باش قىشتا قويلارنى يايلىتىشتا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

0 2014-01-15 23:01:33   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   muyesser
T|T:خەت رەزمىرى

  1. يايلىتىش ئورنىنى تاللاش  قىشتا قويلارنى يەر ئورنى ئېگىزرەك بولغان تاغ باغرىدىكى ئوتلاقلاردا ياكى تۈزلەڭ تاغلىق رايونلاردا يايلاتسا بولىدۇ. ئىمكانقەدەر ئوت - چۆپلەر ياخشى ئۆسكەن چوڭ جىلغىلاردا يايلىتىپ، قويلارنى ئازراق ماڭدۇرۇپ، كۆپرەك ئوت - چۆپ يېگۈزۈش كېرەك.
  2. يايلىتىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش  قىرو چۈشمىگەن كۈنلىرى بالدۇرراق يايلىتىپ، كەچرەك ياندۇرۇپ كېلىش كېرەك. قىرو چۈشكەندىن كېيىن، قويلارنىڭ قىرو چۈشكەن ئوت - چۆپلەرنى يەپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كېيىنرەك ئېلىپ چىقىپ، كەچرەك قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك.
  3. قوي پادىسى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش كۈزدە قويلار سەمرىپ تېتىكلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا قىشتا قويلارنى قوتانغا كىرگۈزگەندە قىستىلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ يايلاتقاندا قويلارنى ئېرىقتىن ئاتلاتماسلىق، قوغلىماسلىق كېرەك، بولمىسا قويلار ناكا بولۇپ قېلىشى ياكى بوغاز ساغلىق قوزا تاشلىۋېتىشى مۇمكىن. ئوتلاقتا يايلاتقاندا ئاۋۋال ئالدىنقى كۈنى يايلاتقان يەردە يايلىتىۋېتىپ، ئاندىن يېڭى جايدا يايلاتسا بولىدۇ. ئاق قوناق، كۆممىقوناق قاتارلىقلارنىڭ قايتا ئۆسكەن مايسىلىرى زەھەرلىك بولىدۇ. شۇڭا ئاق قوناق، كۆممىقوناق مايسىلىرى قايتا ئۆسكەن ئېتىزلاردا يايلاتماسلىق كېرەك. بۇندىن باشقا، يەنە قويلارغا كۆلچەك، ئورەكلەردە تۇرۇپ قالغان سۇلارنى ئىچۈرمەسلىك كېرەك. بولمىسا، پارازىت قۇرت كېسەللىكلىرى بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر