ئاپتوموبىل ھەيدىگەن چاغدىكى ئەڭ توغرا بەدەن قىياپىتى: بەدەن ئالدىغا 30~20 گىرادۇس ئەتراپىدا ئېگىلسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىكەن، بۇنداق بولغاندا بويۇن ۋە پۇت چارچاشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە چارچاشنى يېنىكلەتكىلى بولىدىكەن.
پىيادە يول يۈرگەن چاغدىكى ئەڭ ياخشى بەدەن قىياپىتى: كىچىك قەدەمدە تېز مېڭىش. كىچىك قەدەمدە تېز ماڭغاندا مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكەت قېتىم سانى ئېشىپ، پۇت - پاچاق مۇسكۇللىرى ساغلام تەرەققىي قىلىپلا قالماي، يەنە پۇت قىسمىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
دورا ئىچكەن چاغدىكى ئەڭ توغرا بەدەن قىياپىتى: ئۆرە تۇرۇپ ئىچىش. ئولتۇرۇپ ياكى يېتىپ دورا ئىچكەندە، دورا ھەزىم قىلىش يولىغا ناھايىتى ئوڭايلا چاپلىشىپ قالىدىكەن - دە، ئانچە ياخشى سۈمۈرۈلمەيلا قالماي، يەنە زىيانلىق غىدىقلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .
ئۇخلىغان چاغدىكى ئەڭ توغرا بەدەن قىياپىتى: ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ يېتىش. بۇنداق يېتىش قاننىڭ جىگەرگە بېرىشىگە پايدىلىق بولۇپ، ئۆپكە ۋە يۈرەكنىڭ بېسىمىنى يېنىكلەتكىلى بولىدىكەن ھەم قاننىڭ راۋان ئايلىنىشىغا پايدىلىق ئىكەن.