قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشقا بولمايدىغان چېنىقىش ئۇسۇللىرى

0 2014-01-16 22:22:15   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   muyesser
T|T:خەت رەزمىرى

  1. چوڭقۇر نەپەس ئېلىش
  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلمىي تەتقىقات ۋە كىلىنىكىلىق كۆزىتىش نەتىجىسىدە مۇنداق ئەھۋاللار بايقالدى: يۇقىرى قان بېسىم ۋە يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار زىيادە چوڭقۇر نەپەس ئالسا، يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇرلىرىدا يىگىلەش ئالامىتى كۆرۈلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، جانغا زامىن كېسەللىكلەر، بولۇپمۇ يۈرەك تىقىلمىسى، مېڭىگە قان چۈشۈش ۋە باشقا نۇرغۇن تاسادىپىيلىق ئەنە شۇنداق چوڭقۇر نەپەس ئېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن، شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ: »يۈرەك تومۇرلىرى ۋە مېڭە تومۇرلىرى كېسەللىكىگە، بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى چوڭقۇر نەپەس ئېلىش ماھارىتىنى مەشىق قىلماسلىقى كېرەك«.
  2. ئارقىچىلاپ مېڭىش
  ئارقىچىلاپ مېڭىش ياكى يۈگۈرۈش نورمال ھەرىكەت قىلمايدىغان مۇسكۇللارنى قوزغىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئادەم تېنىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، شۇڭا ياشانغانلار ئەتىگەنلىك مەشىقتە ئارقىچىلاپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق ياشانغانلارنىڭ يۈرەك تومۇرلىرىنىڭ زاپاس ساقلاش ئىقتىدارى ياخشى بولمايدۇ. ئارقىچىلاپ مېڭىش ياكى يۈگۈرۈش بولسا، تومۇرلارغا چۈشىدىغان بېسىمنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بويۇننىڭ يۆنىلىشىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ بويۇن غول تومۇرىنى كۈچلۈك بېسىمغا دۇچار قىلىدۇ، تومۇرنىڭ بوشلۇقىنى تارايتىپ ۋە چوڭ مېڭىگە بارىدىغان قاننىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، ھەتتا بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ يۆلىنىشى ئۆزگەرگەندە ھۇشىدىن كېتىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تاسادىپىي پۇرسەتتە بىرەر قېتىم ئارقىچىلاپ مېڭىش سالامەتلىككە زىيان سالمايدۇ، بىراق دائىم ئارقىچىلاپ مېڭىشتىن ھەزەر ئەيلىگەن ياخشى.
  3. تۇزلۇق سۇ ئىچىش
  فىزىيولوگىيەلىك تەتقىقات نەتىجىسىدە مۇنداق كۆرستىلگەن: »ئادەم ئۇخلىغاندىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا نەپەس ئالىدۇ ۋە تەرلەپ بەدەندىكى نۇرغۇن سۇنى خورىتىدۇ. سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا قان خېلىلا قويۇق ھالەتتە بولىدۇ، مۇنداق ھالەتتە تۇزلۇق سۇ ئىچىش سۇسىزلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ - دە، ئادەم ئېغىزى قۇرۇپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئادەم سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا، قان بېسىمى يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا تۇزلۇق سۇ ئىچىش قان بېسىمىنى تېخىمۇ ئۆرلىتىپ، ساغلاملىققا پايدىسىز ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر قېنى قويۇق، قان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەرگە مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ: «سەھەردە ئورندىن تۇرغاندا سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ ئىچىش ئەڭ توغرا تاللاش، بۇنداق بولغاندا ئاجرىلىپ كەتكەن سۇ تەركىبىنى تولۇقلىغىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە قاننى سۇيۇلدۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ».

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر