ئوپېراتسىيە قىلىشتىن ئىلگىرى چارۋىلارغا يۈرەك كۈچەيتكۈچى ئوكۇللارنى ئۇرۇش ئارقىلىق، يۈرەكنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئوپېراتسىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا شارائىت ھازىرلىغىلى بولىدۇ.
1. ئاتروفىن سۇلفات (硫酸阿托品) ئوكۇلىنى ئوپېراتسىيەدىن 15~10 مىنۇت ئىلگىرى ئات - كالىغا 30~15 مىللىگىرام، قويغا 4~2 مىللىگىرام تېرە ئاستىغا ئۇرۇش كېرەك.
2. ئوپېراتسىيە قىلىشتىن 3 سائەت ئىلگىرى دېگىتالىس (洋地黄) ئوكۇلىنى چارۋىلارنىڭ ھەر كىلوگرام تەن ئېغىرلىقىغا 0.012~0.006 مىللىگىرامدىن، بىرىنچى قېتىمدا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 2/1 ىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر 2 سائەتتە ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 10/1 ىنى تاكى يۈرەك كۈچەيگەنگە قەدەر ۋىنادىن ئۇرۇش لازىم. بۇ دورىنى ئىشلەتكەندە كالتسىي پرۇپاتلىرى بىلەن كالىي تۇزلىرىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
3. كامفورا (樟脑) ئوكۇلىنى ئوپېراتسىيەدىن 20~15 مىنۇت ئىلگىرى ئات - كالىغا 20~10 مىللىلىتىر، قويغا 10~5 مىللىلىتىردىن قىلىپ ۋىنادىن ياكى مۇسكۇلغا ئۇرۇش ياكى ناترىي كامفو سۇلفات ئوكۇلىنى ئات - كالىغا 2~1 گىرام، قويغا 1~0.2 مىللىگىرامدىن مۇسكۇل، ۋىنا ياكى تېرە ئاستىغا ئۇرۇش كېرەك.