تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، پىكاپنىڭ ئىچىدىكى ئورۇندۇق، گىلەم ياپقۇچ، تۇتقۇچ، مەشغۇلات سۇپىسى، تۇرۇس قاپلىغۇچى، توك سىمى رېزىنكە قاپلىغۇچ، پالاز ھەم ئۇششاق زاپچاسلار ۋە يىلىم قاتارلىقلار فورمالدېھىد، فېنىل، مېتىل بېنزول، ئاتسېتون قاتارلىق زىيانلىق گازلارنى قويۇپ بېرىدىكەن.
پىكاپنىڭ ئىچىدىكى زىيانلىق بىرىكمىلەرنىڭ مىقدارى ئۆي سايمانلىرى ۋە ئىشخانىدىكى سايمانلار چىقارغان زىيانلىق بىرىكمىلەر مىقدارىنىڭ 10 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن. يېڭى ئاپتوموبىل زاۋۇتتىن چىققاندىن كېيىن پىكاپنىڭ ئىچىدىكى زىيانلىق گازنىڭ تەسىرى يېرىم يىلدىمۇ يوقىمايدىكەن.
پىكاپنىڭ ئىچىدىكى ماتېرىياللارنىڭ زىيانلىق گاز قويۇپ بېرىشى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ كۈچىيىدىكەن، تېمپېراتۇرا℃10 ئۆرلىسە، بۇلغىمىنىڭ قويۇقلۇقى 1 ھەسسە ئاشىدىكەن، تومۇز ئىسسىقتا ئۇزۇن يىل ھەيدىگەن ئاپتوموبىللاردىن چىقىدىغان زىيانلىق گازنىڭ قويۇقلۇقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىكەن، بۇ ئەھۋال يازدا پىكاپ ئىچى ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئايلانما سۈزگۈچ سىستېمىسى ئاسانلا كانا، كۆكەرتكۈچى باكتېرىيە، ئامىن، نىكوتىن قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىپ، پىكاپنىڭ ئىچىدىكى ھاۋانى تېخىمۇ بۇلغايدىكەن. شۇڭا، پىكاپنى توختىتىپ قويغاندا ياكى ھەيدىگەندە دېرىزىنى كۆپرەك ئېچىپ، پىكاپ ئىچىنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىمكان بار ئاز ئېچىش لازىمكەن. پىكاپنىڭ ئىچىدە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ قويۇپ ئۇخلاپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەككەن. ئۇندىن باشقا، پىكاپنىڭ ئىچىگە ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچنى ئاز چېچىش كېرەككەن، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خىمىيەلىك بىرىكمە بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، بىر خىل بۇلغىما ھېسابلىنىدىكەن.