ئۆسمە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى سۈت بېزىنى ئەڭ ياخشىسى ھەيز توختاپ بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن تەكشۈرتۈش، تەكشۈرتۈشتىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن قەھۋە ئىچمەسلىك كېرەك. چۈنكى، قەھۋەنىڭ تەركىبىدىكى ماددىلار ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ ئاجرىلىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، دىياگنوزنىڭ توغرىلىقىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى . ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە تېرە سىلىقلىغۇچى مەلھەم مايلارنى سۈرتمەسلىك كېرەك، بۇنداق قىلىشمۇ تەكشۈرۈش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.