كېسەللىك سەۋەبى: بۇ كېسەللىك ئاساسلىقى يەم - خەشەكتە ۋىتامىن D كەمچىل بولۇپ، كالتسىي ۋە فوسفورنىڭ سۈمۈرۈلۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە گەرچە ساغلىقنىڭ سۈتى تەركىبىدىكى ۋىتامىن D قوزىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالىسىمۇ، لېكىن ساغلىقنىڭ سۈتى ۋە يەم - خەشىكىدە كالتسىي ۋە فوسفورنىڭ نىسبىتى مۇۋاپىق بولماسلىق قاتارلىق كۆپ خىل سەۋەبلەردىن ئوزۇقلۇق يىتىشمەي قالسىمۇ، بۇ كېسەللىك پەيدا بولىدۇ.
كېسەللىك ئالامىتى: كېسەللىك ئەھۋالى يېنىكرەك بولسا، قوزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستىلاپ، غەيرىي نەرسىلەرنى يەيدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ ھالسىزلىنىپ يېتىۋالىدۇ، ئورنىدىن تۇرۇشى قىيىنلىشىدۇ، ئاقسايدۇ، دەلدەڭشىيدۇ، بۇغۇم قىسمىنى تۇتسا ئاغرىيدۇ. ئەگەر كېسەللەنگەن ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە، پۇت بوغۇملىرى ئىششىپ، سۆڭىكى ئەگرىلىشىپ، پۇتلىرى سىرتقا كېرىلىپ قالىدۇ. ئاخىرقى مەزگىلگە كەلگەندە قوزا تىزى بىلەن ئۆمىلەپ ماڭىدىغان بولۇپ قالىدۇ، تېنىنىڭ كەينى قىسمىنى كۆتۈرەلمەيدۇ؛ تېخىمۇ ئېغىرلاشقاندا يېتىپ قالىدۇ، نەپسى ۋە يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى:
1. بوغاز ساغلىق ۋە قوزىلىق ساغلىقنى بېقىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ يەم - خەشىكىدىكى ئاقسىل، ۋىتامىن D، كالتسىي ۋە فوسفورنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئەمما شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، كالتسىي بىلەن فوسفورنىڭ نىسبىتى مۇۋاپىق بولۇشقا دىققەت قىلىش ھەمدە يېتەرلىك يېشىل يەم - خەشەك ۋە قۇرۇق ئوت - چۆپ بېرىش، مۇۋاپىق ھەرىكەتلەندۈرۈش، ئاپتاپسىندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
2. قوزىنى تۈجۈپىلەپ بېقىش كېرەك. شارائىت يار بەرسە بېدە، سەۋزە قاتارلىق شىرنىلىك، يېشىل يەم - خەشەكلەرنى كۆپرەك بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە مۇۋاپىق مىقداردا ئاش تۇزى ۋە تۈرلۈك مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلارنىمۇ تولۇقلاش كېرەك.
داۋالاش ئۇسۇللىرى:
1. ۋىتامىن A، ۋىتامىن D ئوكۇلىدىن 3 مىللىلىتىرنى مۇسكۇلغا ئۇرۇش كېرەك.
2. بېلىق مېيىدىن 3 مىللىلىتىرنى ئاغزىغا تېمىتىش ياكى مۇسكۇلغا ئۇرۇش كېرەك.
3. 10% لىك كالتسىي گىلوكونات ئوكۇل سۇيۇقلۇقىدىن 10~5 مىللىلىتىرنى ئۇرۇش كېرەك.