تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، قىزىق چاي ئىچىشنىڭ قىزىلئۆڭگەچ راكى بىلەن ناھايىتى چوڭ مۇناسىۋىتى بار ئىكەن، چاي تېمپىراتۇرىسى ℃45~℃18 قىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدىكەن.
قىزىق سۇ چىشنىڭ ئىمال ماددىسىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كېكىردەك، ھەزىم قىلىش يولى، ئاشقازان پەردىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. قىش پەسلىدىمۇ سۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى ℃50 تىن يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەككەن. سوغۇقتىن قورقىدىغانلار زەنجىۋىل ۋە لازا قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يەپ بەدەندىكى ئىسسىقلىقنى ساقلىسا بولىدىكەن.