ھايۋانات ۋاكسىنىلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدىغان دورىلار

0 2014-01-15 22:57:13   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   muyesser
T|T:خەت رەزمىرى

  1. باكتېرىيەگە قارشى دورىلار
  (1) گېنتامىتسىن: گېنتامىتسىن ()چىڭدامېيسۇ 庆大霉素) چۈجىلەرگە ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىنكى كومپلېمېنت سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. توخۇ يېڭىشەھەر ۋاباسى ئاجىز ۋىرۇلېنتلىق ۋاكسىنىسىغا گېنتامىتسىن قوشۇپ، 1 كۈنلۈك چۈجىگە ھورداپ ئەملىسە، ئىممۇنىتېتلىق قوغداش ئۈنۈمى ئاساسىي جەھەتتىن يوقايدۇ.
  (2) دىئاۋېرىدىن: دىئاۋېرىدىن (دىجۈنجىڭ 敌菌净) نىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى چەكلەش رولى گېنتامىتسىن بىلەن ئوخشاش، چەكلەش ئىقتىدارى گېنتامىتسىندىن كۈچلۈك.
  2. پارازىت قۇرتقا قارشى دورىلار
  (1) موننىسىن: موننىسىن (مونېڭجۈنسۇ 莫能菌素) توخۇنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلەيدۇ ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.
  (2) گالومىتسىن: گالومىتسىننىڭ توخۇنىڭ كوكسىد قۇرتىغا قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىگە قارىتا كۈچلۈك چەكلەش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش رولى بار.
  (3) لېۋوئىمدازول: لېۋوئىمدازول (زوشۈەنمىزو 左旋咪唑) نىڭ ھايۋانلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز ۋاقىتتا ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىش رولى بار.
  (4) كېچيۇفېن: كېچيۇفېن (克球粉) نىڭ كوكسىد قۇرتىغا قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىگە قارىتا كۆرۈنەرلىك چەكلەش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش رولى بار.
  3. ئادرېنوكورتىكال ھورمۇنلار
  (1) دېكسامېتازون: دېكسامېتازون (دىسەيمىسۇڭ 地塞米松) پلازما ھۈجەيرىسىنىڭ ئانتىتېلا ھاسىل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، لىمفا توقۇلمىلىرىنىڭ يىگىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، لىمفا ھۈجەيرىسى ۋە كومپلېمېنتنىڭ ئىممۇنىتېت رېياكسىيەسىگە قاتنىشىشىنى چەكلەيدۇ.
  (2) ھىدروكورتىزون: ھىدروكورتىزون (چىڭخۇاكېدىسۇڭ 氢化可的松) توخۇ ئىممۇنىتېت ئەزالىرىنىڭ بىنورمال يېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پلازما ھۈجەيرىسىنىڭ ئانتىتېلا ھاسىل قىلىشىنى چەكلەيدۇ. ئىممۇن ئاكتىپ ھۈجەيرىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى چەكلەيدۇ.
  (3) كورتىزون (كېدىسۇڭ 可的松)، چياڭدىسۇڭ (强的松) تۆش بېزى ۋە تالنىڭ ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىپ، ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىپ، ئىممۇنىتېت پەيدا بولۇشنى چەكلەيدۇ.
  4. ئۆسۈملۈك دورىلار
  دارچىن، كۆك ئەمەن، سېرىق بۇيا: ئالدىنقى ئىككىسى زەھەر قايتۇرۇش دورىسى، كېيىنكىسى ئىسسىقنى قايتۇرۇش دورىسى بولۇپ، بۇ دورىلارنىڭ ھايۋانلاردا ئىممۇنىتېت پەيدا بولۇشىنى چەكلەش رولى بار.
  5. باشقا دورىلار
  (1) ئامىن سىللوفوسفات: ئامىن سىللوفوسفات (خۇەنلىنسۇەنئەن 环磷酸胺) نىڭ تال، تۆش بېزىنىڭ ئېغىرلىقى يېنىكلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، ئاق قان ھۈجەيرىسىنى ئازلىتىۋېتىش، B لىمفا ھۈجەيرىسىنىڭ ئانتىتېلا ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى چەكلەش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق رولى بار.
  (2) پروگېستىن: پروگېستىن (يۈنتوڭ 孕酮) نىڭ مىقدارى بىلەن لىمفا ھۈجەيرىسىنىڭ نىسبىتى ئوتتۇرىسىدا تەتۈر مۇناسىۋەت بار. پروگېستىن T لىمفا ھۈجەيرىسىنىڭ فۇنكسىيەسىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، ئاكتىپلىقى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. ئىممۇنىتېتنى چەكلەش رولى بار.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر