سۆگەت شېخى: كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاغرىقنى توختىتىدۇ. ئىششىقنى ياندۇرۇپ، سىفلىس قاتارلىق ھەر خىل جىنسىي كېسەللىكلەرگە، يۇقۇملۇق جىگەر يەللىكى، ئاستا خاراكتېرلىك كاناي يەللىكى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا قىلىدۇ. ئۇ كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا 120 گىرام سۆگەت شېخىنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، كۈندە 1 قېتىمدىن 10 كۈننى 1 داۋالاش باسقۇچى قىلىپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. سۆگەت شېخىغا يەنە شېكەر سېلىپ قاينىتىپ قىيام قىلىپ ئىچىپ بەرگەندە، ئارتېرىيە قېتىش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكىگە شىپا قىلىدۇ.
سۆگەت يوپۇرمىقى: سۆگەت يوپۇرمىقىغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، چېچەكنىڭ سىرتقا تېپىشىنى تېزلىتىدۇ. سىفلىس، چىش ئاغرىقى، سۈت بېزى يەللىكى قاتارلىقلارغىمۇ داۋا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە سۆگەت يوپۇرمىقىدىن مەلھەم ياساپ كۆيگەن ئورۇنغا سۈرۈپ بەرسە، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. سۆگەتنىڭ يۇمران يوپۇرمىقىدىن پايدىلىنىپ، بوغۇز ئىششىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ.
سۆگەت قوۋزىقى: ئىششىقنى ياندۇرۇپ، ئاغرىقنى توختىتىدۇ. قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە سېرىقلىق كېسىلى ۋە ھەر خىل جاھىل خاراكتېرلىك جىنسىي كېسەللىكلەرگە داۋا قىلىدۇ. سۆگەت قوۋزىقىنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى كۈيۈك ئورنىغا سېپىپ بەرسە تېز مەنپەئەت قىلىدۇ.
سۆگەت گۈلى: سۆگەت گۈلىنى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا، سېرىقلىق كېسىلىگە شىپا قىلىدۇ. سۆگەت گۈلىنى يۇمشاق ئېزىپ كۈنىگە 6 گىرامدىن ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، يۆتىلىپ قان تۈكۈرۈش، قانلىق تەرەت، ئاياللاردىكى ھەيز توختاپ قېلىش قاتارلىقلارغا شىپا قىلىدۇ.
سۆگەت يىلتىزى: سۇلۇق ئىششىق، سىفلىس، سېرىقلىق، رېماتىزم مەنبەلىك سۆڭەك ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى ۋە ھەر خىل كۆيۈكلەرنى داۋالايدىغان ئىنتايىن ياخشى دورا ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.