىلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار تىلنى توغرا ئىپادىلىيەلمىسە، ئىپادىلەش ئۈنۈمىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشىدا تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك:
  1) ئالدى بىلەن ئۇيغۇرچە تىلنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدىكى تەربىيەنى كۈچەيتىش كېرەك. تەربىيە ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوقۇغۇچىلارغا تولۇق چۈشەندۈرۈش كېرەك. قوش تىللىق ئوقۇتۇش شىنجاڭغا ئوخشاش ئېلىمىزدىكى كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا قوش تىللاشقان ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر تۈرلۈك تەلىم - تەربىيە پائالىيىتى بولۇپ، خەنزۇلارغا قارىتىلغان ئۇيغۇرچە تىل ئوقۇتۇشىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. شۇڭا، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە خەنزۇچە تىلنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىكى تەربىيەنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، يەنە خەنزۇلارغىمۇ ئۇيغۇرچە تىل ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىشتە قوش تىللىق بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھەقىقىي تونۇتۇش كېرەك.
  2) ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىشتىن ئىبارەت تۆت ئاساسىي ماھارەتنى يېتىلدۈرۈشكە ئورتاق ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، مەلۇم ئوقۇش باسقۇچىدا مەلۇم بىر ماھارەتنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش ئىككىنچى تىل ئۆگىنىشتىكى ئىگىلەشكە تېگىشلىك تۆت ئاساسىي ماھارەتتۇر. خەنزۇلارغا قارىتىلغان ئۇيغۇرچە تىل ئوقۇتۇشى مۇشۇ تۆت ئاساسىي ماھارەت مەشقىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. ئۇيغۇرچە تىل ئوقۇتۇشىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئاڭلاش بىلەن سۆزلەشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئوقۇش بىلەن يېزىشنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. بۇ باسقۇچتىكى ئوقۇش بىلەن ئاڭلاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ھەرپلەرنى توغرا قوشۇپ ئوقۇش بىلەن توغرا يېزىشقا قارىتىش كېرەك.
  3) سۆز ياساش قانۇنىيەتلىرىنى سۆزلەشتە ئوقۇتۇش مېتودىنى جانلىقلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. سۆز ياساش ئۇسۇلى تېخىمۇ كۆپ سۆزلەرنى ئۆگىنىۋېلىشتىكى «يېقىن يول» بولۇپ، تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان سۆز - جۈملىلەرنى مىسال قىلىش قاتارلىق ئوقۇتۇش مېتودىنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلەرنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
  4) كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەش كېرەك. تىلنى ياخشى ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى كىتاب ئوقۇشتىن ئىبارەت. كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق تىل ئۆگەنگۈچىنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى، يېڭى سۆز، ئىدىيوم، ماقال - تەمسىللەرنى ئۆگىنىشكە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ. شۇڭا، تىل ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى كىتابلارنى ئوقۇشقا ھەم تەسىراتىنى كۈندىلىك خاتىرە شەكلىدە يېزىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، شۇنداقلا سىنىپتا سۆزلىتىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
  5) مۇقىم پىراكتىكا بازىسى تەسىس قىلىپ، تىل مۇھىتىنى ياخشىلاش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەر بۇ جەھەتتە خېلى ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، ياخشى تىل مۇھىتىنى يارىتىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىپادىلەش، سۆزلەش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. مەكتەپ ئۇيغۇرچە تىل ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنى دەرسخانىدىلا ئوقۇتۇشنى ئاساس قىلىۋالماستىن، بەلكى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر، خوتەن، ياكى ئۈرۈمچى رايونىغا يېقىنراق بولغان توقسۇن، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا مۇقىم پىراكتىكا بازىسىنى تەسىس قىلىپ، تىل مۇھىتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە تىلنى ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.
  ئومۇمەن، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئۇيغۇرچە تىل ئوقۇتۇشى ئاپتوتوم رايونىمىزنىڭ قوش تىللىق ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇيغۇرچە تىل ئوقۇتۇشىدىمۇ خېلى كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرچە تىل دەرسىنى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپ، ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ھەل قىلىش تەدبىرلىرى ھەققىدە ئىزدىنىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ھالدا يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
      پايدىلانمىلار:
      [1] «يۈلىن ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»[J]، خەنزۇچە، 2009 - يىللىق 1 - سان

      [2] «شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»[J]، خەنزۇچە، 2009 - يىللىق 4 - سان

      [3] «تىل ۋە تەرجىمە» [J]، ئۇيغۇرچە، 2011 - يىللىق 4 - سان

      [4] «تىل ۋە تەرجىمە»  [J]، ئۇيغۇرچە، 2009 - يىللىق 4 - سان

      [5] «تىل ۋە تەرجىمە»  [J]، ئۇيغۇرچە، 2006 - يىللىق 2 - سان

                 ئاپتورى: زۇلپىيە شەرىپى
               (شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى قوش تىل شۆبە ئىنستىتۇتى، 830000)

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر