ئەرلەر تومۇز كۈنلىرى ئەرلىكىنى ئاسراشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پىروفېسسورى ياڭ لى مۇنداق دېدى: كىشىلەر تومۇز ئىسسىق كۈنلىرى گازىر چاقسا ياخشى.
ئاپتاپپەرەس قۇياشقا بېقىپ، قۇياشتىن نۇرغۇن ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىدۇ، كالتىسىي تولۇقلاپ، يىلىكنى قۇۋۋەتلەيدۇ. تەبىئەت ۋە ئادەمنىڭ كەيپىياتى تومۇز كۈنلىرى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. بۇ ۋاقىت بەدەننى تەڭشەيدىغان، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان ئەڭ ياخشى مەزگىلدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، گازىرنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ۋىتامىنE ۋە ئادەم تېنى ئىھتىياجلىق بولغان تويۇنمىغان ياغ كىسلاتىسى مول. بۇ ماددىلار خىروسترولنى تۆۋەنلىتىدۇ، يۈرەك قان تومۇرىنى ساغلاملاشتۇرىدۇ.
تومۇز كۈنى تېنى ئاجىزراق كىشىلەر، يەنى پۇت - قولى توڭلايدىغان، روھسىز، چىرايى تاتىراڭغۇ، تىلى ئاق، سۇس كەلگەنلەر ساغلاملىقنى ئاشۇرىدىغان ئەڭ ياخشى مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. پىروفېسسور ياڭ لىنىڭ ئېيتىشىچە، يىلان بېلىق شورپىسى، توخۇ شورپىسى ۋە كەپتەر شورپىسى ياكى 10 گىرام قۇرۇق زەنجىۋىلنى قاينىتىپ ئىچسە بولىدىكەن. بۇ، مىجەزنى ياخشىلاپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەشنىڭ ياخشى چارىسىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كەرەپشە ، قوي گۆشى قاتارلىقلارمۇ بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان ياخشى يېمەكلىك بولۇپ، تېنى ئاجىز كىشىلەر دەل تومۇز كۈنلىرىدە يېسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدىكەن.