ئەگەر گېلىڭىز ئاغرىسا قاتكۆك قايناتمىسى ئىچىڭ، چۈنكى قاتكۆكنىڭ باكتېرىيەگە قارشى ياللۇغ قايتۇرۇش رولى بار؛ ئەگەر زۇكام بولۇپ قالسىڭىز، يەنىلا قاتكۆك قايناتمىسى ئىچىڭ، چۈنكى ۋىتامىن C زۇكامنى پەسەيتىپ، چارچاشنى يوقىتىدۇ.
بىر ئادەم كۈنىگە ئىككى، ئۈچ قۇلاق قاتكۆك يەپ بەرسە، بىر كۈندە ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن C نىڭ %50 ى تولۇقلىنىدۇ. قاتكۆكنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن A، كالتىسي ۋە فوسفور مول بولۇپ، سۆڭەكنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قاتكۆكتىكى لىنزىن ۋە ترىپتوپاننىڭ بالىلارنىڭ يېتىلىشىدە ۋە ياشانغانلارنىڭ دېۋەڭلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ناھايتى ياخشى رولى بار.
قاتكۆكنى خام يېيىشكىمۇ، قورۇپ يېيىشكىمۇ بولىدۇ، قورۇغاندا ئەڭ ياخشىسى زەيتۇن يېغىدا قورۇش كېرەك. چۈنكى قاتكۆكنىڭ تەركىبىدىكى ھەر خىل ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار بۇ خىل ياغنىڭ ياردىمىدە بەدەنگە تولۇق ھەزىم بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، قاتكۆك تەركىبىدە سۇلفىد بولغاچقا، قاتكۆكنى قورۇغاندا ھەم قايناتقاندا، قازاننىڭ تۇۋىقىنى ياپماسلىق كېرەك.