قىشتا تېمپېراتۇرا تۆۋەن، مىكرو ئورگانىزملارنىڭ پائالىيىتى ئاستا بولغاچقا، ئوغۇتنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەيدۇ. پارنىك كۆكتاتلىرى ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە تولۇق ئوزۇقلۇققا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. شۇڭا، كۆكتاتلارنى تېز ئۈنۈملۈك ئوغۇتلار بىلەن ئوغۇتلاش كېرەك.
ئازوتلۇق ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاشتا، ئاممونىي ھىدروكاربونات (تەنسۇەنچىڭئەن 碳酸氢铵) نى ئىشلىتىش، فوسفورلۇق ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاشتا، ئىمكانقەدەر كالتسىي فوسفات (لىنسۇەنگەي 磷酸钙) نى ئىشلىتىش، كالىي ئوغۇتى بىلەن ئوغۇتلاشتا، كالىي خىلورىد (لۈخۇاجيا 氯化钾) نى ئىشلىتىش، بىرىكمە ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاشتا، %45 لىك ئۈچ ئېلېمېنتلىق بىرىكمە ئوغۇتنى ئىشلىتىش، مەھەللىۋى ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاشتا، گەندە سۈيى ئىشلىتىش كېرەك.
كالتسىي سۇپېرفوسفات (گولىنسۇەنگەي 过磷酸钙) تەركىبىدىكى ئۈنۈملۈك فوسفور (ⅴ) ئوكسىد (ۋۇياڭخۇائېرلىن 磷二化氧五) نىڭ مىقدارى %20~%14 بولۇپ، سۇدا ئېرىشچان تېز ئۈنۈملۈك فوسفور ئوغۇتى ھېسابلىنىدۇ. ئوغۇت ئۈنۈمى كالتسىي، ماگنىي، فوسفور ئوغۇتىدىن تېز.